ای اسرائیل بسوی یهوه خدای خودبازگشت نما زیرا بهسبب گناه خودلغزیدهای. | ۱ 1 |
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن. |
با خود سخنان گرفته، بسوی خداوند بازگشت نمایید و او را گویید: «تمامی گناه را عفو فرما و ما را به لطف مقبول فرما، پس گوساله های لبهای خویش را ادا خواهیم نمود. | ۲ 2 |
ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا [قۇربانلىقلار]»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار. |
آشور ما را نجات نخواهد داد و بر اسبان سوارنخواهیم شد و بار دیگر به عمل دستهای خودنخواهیم گفت که شما خدایان ما هستید چونکه ازتو یتیمان رحمت مییابند.» | ۳ 3 |
ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ». |
ارتداد ایشان را شفا داده، ایشان را مجان دوست خواهم داشت زیرا خشم من از ایشان برگشته است. | ۴ 4 |
ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى. |
برای اسرائیل مثل شبنم خواهم بود و او مانند سوسنها گل خواهد کرد و مثل لبنان ریشه های خود را خواهد دوانید. | ۵ 5 |
مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، يىلتىزلىرى لىۋان [كېدىر] دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛ |
شاخه هایش منتشر شده، زیبایی او مثل درخت زیتون وعطرش مانند لبنان خواهد بود. | ۶ 6 |
ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان [كېدىرىنىڭكىدەك] بولىدۇ. |
آنانی که زیرسایهاش ساکن میباشند، مثل گندم زیست خواهند کرد و مانند موها گل خواهندآورد. انتشار او مثل شراب لبنان خواهد بود. | ۷ 7 |
خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ لىۋاننىڭ شارابلىرى [ئاغزىدا قالغاندەك]، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ. |
افرایم خواهد گفت: مرا دیگر با بتها چهکار است؟ و من او را اجابت کرده، منظور خواهم داشت. من مثل صنوبر تر و تازه میباشم. میوه تو از من یافت میشود. | ۸ 8 |
ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!» |
کیست مرد حکیم که این چیزها رابفهمد و فهیمی که آنها را بداند؟ زیرا طریق های خداوند مستقیم است و عادلان در آنها سلوک مینمایند، اما خطاکاران در آنها لغزش میخورند. | ۹ 9 |
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. |