< پیدایش 36 >

و پیدایش عیسو که ادوم باشد، این است: ۱ 1
تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ
عیسو زنان خود را از دختران کنعانیان گرفت: یعنی عاده دختر ایلون حتی، واهولیبامه دختر عنی، دختر صبعون حوی، ۲ 2
ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛
وبسمه دختر اسماعیل، خواهر نبایوت. ۳ 3
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى.
و عاده، الیفاز را برای عیسو زایید، و بسمه، رعوئیل رابزاد، ۴ 4
ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى.
و اهولیبامه یعوش، و یعلام و قورح رازایید. اینانند پسران عیسو که برای وی در زمین کنعان متولد شدند. ۵ 5
ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى.
پس عیسو زنان و پسران ودختران و جمیع اهل بیت، و مواشی و همه حیوانات، و تمامی اندوخته خود را که در زمین کنعان اندوخته بود، گرفته، از نزد برادر خودیعقوب به زمین دیگر رفت. ۶ 6
ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى.
زیرا که اموال ایشان زیاده بود از آنکه با هم سکونت کنند. و زمین غربت ایشان بسبب مواشی ایشان گنجایش ایشان نداشت. ۷ 7
چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى.
و عیسو در جبل سعیر ساکن شد. وعیسو همان ادوم است. ۸ 8
بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
و این است پیدایش عیسو پدر ادوم در جبل سعیر: ۹ 9
تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ
اینست نامهای پسران عیسو: الیفاز پسرعاده، زن عیسو، و رعوئیل، پسر بسمه، زن عیسو. ۱۰ 10
ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
و بنی الیفاز: تیمان و اومار و صفوا و جعتام وقناز بودند. ۱۱ 11
و تمناع، کنیز الیفاز، پسر عیسوبود. وی عمالیق را برای الیفاز زایید. اینانندپسران عاده زن عیسو. ۱۲ 12
و اینانند پسران رعوئیل: نحت و زارع و شمه و مزه. اینانند پسران بسمه زن عیسو. ۱۳ 13
و اینانند پسران اهولیبامه دختر عنی، دختر صبعون، زن عیسو که یعوش ویعلام و قورح را برای عیسو زایید. ۱۴ 14
ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى.
اینانند امرای بنی عیسو: پسران الیفازنخست زاده عیسو، یعنی امیر تیمان و امیر اومار وامیر صفوا و امیر قناز، ۱۵ 15
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز،
و امیر قورح و امیرجعتام و امیر عمالیق. اینانند امرای الیفاز در زمین ادوم. اینانند پسران عاده. ۱۶ 16
ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
و اینان پسران رعوئیل بن عیسو می‌باشند: امیر نحت و امیر زارح و امیر شمه و امیر مزه. اینهاامرای رعوئیل در زمین ادوم بودند. اینانند پسران بسمه زن عیسو. ۱۷ 17
ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
و اینانند بنی اهولیبامه زن عیسو: امیریعوش و امیر یعلام و امیر قورح. اینها امرای اهولیبامه دختر عنی، زن عیسو می‌باشند. ۱۸ 18
ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى.
اینانند پسران عیسو که ادوم باشد و اینهاامرای ایشان می‌باشند. ۱۹ 19
بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، [ئېدومىيلارنىڭ] ئەمىرلىرى ئىدى.
و اینانند پسران سعیر حوری که ساکن آن زمین بودند، یعنی: لوطان و شوبال و صبعون وعنی، ۲۰ 20
ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ [ئېدوم] زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
و دیشون و ایصر و دیشان. اینانند امرای حوریان و پسران سعیر در زمین ادوم. ۲۱ 21
و پسران لوطان: حوری و هیمام بودند وخواهر لوطان تمناع، بود. ۲۲ 22
لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى.
و اینانند پسران شوبال: علوان و منحت و عیبال و شفو و اونام. ۲۳ 23
شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى.
و اینانند بنی صبعون: ایه و عنی. همین عنی است که چشمه های آب گرم را در صحرا پیدانمود، هنگامی که الاغهای پدر خود، صبعون رامی چرانید. ۲۴ 24
زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى.
و اینانند اولاد عنی: دیشون واهولیبامه دختر عنی. ۲۵ 25
ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى.
و اینانند پسران دیشان: حمدان و اشبان و بتران و کران. ۲۶ 26
دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى.
و اینانند پسران ایصر: بلهان و زعوان و عقان. ۲۷ 27
ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى.
اینانند پسران دیشان: عوص و اران. ۲۸ 28
دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى.
اینها امرای حوریانند: امیر لوطان و امیرشوبال و امیر صبعون و امیر عنی، ۲۹ 29
ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى.
امیر دیشون و امیر ایصر و امیر دیشان. اینها امرای حوریانند به حسب امرای ایشان در زمین سعیر. ۳۰ 30
و اینانند پادشاهانی که در زمین ادوم سلطنت کردند، قبل از آنکه پادشاهی بربنی‌اسرائیل سلطنت کند: ۳۱ 31
ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ
و بالع بن بعور درادوم پادشاهی کرد، و نام شهر او دینهابه بود. ۳۲ 32
بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى.
وبالع مرد، و در جایش یوباب بن زارح از بصره سلطنت کرد. ۳۳ 33
بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
و یوباب مرد، و در جایش حوشام از زمین تیمانی پادشاهی کرد. ۳۴ 34
يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
وحوشام مرد، و در جایش هداد بن بداد، که درصحرای موآب، مدیان را شکست داد، پادشاهی کرد، و نام شهر او عویت بود. ۳۵ 35
ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.
و هداد مرد، و درجایش سمله از مسریقه پادشاهی نمود. ۳۶ 36
ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
وسمله مرد، و شاول از رحوبوت نهر در جایش پادشاهی کرد. ۳۷ 37
ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
و شاول مرد، و در جایش بعل حانان بن عکبور سلطنت کرد. ۳۸ 38
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
و بعل حانان بن عکبور مرد، و در جایش، هدار پادشاهی کرد. ونام شهرش فاعو بود، و زنش مسمی به مهیطبئیل دختر مطرد، دختر می‌ذاهب بود. ۳۹ 39
ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى.
و اینست نامهای امرای عیسو، حسب قبائل ایشان و اماکن و نامهای ایشان: امیر تمناع وامیر علوه و امیر یتیت، ۴۰ 40
ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.
و امیر اهولیبامه و امیرایله و امیر فینون، ۴۱ 41
و امیر قناز و امیرتیمان و امیرمبصار، ۴۲ 42
و امیر مجدیئیل و امیر عیرام. اینان امرای ادومند، حسب مساکن ایشان در زمین ملک ایشان. همان عیسو پدر ادوم است. ۴۳ 43

< پیدایش 36 >