< پیدایش 21 >

و خداوند برحسب وعده خود، ازساره تفقد نمود، و خداوند، آنچه به ساره گفته بود، بجا آورد. ۱ 1
ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى.
و ساره حامله شده، ازابراهیم در‌پیری‌اش، پسری زایید، در وقتی که خدا به وی گفته بود. ۲ 2
ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
و ابراهیم، پسر مولود خودرا، که ساره از وی زایید، اسحاق نام نهاد. ۳ 3
ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى.
و ابراهیم پسر خود اسحاق را، چون هشت روزه بود، مختون ساخت، چنانکه خدا او را امر فرموده بود. ۴ 4
ئاندىن ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى.
و ابراهیم، در هنگام ولادت پسرش، اسحاق، صد ساله بود. ۵ 5
ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى.
و ساره گفت: «خدا خنده برای من ساخت، و هر‌که بشنود، با من خواهدخندید.» ۶ 6
ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى.
و گفت: «که بود که به ابراهیم بگوید، ساره اولاد را شیر خواهد داد؟ زیرا که پسری برای وی، در‌پیری‌اش زاییدم.» ۷ 7
ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى.
و آن پسر نموکرد، تا او را از شیر باز گرفتند. و در روزی که اسحاق را از شیر باز داشتند، ابراهیم ضیافتی عظیم کرد. ۸ 8
بالا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى.
آنگاه ساره، پسر هاجر مصری را که ازابراهیم زاییده بود، دید که خنده می‌کند. ۹ 9
ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇلنىڭ [ئىسھاقنى] مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى.
پس به ابراهیم گفت: «این کنیز را با پسرش بیرون کن، زیرا که پسر کنیز با پسر من اسحاق، وارث نخواهد بود.» ۱۰ 10
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى.
اما این امر، بنظر ابراهیم، درباره پسرش بسیار سخت آمد. ۱۱ 11
[ساراھنىڭ] بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى [ئىسمائىلمۇ] ئۇنىڭ ئوغلى-دە!
خدا به ابراهیم گفت: «درباره پسر خود و کنیزت، بنظرت سخت نیاید، بلکه هر‌آنچه ساره به تو گفته است، سخن او رابشنو، زیرا که ذریت تو از اسحاق خوانده خواهدشد. ۱۲ 12
لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: ــ بالاڭ ۋە دېدىكىڭ ۋەجىدىن بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن، بەلكى ساراھنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئىسھاقتىن بولغىنى سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ.
و از پسر کنیز نیز امتی بوجود آورم، زیراکه او نسل توست.» ۱۳ 13
لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى.
بامدادان، ابراهیم برخاسته، نان و مشکی از آب گرفته، به هاجر داد، و آنها را بر دوش وی نهاد، و او را با پسر روانه کرد. پس رفت، و در بیابان بئرشبع می‌گشت. ۱۴ 14
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ ھەجەرگە بېرىپ، ئۆشنىسىگە يۈدكۈزۈپ، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر كېتىپ، بەئەر-شېبانىڭ چۆلىدە كېزىپ يۈردى.
وچون آب مشک تمام شد، پسر را زیر بوته‌ای گذاشت. ۱۵ 15
ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى.
و به مسافت تیر پرتابی رفته، در مقابل وی بنشست، زیرا گفت: «موت پسر را نبینم.» و در مقابل او نشسته، آواز خود را بلند کرد وبگریست. ۱۶ 16
و خدا، آواز پسر را بشنید، و فرشته خدا از آسمان، هاجر را ندا کرده، وی را گفت: «ای هاجر، تو را چه شد؟ ترسان مباش، زیراخدا، آواز پسر را در آنجایی که اوست، شنیده است. ۱۷ 17
خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ [يىغا] ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى.
برخیز و پسر را برداشته، او را به‌دست خود بگیر، زیرا که از او، امتی عظیم بوجودخواهم آورد.» ۱۸ 18
ئەمدى قوپۇپ، قولۇڭ بىلەن بالىنى يۆلەپ تۇرغۇز؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر ئەل-مىللەت قىلىمەن، ــ دېدى.
و خدا چشمان او را باز کرد تاچاه آبی دید. پس رفته، مشک را از آب پر کرد، وپسر را نوشانید. ۱۹ 19
شۇئان خۇدا [ھەجەرنىڭ] كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۇ بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچكۈزدى.
و خدا با آن پسر می‌بود. و اونمو کرده، ساکن صحرا شد، و در تیراندازی بزرگ گردید. ۲۰ 20
خۇدا ئۇ بالا بىلەن بىللە بولدى؛ ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى.
و در صحرای فاران، ساکن شد. ومادرش زنی از زمین مصر برایش گرفت. ۲۱ 21
ئۇ پاران چۆلىدە تۇردى؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىر زېمىنىدىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
و واقع شد، در آن زمانی که ابی ملک، وفیکول، که سپهسالار او بود، ابراهیم را عرض کرده، گفتند که «خدا در آنچه می‌کنی با توست. ۲۲ 22
ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر.
اکنون برای من، در اینجا به خدا سوگند بخور، که با من و نسل من و ذریت من خیانت نخواهی کرد، بلکه برحسب احسانی که با تو کرده‌ام، با من و با زمینی که در آن غربت پذیرفتی، عمل خواهی نمود.» ۲۳ 23
ئەمدى سەن دەل مۇشۇ يەردە ماڭا، ئوغلۇمغا ۋە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بەرگەيسەن؛ مەن ساڭا كۆرسىتىپ كەلگەن مېھرىبانلىقىمدەك، سەنمۇ ماڭا ۋە سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۇرتقا مېھرىبانلىق قىلغايسەن، ــ دېدى.
ابراهیم گفت: «من سوگند می‌خورم.» ۲۴ 24
ئىبراھىم: قەسەم قىلىپ بېرەي، دېدى.
و ابراهیم ابی ملک را تنبیه کرد، بسبب چاه آبی که خادمان ابی ملک، از او به زور گرفته بودند. ۲۵ 25
ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەكنى ئەيىبلىدى.
ابی ملک گفت: «نمی دانم کیست که این کار راکرده است، و تو نیز مرا خبر ندادی، و من هم تاامروز نشنیده بودم.» ۲۶ 26
ئابىمەلەك: ــ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى بىلمەيمەن؛ سەن بۇ ئىشنى ماڭىمۇ ئېيتماپسەن؛ مەن بۇ ئىشنى پەقەت بۈگۈنلا ئاڭلىشىم، ــ دېدى.
و ابراهیم، گوسفندان وگاوان گرفته، به ابی ملک داد، و با یکدیگر عهدبستند. ۲۷ 27
ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ ئابىمەلەككە تەقدىم قىلدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىككىلىسى ئەھدە قىلىشتى.
و ابراهیم، هفت بره از گله جدا ساخت. ۲۸ 28
ئىبراھىم يەنە پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى.
۲۹ 29
ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى،
گفت: «که این هفت بره ماده را از دست من قبول فرمای، تا شهادت باشدکه این چاه را من حفر نمودم.» ۳۰ 30
ئۇ: ــ مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭغا گۇۋاھلىق سۈپىتىدە بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
از این سبب، آن مکان را، بئرشبع نامید، زیرا که در آنجا با یکدیگرقسم خوردند. ۳۱ 31
بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى.
و چون آن عهد را در بئرشبع بسته بودند، ابی ملک با سپهسالار خود فیکول برخاسته، به زمین فلسطینیان مراجعت کردند. ۳۲ 32
شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى.
و ابراهیم در بئرشبع، شوره کزی غرس نمود، ودر آنجا به نام یهوه، خدای سرمدی، دعا نمود. ۳۳ 33
ئىبراھىم بەئەر-شېبادا بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ، ئۇ يەردە ئەبەدىي تەڭرى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى.
پس ابراهیم در زمین فلسطینیان، ایام بسیاری بسر برد. ۳۴ 34
ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى.

< پیدایش 21 >