< حزقیال 9 >

و او به آواز بلند به گوش من ندا کرده، گفت: «وکلای شهر را نزدیک بیاور و هرکس آلت خراب کننده خود را در دست خود بدارد.» ۱ 1
ئۇ قۇلىقىمغا كۈچلۈك بىر ئاۋازدا توۋلاپ: ــ يېقىن كېلىڭلار، شەھەرگە مەسئۇل بولغۇچىلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ھالاكەت قورالىڭلارنى قولۇڭلارغا تۇتۇڭلار، ــ دېدى.
و اینک شش مرد از راه دروازه بالایی که بطرف شمال متوجه است آمدند و هرکس تبرخود را در دستش داشت. و در میان ایشان یک مرد ملبس شده به کتان بود و دوات کاتب درکمرش. و ایشان داخل شده، نزد مذبح برنجین ایستادند. ۲ 2
ۋە مانا، ئالتە كىشىنىڭ [ئىبادەتخانىنىڭ] شىمالىغا قارايدىغان «يۇقىرى دەرۋازا» تەرەپتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن بىرسى بار ئىدى؛ ۋە ئۇلار [ئىبادەتخانىغا] كىرىپ، مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇردى.
و جلال خدای اسرائیل از روی آن کروبی که بالای آن بود به آستانه خانه برآمد و به آن مردی که به کتان ملبس بود و دوات کاتب را درکمر داشت خطاب کرد. ۳ 3
شۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. پەرۋەردىگار يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ
و خداوند به او گفت: «از میان شهر یعنی از میان اورشلیم بگذر و برپیشانی کسانی که به‌سبب همه رجاساتی که در آن کرده می‌شود آه و ناله می‌کنند نشانی بگذار. ۴ 4
شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى.
و به آنان به سمع من گفت که در عقب او از شهربگذرید و هلاک سازید و چشمان شما شفقت نکند و ترحم منمایید. ۵ 5
ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار!
پیران و جوانان و دختران و اطفال و زنان را تمام به قتل رسانید، اما به هرکسی‌که این نشان را دارد نزدیک مشوید و ازقدس من شروع کنید.» پس از مردان پیری که پیش خانه بودند شروع کردند. ۶ 6
بىرنىمۇ قويماي ھەممىنى ــ قېرىلار، ياش يىگىت-قىزلار، بوۋاق-بالىلار ۋە ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ پەقەت بەلگە قويۇلغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماڭلار؛ بۇ ئىشنى ئۆز مۇقەددەس جايىمدىن باشلاڭلار، ــ دېدى. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا تۇرغان ھېلىقى ئاقساقاللاردىن باشلىغان.
و به ایشان فرمود: «خانه را نجس سازید وصحنها را از کشتگان پر ساخته، بیرون آیید.» پس بیرون آمدند و در شهر به کشتن شروع کردند. ۷ 7
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۆينى بۇلغاڭلار، ھويلىلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار؛ ئەمدى بېرىڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىقىپ شەھەر بويىچە ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىدى.
وچون ایشان می‌کشتند و من باقی‌مانده بودم به روی خود در‌افتاده، استغاثه نمودم و گفتم: «آه‌ای خداوند یهوه آیا چون غضب خود را براورشلیم می‌ریزی تمامی بقیه اسرائیل را هلاک خواهی ساخت؟» ۸ 8
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئادەملەرنى قىرغىنىدا، مەن يالغۇز قالدىم؛ ئۆزۈمنى يەرگە دۈم تاشلىدىم ۋە: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟ ــ دېدىم.
او مرا جواب داد: «گناه خاندان اسرائیل و یهودا بی‌نهایت عظیم است وزمین از خون مملو و شهر از ستم پر است. زیرامی گویند: خداوند زمین را ترک کرده است وخداوند نمی بیند. ۹ 9
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى ئىنتايىن رەزىل؛ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ.
پس چشم من نیز شفقت نخواهد کرد و من رحمت نخواهم فرمود، بلکه رفتار ایشان را بر سر ایشان خواهم آورد.» ۱۰ 10
«مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى.
واینک آن مردی که به کتان ملبس بود و دوات را درکمر داشت، جواب داد و گفت: «به نهجی که مراامر فرمودی عمل نمودم.» ۱۱ 11
ۋە مانا، يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنىنى ئاسقان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشى قىلغان ئىشنى مەلۇم قىلىپ: «ماڭا سەن بۇيرۇغان ئىشنى ئورۇندىدىم» ــ دېدى.

< حزقیال 9 >