«و این است نامهای اسباط: از طرف شمال تا جانب حتلون و مدخل حمات و حصر عینان نزد سرحد شمالی دمشق تا جانب حمات حد آنها از مشرق تا مغرب. برای دان یک قسمت. | ۱ 1 |
تۆۋەندە قەبىلىلەر نامى بويىچە تىزىملىنىدۇ؛ شىمال تەرىپىدە دان قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشى بار. ئۇنىڭ چېگرىسى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شىمالىي چېگرىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە ۋە ھازار-ئېنان شەھىرىگىچە سوزۇلغان (ھازار-ئېنان دەمەشق چېگرىسىغا يانداش بولۇپ، دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى خامات شەھىرىنىڭ يېنىدا). ئۇنىڭ ئۈلۈشى شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغاندۇر. |
و نزد حد دان از طرف مشرق تا طرف مغرب برای اشیر یک قسمت. | ۲ 2 |
داننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئاشىر قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد اشیر ازطرف مشرق تا طرف مغرب برای نفتالی یک قسمت. | ۳ 3 |
ئاشىرنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن نافتالى قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد نفتالی از طرف مشرق تاطرف مغرب برای منسی یک قسمت. | ۴ 4 |
نافتالىنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حدمنسی از طرف مشرق تا طرف مغرب برای افرایم یک قسمت. | ۵ 5 |
ماناسسەھنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد افرایم از طرف مشرق تاطرف مغرب برای رئوبین یک قسمت. | ۶ 6 |
ئەفرائىمنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن رۇبەن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حدرئوبین از طرف مشرق تا طرف مغرب برای یهودایک قسمت. | ۷ 7 |
رۇبەننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد یهودا از طرف مشرق تاطرف مغرب هدیهای که میگذرانید خواهد بودکه عرضش بیست و پنجهزار (نی ) و طولش ازجانب مشرق تا جانب مغرب موافق یکی از این قسمتها باشد و مقدس در میانش خواهد بود. | ۸ 8 |
يەھۇدانىڭ چېگرىسىغا تۇتاشقان، شەرقتىن غەربكىچە سوزۇلغان زېمىن، سىلەرنىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈلۈشتىكىدەك بولىدۇ؛ مۇقەددەس جاي ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. |
و طول این هدیهای که برای خداوند میگذرانیدبیست و پنج هزار(نی ) و عرضش ده هزار (نی )خواهد بود. | ۹ 9 |
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولىدۇ. |
و این هدیه مقدس برای اینان یعنی برای کاهنان میباشد و طولش بطرف شمال بیست و پنجهزار و عرضش بطرف مغرب ده هزارو عرضش بطرف مشرق ده هزار و طولش بطرف جنوب بیست و پنجهزار (نی ) میباشد و مقدس خداوند در میانش خواهد بود. | ۱۰ 10 |
بۇ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» كاھىلار ئۈچۈن بولىدۇ. شىمالىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، غەربىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]، شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]، جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. |
و این برای کاهنان مقدس از بنی صادوق که ودیعت مرا نگاه داشتهاند خواهد بود، زیرا ایشان هنگامی که بنیاسرائیل گمراه شدند و لاویان نیز ضلالت ورزیدند، گمراه نگردیدند. | ۱۱ 11 |
بۇ يەر زادوك ئەۋلادلىرىدىن بولغان، پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. ئىسرائىل ئېزىپ كەتكەندە، ئۇلار لاۋىيلار ئېزىپ كەتكەندەك ئېزىپ كەتمىگەن، بەلكى مەن تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتكە سادىق بولغانىدى. |
لهذا این برای ایشان از هدیه زمین، هدیه قدس اقداس به پهلوی سرحد لاویان خواهد بود. | ۱۲ 12 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاھىدە «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەر بولسا پۈتۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان زېمىننىڭ ئىچىدىن بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن «ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسە» دەپ بىلىنسۇن. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقان بولىدۇ. |
و مقابل حد کاهنان حصهای که طولش بیست و پنجهزار و عرضش ده هزار (نی ) باشد برای لاویان خواهد بود، پس طول تمامش بیست و پنجهزار و عرضش ده هزار(نی ) خواهد بود. | ۱۳ 13 |
كاھىنلارنىڭ ئۈلۈشىنىڭ چېگرىسىغا تۇتاش بولغان يەر لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا]. پۈتكۈل ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولىدۇ. |
و از آن چیزی نخواهندفروخت و مبادله نخواهند نمود و نوبرهای زمین صرف دیگران نخواهد شد زیرا که برای خداوندمقدس میباشد. | ۱۴ 14 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەرنى ھېچ ساتمايدۇ ياكى ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئېسىلىنى باشقىلارغا ھېچ ئۆتكۈزمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس دەپ ئاتالغان. |
و پنجهزار (نی ) که ازعرضش مقابل آن بیست و پنجهزار (نی ) باقی میماند عام خواهد بود، به جهت شهر و مسکن هاو نواحی شهر. و شهر در وسطش خواهد بود. | ۱۵ 15 |
قالغان يەر، كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، ئادەتتىكى يەر بولۇپ، شەھەر ئۈچۈن، يەنى ئۆيلەر ۋە ئورتاق بوش يەر ئۈچۈن بولىدۇ. شەھەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. |
و پیمایشهای آن این است: بطرف شمال چهارهزار و پانصد و بطرف جنوب چهار هزار و پانصدو به طرف مشرق چهار هزار و پانصد و به طرف مغرب چهار هزار و پانصد (ذراع ). | ۱۶ 16 |
شەھەرنىڭ ئۆلچەملىرى مۇنداق بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، جەنۇبىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، شەرقىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا]، ۋە غەربىي تەرىپى تۆت مىڭ بەش يۈز [خادا] بولىدۇ. |
و نواحی شهر بطرف شمال دویست و پنجاه و بطرف جنوب دویست و پنجاه و بطرف مشرق دویست و پنجاه و بطرف مغرب دویست و پنجاه خواهدبود. | ۱۷ 17 |
شەھەرنىڭ بوش يەرلىرى بولسا، شىمالغا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە، جەنۇبقا قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە، شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكىدە، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئىككى يۈز ئەللىك [خادا] كەڭلىكتە بولىدۇ. |
و آنچه از طولش مقابل هدیه مقدس باقی میماند بطرف مشرق ده هزار و بطرف مغرب ده هزار (نی ) خواهد بود و این مقابل هدیه مقدس باشد و محصولش خوراک آنانی که در شهر کارمی کنند خواهد بود. | ۱۸ 18 |
قالغان ئىككى پارچە يەر مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىپ ئۇنىڭغا پاراللېل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى شەرققە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ [خادا]، غەربكە قارايدىغان تەرىپى ئون مىڭ [خادا]؛ بۇلار مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان يەرگە تۇتىشىدۇ؛ بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. |
و کارکنان شهر از همه اسباط اسرائیل آن را کشت خواهند کرد. | ۱۹ 19 |
ئۇنى تېرىيدىغانلار، يەنى شەھەرنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن بولىدۇ. |
پس تمامی هدیه بیست و پنجهزار در بیست و پنجهزار (نی ) باشد این هدیه مقدس را با ملک شهر مربع خواهید گذرانید. | ۲۰ 20 |
پۈتكۈل «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولسا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ سىلەر بۇ تۆت چاسىلىق مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە شەھەرگە تەۋە جايلارنىمۇ قوشۇپ سۇنىسىلەر. |
و بقیه آن بهر دوطرف هدیه مقدس و ملک شهر از آن رئیس خواهد بود؛ و این حصه رئیس نزد حد شرقی دربرابر آن بیست و پنجهزار (نی ) هدیه و نزد حدغربی هم برابر بیست و پنجهزار (نی هدیه )خواهد بود؛ و هدیه مقدس و مقدس خانه درمیانش خواهد بود. | ۲۱ 21 |
مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە» بىلەن شەھەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى قالغان زېمىنلەر شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە يانداش شەرقتىن شەرققە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى يەر ۋە غەربتىن غەربكە سوزۇلغان يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى يەر [قەبىلىلەرنىڭ] ئۈلۈشلىرىگە پاراللېل بولۇپ، بۇلار شاھزادە ئۈچۈندۇر؛ مۇقەددەس «كۆتۈرمە ھەدىيە»، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، |
و از ملک لاویان و از ملک شهرکه در میان ملک رئیس است، حصهای درمیان حد یهودا و حد بنیامین از آن رئیس خواهدبود. | ۲۲ 22 |
شۇنىڭدەك لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى ۋە شەھەرنىڭ ئىگىلىكىمۇ شاھزادىنىڭ تەۋەلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. يەھۇدانىڭ چېگرىسى ۋە بىنيامىننىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ زېمىنلار شاھزادە ئۈچۈن بولىدۇ. |
و اما برای بقیه اسباط از طرف مشرق تاطرف مغرب برای بنیامین یک قسمت. | ۲۳ 23 |
قالغان قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى بولسا: ــ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن شەرقتىن غەرب تەرەپكە سوزۇلغان بىر ئۈلۈشى بولىدۇ. |
و نزدحد بنیامین از طرف مشرق تا طرف مغرب برای شمعون یک قسمت. | ۲۴ 24 |
بىنيامىننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن شىمېئون قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد شمعون ازطرف مشرق تا طرف مغرب برای یساکار یک قسمت. | ۲۵ 25 |
شىمېئوننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد یساکار از طرف مشرق تاطرف مغرب برای زبولون یک قسمت. | ۲۶ 26 |
ئىسساكارنىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزدحد زبولون از طرف مشرق تا طرف مغرب برای جاد یک قسمت. | ۲۷ 27 |
زەبۇلۇننىڭ چېگرىسىغا يانداش بولغان، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان زېمىن گاد قەبىلىسىنىڭ بىر ئۈلۈشىدۇر. |
و نزد حد جاد بطرف جنوب بهجانب راست حد (زمین ) از تامار تا آب مریبه قادش و نهر (مصر) و دریای بزرگ خواهدبود.» | ۲۸ 28 |
گادنىڭ يان تەرىپى، يەنى جەنۇبىي تەرىپى، پۈتكۈل زېمىننىڭ جەنۇبىي چېگرىسى تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن [مىسىر] ۋادىسىنى بويلاپ «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. |
خداوند یهوه میگوید: «این است زمینی که برای اسباط اسرائیل به ملکیت تقسیم خواهیدکرد و قسمت های ایشان این میباشد. | ۲۹ 29 |
بۇ سىلەر ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىگە مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىدىغان زېمىن بولىدۇ؛ بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
و این است مخرج های شهر بطرف شمال چهار هزار وپانصد پیمایش. | ۳۰ 30 |
تۆۋەندە شەھەرنىڭ چىقىش يوللىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا] بولىدۇ؛ |
و دروازه های شهر موافق نامهای اسباط اسرائیل باشد یعنی سه دروازه بطرف شمال. دروازه رئوبین یک و دروازه یهودایک و دروازه لاوی یک. | ۳۱ 31 |
شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ نامى بويىچە بولىدۇ؛ شىمالىي تەرىپىدە ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى رۇبەننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى يەھۇدانىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى لاۋىينىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ |
و بطرف مشرق چهارهزار و پانصد (نی ) و سه دروازه یعنی دروازه یوسف یک و دروازه بنیامین یک و دروازه دان یک. | ۳۲ 32 |
شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى يۈسۈپنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى بىنيامىننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى داننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. |
و بطرف جنوب چهار هزار و پانصدپیمایش و سه دروازه یعنی دروازه شمعون یک ودروازه یساکار یک و دروازه زبولون یک. | ۳۳ 33 |
جەنۇبىي تەرىپىنىڭ ئۆلچىمى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى شىمېئوننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئىسساكارنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى زەبۇلۇننىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. |
وبطرف مغرب چهار هزار و پانصد (نی ) و سه دروازه یعنی دروازه جاد یک و دروازه اشیر یک ودروازه نفتالی یک. | ۳۴ 34 |
شەرقىي تەرىپىنىڭ كەڭلىكى تۆت يۈز ئەللىك [خادا]، ئۇنىڭدا ئۈچ قوۋۇق بولىدۇ؛ بىرى گادنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى ئاشىرنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ؛ بىرى نافتالىنىڭ قوۋۇقى بولىدۇ. |
و محیطش هجده هزار(نی ) میباشد و اسم شهر از آن روز یهوه شمه خواهد بود.» | ۳۵ 35 |
جەمئىي بولۇپ ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئون سەككىز مىڭ [خادا] بولىدۇ؛ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەرنىڭ نامى: «پەرۋەردىگار شۇ يەردە» بولىدۇ. |