< حزقیال 40 >

در سال بیست و پنجم اسیری ما درابتدای سال، در دهم ماه که سال چهاردهم بعد از تسخیر شهر بوده، در همان روزدست خداوند بر من نازل شده، مرا به آنجا برد. ۱ 1
بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى [شەھەرگە] ئاپاردى.
در رویاهای خدا مرا به زمین اسرائیل آورد. ومرا بر کوه بسیار بلند قرار داد که بطرف جنوب آن مثل بنای شهر بود. ۲ 2
خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى.
و چون مرا به آنجا آورد، اینک مردی که نمایش او مثل نمایش برنج بود ودر دستش ریسمانی از کتان و نی برای پیمودن بود و نزد دروازه ایستاده بود. ۳ 3
ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى.
آن مرد مرا گفت: «ای پسر انسان به چشمان خود ببین و به گوشهای خویش بشنو و دل خود را به هرچه به تو نشان دهم، مشغول ساز زیرا که تو را در اینجا آوردم تااین چیزها را به تو نشان دهم. پس خاندان اسرائیل را از هر‌چه می‌بینی آگاه ساز.» ۴ 4
بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل».
و اینک حصاری بیرون خانه گرداگردش بود. و به‌دست آن مرد نی پیمایش شش ذراعی بود که هر ذراعش یک ذراع و یک قبضه بود. پس عرض بنا را یک نی و بلندیش را یک نی پیمود. ۵ 5
ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى.
پس نزددروازه‌ای که بسوی مشرق متوجه بود آمده، به پله هایش برآمد. و آستانه دروازه را پیمود که عرضش یک نی بود و عرض آستانه دیگر را که یک نی بود. ۶ 6
ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى.
و طول هر غرفه یک نی بود وعرضش یک نی. و میان غرفه‌ها مسافت پنج ذراع. و آستانه دروازه نزد رواق دروازه از طرف اندرون یک نی بود. ۷ 7
[دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى] ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ [ئىككى تەرىپىنىڭ] ئۇزۇنلۇقى [ئايرىم-ئايرىم] بىر «خادا» چىقتى؛
و رواق دروازه را از طرف اندرون یک نی پیمود. ۸ 8
ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، [ئۇزۇنلۇقى] بىر خادا چىقتى.
پس رواق دروازه را هشت ذراع واسبرهایش را دو ذراع پیمود. و رواق دروازه بطرف اندرون بود. ۹ 9
ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى.
و حجره های دروازه بطرف شرقی، سه از اینطرف و سه از آنطرف بود. و هرسه را یک پیمایش و اسبرها را از اینطرف وآنطرف یک پیمایش بود. ۱۰ 10
شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى.
و عرض دهنه دروازه را ده ذراع و طول دروازه را سیزده ذراع پیمود. ۱۱ 11
ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى.
و محجری پیش روی حجره‌ها ازاینطرف یک ذراع و محجری از آنطرف یک ذراع و حجره‌ها از این طرف شش ذراع و از آنطرف شش ذراع بود. ۱۲ 12
بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى.
و عرض دروازه را از سقف یک حجره تا سقف دیگری بیست و پنج ذراع پیمود. و دروازه در مقابل دروازه بود. ۱۳ 13
ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىدىن] ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىغىچە] يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى.
و اسبرهاراشصت ذراع ساخت و رواق گرداگرد دروازه به اسبرها رسید. ۱۴ 14
ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى.
و پیش دروازه مدخل تا پیش رواق دروازه اندرونی پنجاه ذراع بود. ۱۵ 15
دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى.
وحجره‌ها و اسبرهای آنها را به اندرون دروازه پنجره های مشبک بهر طرف بود و همچنین رواقها را. و پنجره‌ها بطرف اندرون گرداگرد بود وبر اسبرها نخلها بود. ۱۶ 16
ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى.
پس مرا به صحن بیرونی آورد و اینک اطاقها و سنگ فرشی که برای صحن از هر طرفش ساخته شده بود. و سی اطاق بر آن سنگ فرش بود. ۱۷ 17
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان.
و سنگ فرش یعنی سنگ فرش پائینی به‌جانب دروازه‌ها یعنی به اندازه طول دروازه‌ها بود. ۱۸ 18
بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى.
و عرضش را از برابر دروازه پایینی تا پیش صحن اندرونی از طرف بیرون صد ذراع به سمت مشرق و سمت شمال پیمود. ۱۹ 19
ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى.
و طول و عرض دروازه‌ای را که رویش بطرف شمال صحن بیرونی بود پیمود. ۲۰ 20
ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى.
و حجره هایش سه ازاینطرف و سه از آنطرف و اسبرهایش ورواقهایش موافق پیمایش دروازه اول بود. طولش پنجاه ذراع و عرضش بیست و پنج ذراع. ۲۱ 21
ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز.
و پنجره هایش و رواقهایش و نخلهایش موافق پیمایش دروازه‌ای که رویش به سمت مشرق است بود. و به هفت پله به آن برمی آمدند ورواقهایش پیش روی آنها بود. ۲۲ 22
ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى.
و صحن اندرونی را دروازه‌ای در مقابل دروازه دیگربطرف شمال و بطرف مشرق بود. و از دروازه تادروازه صد ذراع پیمود. ۲۳ 23
ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى.
پس مرا بطرف جنوب برد. و اینک دروازه‌ای به سمت جنوب و اسبرهایش ورواقهایش را مثل این پیمایشها پیمود. ۲۴ 24
ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى.
و برای آن و برای رواقهایش پنجره‌ها مثل آن پنجره هاگرداگردش بود. و طولش پنجاه ذراع و عرضش بیست و پنج ذراع بود. ۲۵ 25
دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
وزینه های آن هفت پله داشت. و رواقش پیش آنها بود. و آن را نخلهایکی از اینطرف و دیگری از آنطرف براسبرهایش بود. ۲۶ 26
ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى.
و صحن اندرونی بطرف جنوب دروازه‌ای داشت و از دروازه تا دروازه به سمت جنوب صد ذراع پیمود. ۲۷ 27
ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى.
و مرا از دروازه جنوبی به صحن اندرونی آورد. و دروازه جنوبی را مثل این پیمایشها پیمود. ۲۸ 28
ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى.
و حجره هایش واسبرهایش و رواقهایش موافق این پیمایشها بود. و در آن و در رواقهایش پنجره‌ها گرداگردش بودو طولش پنجاه ذراع و عرضش بیست و پنج ذراع بود. ۲۹ 29
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
و طول رواقی که گرداگردش بود بیست وپنج ذراع و عرضش پنج ذراع بود. ۳۰ 30
ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى.
و رواقش به صحن بیرونی می‌رسید. و نخلها بر اسبرهایش بودو زینه‌اش هشت پله داشت. ۳۱ 31
ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
پس مرا به صحن اندرونی به سمت مشرق آورد. و دروازه را مثل این پیمایشها پیمود. ۳۲ 32
ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى.
وحجره هایش و اسبرهایش و رواقهایش موافق این پیمایشها بود. و درآن و در رواقهایش پنجره‌ها برهر طرفش بود و طولش پنجاه ذراع و عرضش بیست و پنج ذراع بود. ۳۳ 33
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
و رواقهایش بسوی صحن بیرونی و نخلها بر اسبرهایش از این طرف وآنطرف بود و زینه‌اش هفت پله داشت. ۳۴ 34
ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىنىڭ] ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
و مرا به دروازه شمالی آورد و آن را مثل این پیمایشهاپیمود. ۳۵ 35
ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى.
و حجره هایش و اسبرهایش ورواقهایش را نیز. و پنجره‌ها گرداگردش بود وطولش پنجاه ذراع و عرضش بیست و پنج ذراع بود. ۳۶ 36
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى [باشقىلىرىغا] ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى.
و اسبرهایش بسوی صحن بیرونی بود. ونخلها بر اسبرهایش از اینطرف و از آنطرف بود وزینه‌اش هشت پله داشت. ۳۷ 37
ئۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىدىكى] ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى.
و نزد اسبرهای دروازه‌ها اطاقی بادروازه‌اش بود که در آن قربانی های سوختنی رامی شستند. ۳۸ 38
ھەربىر دەرۋازا [ئىككى] تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى.
و در رواق دروازه دو میز ازاینطرف و دو میز از آن طرف بود تا بر آنهاقربانی های سوختنی و قربانی های گناه وقربانی های جرم را ذبح نمایند. ۳۹ 39
دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ.
و به یک جانب از طرف بیرون نزد زینه دهنه دروازه شمالی دومیز بود. و به‌جانب دیگر که نزد رواق دروازه بوددو میز بود. ۴۰ 40
شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى.
چهار میز از اینطرف و چهار میز ازآنطرف به پهلوی دروازه بود یعنی هشت میز که بر آنها ذبح می‌کردند. ۴۱ 41
شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ.
و چهار میز برای قربانی های سوختنی از سنگ تراشیده بود که طول هر یک یک ذراع و نیم و عرضش یک ذراع ونیم و بلندیش یک ذراع بود و بر آنها آلاتی را که به آنها قربانی های سوختنی و ذبایح را ذبح می‌نمودند، می‌نهادند. ۴۲ 42
يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ.
و کناره های یک قبضه قد در اندرون از هر طرف نصب بود و گوشت قربانی‌ها بر میزها بود. ۴۳ 43
دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ.
و بیرون دروازه اندرونی، اطاقهای مغنیان در صحن اندرونی به پهلوی دروازه شمالی بود وروی آنها به سمت جنوب بود و یکی به پهلوی دروازه مشرقی که رویش بطرف شمال می‌بودبود. ۴۴ 44
ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى.
و او مرا گفت: «این اطاقی که رویش به سمت جنوب است، برای کاهنانی که ودیعت خانه را نگاه می‌دارند می‌باشد. ۴۵ 45
ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر.
و اطاقی که رویش به سمت شمال است، برای کاهنانی که ودیعت مذبح را نگاه می‌دارند می‌باشد. اینانندپسران صادوق از بنی لاوی که نزدیک خداوندمی آیند تا او را خدمت نمایند.» ۴۶ 46
جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى.
و طول صحن را صد ذراع پیمود و عرضش را صد ذراع و آن مربع بود و مذبح در برابر خانه بود. ۴۷ 47
ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى.
و مرا به رواق خانه آورد. و اسبرهای رواق را پنج ذراع از اینطرف و پنج ذراع از آنطرف پیمود. و عرض دروازه را سه ذراع از اینطرف وسه ذراع از آنطرف. ۴۸ 48
ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ [ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى]؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ [ئىچكى تەرىپىنىڭ] كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى.
و طول رواق بیست ذراع وعرضش یازده ذراع. و نزد زینه‌اش که از آن برمی آمدند، دو ستون نزد اسبرها یکی از اینطرف و دیگری از آنطرف بود. ۴۹ 49
دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى.

< حزقیال 40 >