< تثنیه 26 >

و چون به زمینی که یهوه خدایت تو رانصیب می‌دهد داخل شدی، و در آن تصرف نموده، ساکن گردیدی، ۱ 1
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقاندا،
آنگاه نوبر تمامی حاصل زمین را که از زمینی که یهوه خدایت به تومی دهد، جمع کرده باشی بگیر، و آن را در سبدگذاشته، به مکانی که یهوه خدایت برگزیند تا نام خود را در آن ساکن گرداند، برو. ۲ 2
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىننىڭ ھوسۇلىنى ئالغاندا، سەن يەرنىڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىشىڭ كېرەك؛
و نزد کاهنی که در آن روزها باشد رفته، وی را بگو: «امروز برای یهوه خدایت اقرار می‌کنم که به زمینی که خداوندبرای پدران ما قسم خورد که به ما بدهد، داخل شده‌ام.» ۳ 3
ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان زېمىنغا كىردىم، بۈگۈن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولغىنىغا گۇۋاھمەن»، دەپ ئېيتىسەن.
و کاهن سبد را از دستت گرفته، پیش مذبح یهوه خدایت بگذارد. ۴ 4
كاھىن سېۋەتنى قولۇڭدىن ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا قويىدۇ؛
پس تو به حضوریهوه خدای خود اقرار کرده، بگو: «پدر من ارامی آواره بود، و با عددی قلیل به مصر فرود شده، درآنجا غربت پذیرفت، و در آنجا امتی بزرگ وعظیم و کثیر شد. ۵ 5
ئاندىن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيسەن: ــ «مېنىڭ ئاتام ئەسلى غېرىب بىر ئارامىي ئىدى؛ مىسىرغا چۈشۈپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ يەردە سانى ئاز مۇساپىر بولسىمۇ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ئۇلۇغ، كۈچلۈك، چوڭ بىر خەلق بولدى.
و مصریان با ما بدرفتاری نموده، ما را ذلیل ساختند، و بندگی سخت بر مانهادند. ۶ 6
لېكىن مىسىرلىقلار بىزگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، زۇلۇم سېلىپ بىزنى ئېغىر ئەمگەككە سالدى.
و چون نزد یهوه، خدای پدران خود، فریاد برآوردیم، خداوند آواز ما را شنید ومشقت و محنت و تنگی ما را دید. ۷ 7
ئەمما بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىۋىدۇق، پەرۋەردىگار ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ بىز تارتىۋاتقان خارلىق، جاپا ۋە زۇلۇمغا نەزىرىنى سالدى.
و خداوند مارا از مصر به‌دست قوی و بازوی افراشته و خوف عظیم، و با آیات و معجزات بیرون آورد. ۸ 8
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۈچلۈك قول ۋە ئۇزارتقان بىلەك، دەھشەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ
و ما رابه این مکان درآورده، این زمین را زمینی که به شیرو شهد جاری است به ما بخشید. ۹ 9
بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇ زېمىنغا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا ئىگە قىلدى!
و الان اینک نوبر حاصل زمینی را که تو‌ای خداوند به من دادی، آورده‌ام.» پس آن را به حضور یهوه خدای خود بگذار، و به حضور یهوه، خدایت، عبادت نما. ۱۰ 10
ئەمدى مانا، ئەي پەرۋەردىگار، سەن ماڭا بەرگەن بۇ زېمىننىڭ مېۋىسىنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا ئەكەلدىم»، دەيسەن. شۇلارنى دەپ، سېۋەتنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىسەن؛
و تو با لاوی و غریبی که در میان تو باشد ازتمامی نیکویی که یهوه، خدایت، به تو و به خاندانت بخشیده است، شادی خواهی نمود. ۱۱ 11
شۇنداق قىلىپ سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەممە نېمەتلىرىدىن خۇش بولۇڭلار؛ ئۆزۈڭ، لاۋىيلار ۋە ئاراڭلاردا تۇرىدىغان مۇساپىرلار قوشۇلۇپ شادلىنىڭلار.
و در سال سوم که سال عشر است، چون ازگرفتن تمامی عشر محصول خود فارغ شدی، آن را به لاوی و غریب و یتیم و بیوه‌زن بده، تا دراندرون دروازه های تو بخورند و سیر شوند. ۱۲ 12
سەن ھەر ئۈچىنچى يىلىدا، يەنى ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە يىلىدا ھەممە ھوسۇلۇڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، سەن لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا دەرۋازىلىرىڭنىڭ ئىچىدە شۇلاردىن يەپ تويۇنسۇن دەپ بېرىسەن؛
وبه حضور یهوه خدایت بگو: «موقوفات را از خانه خود بیرون کردم، و آنها را نیز به لاوی و غریب ویتیم و بیوه‌زن، موافق تمامی اوامری که به من امرفرمودی، دادم، و از اوامر تو تجاوز ننموده، فراموش نکردم. ۱۳ 13
ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ شۇنداق دەيسەن: «مەن ئۆيۈمدىن [خۇداغا] مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ، سەن ماڭا تاپىلىغان ئەمر بويىچە بۇلارنى لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا بەردىم؛ مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى نە بۇزمىدىم، نە٪ھېچقاچان ئۇنۇتمىدىم؛
در ماتم خود از آنها نخوردم ودر نجاستی از آنها صرف ننمودم، و برای اموات از آنها ندادم، بلکه به قول یهوه، خدایم، گوش داده، موافق هر‌آنچه به من امر فرمودی، رفتارنمودم. ۱۴ 14
ماتەم تۇتقانلىرىمدا شۇلاردىن ھېچنېمىنى يېمىدىم، ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ بۇنىڭدىن بىرنېمىنى ئالمىدىم؛ ئۆلگەن كىشىگە ئاتاپ بۇنىڭدىن ھېچنېمە بەرمىدىم، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەر ئىشتا سەن ماڭا ئەمر قىلغىنىڭ بويىچە قىلدىم.
از مسکن مقدس خود از آسمان بنگر، و قوم خود اسرائیل و زمینی را که به ما دادی چنانکه برای پدران ما قسم خوردی، زمینی که به شیر و شهد جاری است، برکت بده،.» ۱۵ 15
ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردىن نەزەر سېلىپ ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدەڭ بويىچە، ھەسەل بىلەن سۈت ئاقىدىغان، بىزگە بەرگەن بۇ زېمىننى بەرىكەتلىگەيسەن».
امروز یهوه، خدایت، تو را امر می‌فرمایدکه این فرایض و احکام را بجا آوری، پس آنها رابه تمامی دل و تمامی جان خود نگاه داشته، بجاآور. ۱۶ 16
بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئەمر قىلدى؛ پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىل.
امروز به یهوه اقرار نمودی که خدای توست، و اینکه به طریقهای او سلوک خواهی نمود، و فرایض و اوامر و احکام او را نگاه داشته، آواز او را خواهی شنید. ۱۷ 17
سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ خۇدايىڭ بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا قوبۇل قىلدىڭ؛
و خداوند امروز به تواقرار کرده است که تو قوم خاص او هستی، چنانکه به تو وعده داده است، و تا تمامی اوامر اورا نگاه داری. ۱۸ 18
ۋە پەرۋەردىگار بولسا بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس خەلقى بولۇشقا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا (ئۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك) سىلەرنى قوبۇل قىلدى.
و تا تو را در ستایش و نام و اکرام از جمیع امتهایی که ساخته است، بلند گرداند، وتا برای یهوه، خدایت، قوم مقدس باشی، چنانکه وعده داده است. ۱۹ 19
شۇنداق بولسا، ئۇ سىلەرگە ئىززەت، نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپ بېرىپ، ئۆزى ياراتقان بارلىق ئەللەردىن سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر.

< تثنیه 26 >