< عاموس 7 >

خداوند یهوه به من چنین نمودار ساخت که اینک در ابتدای روییدن حاصل رش دوم ملخها آفرید و هان حاصل رش دوم بعد از چیدن پادشاه بود. ۱ 1
رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتىكى ــ كېيىنكى ئوت-چۆپ باش تارتقان ۋاقتىدا، مانا ئۇ چېكەتكىلەرنى ياسىدى (بۇ پادىشاھ ئۆزىگە ئوت-چۆپ ئورغاندىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق ئوت-چۆپ ئۆسكەن ۋاقىت ئىدى)
و چون تمامی گیاه زمین را خورده بودند، گفتم: «ای خداوند یهوه مستدعی آنکه عفو فرمایی! چگونه بعقوب برخیزد چونکه کوچک است؟» ۲ 2
ھەم شۇنداق بولدىكى، چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئوت-چۆپنى قالدۇرماي يەۋەتكەندىن كېيىن، مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچۈرگەيسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم.
و خداوند از این پشیمان شد وخداوند گفت: «نخواهد شد.» ۳ 3
پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى پەرۋەردىگار.
خداوند یهوه به من چنین نمودار ساخت و اینک خداوند یهوه آتش را خواند که محاکمه بکند. پس لجه عظیم رابلعید و زمین را سوزانید. ۴ 4
رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتى ــ مانا، رەب پەرۋەردىگار [خەلقى] بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئوتنى چاقىردى؛ ئوت ھەتتا چوڭقۇر دېڭىزنىمۇ قۇرۇتتى، مىراس بولغان زېمىننىمۇ يەپ كەتتى؛
پس گفتم: «ای خداوندیهوه از این باز ایست! یعقوب چگونه برخیزدچونکه کوچک است؟» ۵ 5
ئەمدى مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، توختىغايسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم.
و خداوند از این پشیمان شد و خداوند یهوه گفت: «این نیز نخواهد شد.» ۶ 6
پەرۋەردىگار شۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى رەب پەرۋەردىگار.
و به من چنین نمودار ساخت که خداوند بر دیوارقایمی ایستاده بود و شاقولی در دستش بود. ۷ 7
ئەمدى ئۇ ماڭا [مۇنداق بىر ئىشنى] كۆرسەتتى ــ ۋە مانا، رەب تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن قوپۇرۇلغان تام تۈۋىدە، قولىدا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تۇتقىنىچە تۇراتتى؛
و خداوند مرا گفت: «ای عاموس چه می‌بینی؟» گفتم: «شاقولی.» خداوند فرمود: «اینک من شاقولی در میان قوم خود اسرائیل می‌گذارم و بار دیگر از ایشان درنخواهم گذشت. ۸ 8
ۋە پەرۋەردىگار مەندىن: ــ «ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى» ــ دېدىم. رەب: «مەن يەنە ئۆز خەلقىم ئىسرائىل ئوتتۇرىسىغا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تىكلەيمەن؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن؛
و مکانهای بلند اسحاق ویران و مقدس های اسرائیل خراب خواهد شد و به ضد خاندان یربعام با شمشیر خواهم برخاست.» ۹ 9
ھەم ئىسھاقنىڭ «يۇقىرى جايلىرى» ھالاك بولىدۇ، ئىسرائىلنىڭ تاۋاپگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ يەرەبوئام جەمەتىگە قىلىچ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئورنۇمدىن تۇرىمەن» ــ دېدى.
و امصیای کاهن بیت ئیل نزد یربعام پادشاه اسرائیل فرستاده، گفت: «عاموس در میان خاندان اسرائیل بر تو فتنه می‌انگیزد و زمین سخنان او رامتحمل نتواند شد. ۱۰ 10
شۇنىڭ بىلەن بەيت-ئەلدىكى كاھىن ئامازىيا ئىسرائىل پادىشاھى يەرەبوئامغا خەۋەر يوللاپ: ــ «ئاموس ئىسرائىل جەمەتى ئارىسىدا تۇرۇپمۇ سىلىگە سۇيىقەست قىلدى؛ زېمىن ئۇنىڭ قىلغان بارلىق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
زیرا عاموس چنین می‌گوید: یربعام به شمشیر خواهد مرد و اسرائیل از زمین خود البته به اسیری خواهد رفت.» ۱۱ 11
چۈنكى ئاموس: ــ «يەرەبوئام قىلىچتا ئۆلىدۇ، ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ!» ــ دەيدۇ» ــ دېدى.
و امصیا به عاموس گفت: «ای رایی برو و به زمین یهودا فرار کن و در آنجا نان بخور و در آنجا نبوت کن. ۱۲ 12
ئاندىن ئامازىيا ئاموسقا: ــ ھەي ئالدىن كۆرگۈچى! بەس، يوقال، يەھۇدا زېمىنىغا قاچ، ئاشۇ يەردە بېشارەت بېرىپ، شۇ يەردە نان تېپىپ يە!
اما در بیت ئیل بار دیگر نبوت منماچونکه آن مقدس پادشاه و خانه سلطنت می‌باشد.» ۱۳ 13
بىراق بەيت-ئەلدە يەنە بېشارەت بەرمە؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى، شاھلىق ئۆيدۇر، ــ دېدى.
عاموس در جواب امصیا گفت: «من نه نبی هستم و نه پسر نبی بلکه رمه بان بودم و انجیرهای بری را می‌چیدم. ۱۴ 14
ئاموس ئامازىياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن ئەسلى پەيغەمبەر ئەمەس ئىدىم، ياكى پەيغەمبەرنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەسمەن؛ بەلكى مەن بىر چارۋىچى، شۇنداقلا ئېرەن دەرەخلىرىنىڭ مېۋىسىنى تەرگۈچى ئىدىم.
و خداوند مرا از عقب گوسفندان گرفت و خداوند مرا گفت: برو و بر قوم من اسرائیل نبوت نما. ۱۵ 15
بىراق پادا بېقىۋاتقان چېغىمدا پەرۋەردىگار مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە ماڭا: «بارغىن، خەلقىم ئىسرائىلغا بېشارەت بەر» ــ دېدى.
پس حال کلام خداوندرا بشنو: تو می‌گویی به ضد اسرائیل نبوت مکن وبه ضد خاندان اسحاق تکلم منما. ۱۶ 16
ئەمدى، ئى ئامازىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال! سەن ماڭا: «ئىسرائىلنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەتلەرنى بەرمە، ئىسھاق جەمەتىنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتما»، دېدىڭ.
لهذاخداوند چنین می‌گوید: زن تو در شهر مرتکب زناخواهد شد و پسران و دخترانت به شمشیرخواهند افتاد و زمینت به ریسمان تقسیم خواهدشد و تو در زمین نجس خواهی مرد و اسرائیل اززمین خود البته به اسیری خواهد رفت.» ۱۷ 17
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ ۋە زېمىنىڭ ئۆلچەش تانىسى تارتىلىشى بىلەن پارچىلىنىدۇ؛ سەن ناپاك بىر زېمىندا ئۆلىسەن؛ ۋە ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ»».

< عاموس 7 >