< دوم سموئیل 10 >

و بعد از آن واقع شد که پادشاه بنی عمون، مرد و پسرش، حانون، درجایش سلطنت نمود. ۱ 1
كېيىن شۇنداق ئىش بولدىكى، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ ھانۇن دېگەن ئوغلى ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
و داود گفت: «به حانون بن ناحاش احسان نمایم چنانکه پدرش به من احسان کرد.» پس داود فرستاد تا او را به واسطه خادمانش درباره پدرش تعزیت گوید، و خادمان داود به زمین بنی عمون آمدند. ۲ 2
داۋۇت بولسا: ئۇنىڭ ئاتىسى ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەندەك مەن ناھاشنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە [ھانۇننىڭ] كۆڭلىنى سوراشقا ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ماڭدۇردى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا كەلگەندە،
و سروران بنی عمون به آقای خود حانون گفتند: «آیا گمان می‌بری که برای تکریم پدر توست که داود، رسولان به جهت تعزیت تو فرستاده است، آیاداود خادمان خود را نزد تو نفرستاده است تا شهررا تفحص و تجسس نموده، آن را منهدم سازد؟» ۳ 3
ئاممونىيلارنىڭ ئەمەلدارلىرى غوجىسى ھانۇنغا: سىلى داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قاشلىرىغا كۆڭۈل سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى قاشلىرىغا ئەۋەتكىنى شەھەرنى پايلاپ ئۇنىڭدىن مەلۇمات ئېلىش، ئاندىن بۇ شەھەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
پس حانون، خادمان داود را گرفت و نصف ریش ایشان را تراشید و لباسهای ایشان را از میان تا جای نشستن بدرید و ایشان را رها کرد. ۴ 4
شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ساقاللىرىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈپ، كۆتىنى ئېچىپ كەتكۈزۈۋەتتى.
وچون داود را خبر دادند، به استقبال ایشان فرستادزیرا که ایشان بسیار خجل بودند، و پادشاه گفت: «در اریحا بمانید تا ریشهای شما درآید و بعد ازآن برگردید.» ۵ 5
بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ماڭدۇردى؛ چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن نومۇس ھېس قىلغانىدى. پادىشاھ ئۇلارغا: ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ، ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
و چون بنی عمون دیدند که نزد داود مکروه شدند، بنی عمون فرستاده، بیست هزار پیاده ازارامیان بیت رحوب و ارامیان صوبه و پادشاه معکه را با هزار نفر و دوازده هزار نفر از مردان طوب اجیر کردند. ۶ 6
ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى.
و چون داود شنید، یوآب وتمامی لشکر شجاعان را فرستاد. ۷ 7
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، يوئابنىڭ پۈتكۈل جەڭگىۋار قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] ماڭدۇردى.
و بنی عمون بیرون آمده، نزد دهنه دروازه برای جنگ صف آرایی نمودند، و ارامیان صوبه و رحوب ومردان طوب و معکه در صحرا علیحده بودند. ۸ 8
ئاممونىيلار چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزىدى؛ زوباھ بىلەن رەھوبدىكى سۇرىيلەر ۋە توب بىلەن مائاكاھنىڭ ئادەملىرى دالادا سەپ تۈزىدى؛
و چون یوآب دید که روی صفوف جنگ، هم از پیش و هم از عقبش بود، از تمام برگزیدگان اسرائیل گروهی را انتخاب کرده، در مقابل ارامیان صف آرایی نمود. ۹ 9
يوئاب جەڭنىڭ ئالدى ھەم كەينىدىن بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى ئىلغاپ، سۇرىيەلەرگە قارشى سەپ تۈزىدى؛
و بقیه قوم را به‌دست برادرش ابیشای سپرد تا ایشان را به مقابل بنی عمون صف آرایی کند. ۱۰ 10
قالغانلارنى ئاممونىيلارغا قارشى سەپ تىزغىن دەپ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قولىغا تاپشۇرپ، ئۇنىڭغا:
و گفت: «اگرارامیان بر من غالب آیند، به مدد من بیا، و اگربنی عمون بر تو غالب آیند، به جهت امداد تو خواهم آمد. ۱۱ 11
ــ ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونىيلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي.
دلیر باش و به جهت قوم خویش و به جهت شهرهای خدای خود مردانه بکوشیم، و خداوند آنچه را که در نظرش پسند آید بکند.» ۱۲ 12
جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى.
پس یوآب و قومی که همراهش بودند نزدیک شدند تا با ارامیان جنگ کنند و ایشان از حضوروی فرار کردند. ۱۳ 13
ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدا قاچتى.
و چون بنی عمون دیدند که ارامیان فرار کردند، ایشان نیز از حضور ابیشای گریخته، داخل شهر شدند و یوآب از مقابله بنی عمون برگشته، به اورشلیم آمد. ۱۴ 14
ئاممونىيلار سۇرىيلەرنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. يوئاب بولسا ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلىشتىن چېكىنىپ، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى.
و چون ارامیان دیدند که از حضور اسرائیل شکست یافته‌اند، با هم جمع شدند. ۱۵ 15
سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، يەنە جەم بولۇشتى.
و هددعزرفرستاده، ارامیان را که به آن طرف نهر بودند، آوردو ایشان به حیلام آمدند، و شوبک، سردار لشکرهددعزر، پیشوای ایشان بود. ۱۶ 16
ھادادئېزەر ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ نېرى تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى [ياردەمگە] چاقىرىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى؛ ئۇلار خېلام شەھىرىگە كەلگەندە، ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباك ئۇلارغا باشچىلىق قىلدى.
و چون به داودخبر رسید، جمیع اسرائیل را جمع کرده، از اردن عبور کرد و به حیلام آمد، و ارامیان به مقابل داودصف آرایی نموده، با او جنگ کردند. ۱۷ 17
بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغدۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلام شەھىرىگە باردى. سۇرىيلەر داۋۇتقا قارشى سەپ تىزىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.
و ارامیان از حضور اسرائیل فرار کردند، و داود از ارامیان، مردان هفتصد ارابه و چهل هزار سوار را کشت وشوبک سردار لشکرش را زد که در آنجا مرد. ۱۸ 18
سۇرىيلەر يەنە ئىسرائىلدىن قاچتى. داۋۇت بولسا يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىلىقنى، قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى قىردى ھەم قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردى.
وچون جمیع پادشاهانی که بنده هددعزر بودند، دیدند که از حضور اسرائیل شکست خوردند، بااسرائیل صلح نموده، بنده ایشان شدند. و ارامیان پس از آن از امداد بنی عمون ترسیدند. ۱۹ 19
ھادادئېزەرگە بېقىنغان ھەممە پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، ئىسرائىل بىلەن سۈلھ قىلىشىپ ئۇلارغا بېقىندى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئاممونىيلارغا يەنە ياردەم بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

< دوم سموئیل 10 >