< دوم پادشاهان 15 >

و در سال بیست و هفتم یربعام، پادشاه اسرائیل، عزریا ابن امصیا، پادشاه یهوداآغاز سلطنت نمود. ۱ 1
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى.
و شانزده ساله بود که پادشاه شد و پنجاه و دو سال در اورشلیم پادشاهی کرد واسم مادرش یکلیای اورشلیمی بود. ۲ 2
ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولۇپ يېرۇسالېمدا ئەللىك ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېملىق ئىدى.
و آنچه درنظر خداوند پسند بود، موافق هر‌چه پدرش امصیا کرده بود، بجا آورد. ۳ 3
ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى.
لیکن مکانهای بلند برداشته نشد و قوم هنوز در مکانهای بلندقربانی می‌گذرانیدند و بخور می‌سوزانیدند. ۴ 4
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
وخداوند، پادشاه را مبتلا ساخت که تا روزوفاتش ابرص بود و در مریضخانه‌ای ساکن ماندو یوتام پسر پادشاه بر خانه او بود و بر قوم زمین داوری می‌نمود. ۵ 5
ئەمما پەرۋەردىگار پادىشاھنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە ئۇنى ماخاۋ كېسىلىگە مۇپتىلا قىلغاچ، ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇراتتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنى باشقۇرۇپ يۇرتنىڭ خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرەتتى.
و بقیه وقایع عزریا و هرچه کرد، آیا در کتاب تواریخ ایام پادشاهان یهودا مکتوب نیست؟ ۶ 6
ئازارىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
پس عزریا با پدران خود خوابید و او را با پدرانش در شهر داوددفن کردند و پسرش، یوتام در جایش پادشاه بود. ۷ 7
ئازارىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلدى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
در سال سی و هشتم عزریا، پادشاه یهودا، زکریا ابن یربعام بر اسرائیل در سامره پادشاه شد وشش ماه پادشاهی کرد. ۸ 8
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا، يەروبوئامنىڭ ئوغلى زەكەرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلدى.
و آنچه در نظر خداوندناپسند بود، به نحوی که پدرانش می‌کردند، به عمل آورد و از گناهان یربعام بن نباط که اسرائیل را مرتکب گناه ساخته بود، اجتناب ننمود. ۹ 9
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
پس شلوم بن یابیش بر او شوریده، او را در حضور قوم زد و کشت و به‌جایش سلطنت نمود. ۱۰ 10
يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
و بقیه وقایع زکریا اینک در کتاب تواریخ ایام پادشاهان اسرائیل مکتوب است. ۱۱ 11
زەكەرىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
این کلام خداوند بودکه آن را به ییهو خطاب کرده، گفت: «پسران تو تا پشت چهارم برکرسی اسرائیل خواهند نشست.» پس همچنین به وقوع پیوست. ۱۲ 12
[ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى] پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇغا: ــ سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى.
در سال سی و نهم عزیا، پادشاه یهودا، شلوم بن یابیش پادشاه شد و یک ماه در سامره سلطنت نمود. ۱۳ 13
يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە تولۇق بىر ئاي سەلتەنەت قىلدى.
و منحیم بن جادی از ترصه برآمده، به سامره داخل شد. و شلوم بن یابیش رادر سامره زده، او را کشت و به‌جاش سلطنت نمود. ۱۴ 14
گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم تىرزاھدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى شۇ يەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
و بقیه وقایع شلوم و فتنه‌ای که کرد، اینک در کتاب تواریخ ایام پادشاهان اسرائیل مکتوب است. ۱۵ 15
شاللۇمنىڭ باشقا ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەست قىلىشلىرى، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
آنگاه منحیم تفصح را با هر‌چه در آن بود و حدودش را از ترصه زد، از این جهت که برای او باز نکردند، آن را زد، و تمامی زنان حامله‌اش را شکم پاره کرد. ۱۶ 16
شۇ چاغدا مەناھەم تىپساھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئۇ يەنە تىرزاھدىن تارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار تەن بېرىپ دەرۋازىنى ئاچمىغىنى ئۈچۈن شەھەرگە شۇنداق ھۇجۇم قىلدىكى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى جىمى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يىرتىپ ئۆلتۈردى.
در سال سی و نهم عزریا، پادشاه یهودا، منحیم بن جادی، بر اسرائیل پادشاه شد و ده سال در سامره سلطنت نمود. ۱۷ 17
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا، گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل سەلتەنەت قىلدى.
و آنچه در نظرخداوند ناپسند بود، به عمل آورد و از گناهان یربعام بن نباط که اسرائیل را مرتکب گناه ساخته بود، اجتناب ننمود. ۱۸ 18
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
پس فول، پادشاه آشور، بر زمین هجوم آورد و منحیم، هزار وزنه نقره به فول داد تا دست او با وی باشد و سلطنت رادر دستش استوار سازد. ۱۹ 19
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى پۇل ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مەناھەم: «پادىشاھلىقىمنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغايلا» دەپ ئۇنىڭغا مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى.
و منحیم این نقد را براسرائیل، یعنی بر جمیع متمولان گذاشت تا هریک از ایشان پنجاه مثقال نقره به پادشاه آشوربدهند. پس پادشاه آشور مراجعت نموده، درزمین اقامت ننمود. ۲۰ 20
مەناھەم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بېرىدىغان شۇ پۇلنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە باي ئادەملىرىگە باج سېلىش بىلەن ئالدى؛ ئۇ ھەربىرىدىن ئەللىك شەكەل كۈمۈش ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى قايتىپ كەتتى ۋە بۇ زېمىندا تۇرۇپ قالمىدى.
و بقیه وقایع منحیم و هرچه کرد، آیا در کتاب تواریخ ایام پادشاهان اسرائیل مکتوب نیست؟ ۲۱ 21
مەناھەمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
پس منحیم با پدران خود خوابید و پسرش فقحیا به‌جایش پادشاه شد. ۲۲ 22
مەناھەم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى پەكاھىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
و در سال پنجاهم عزریا، پادشاه یهودا، فقحیا ابن منحیم بر اسرائیل در سامره پادشاه شد و دو سال سلطنت نمود. ۲۳ 23
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىكىنچى يىلىدا، مەناھەمنىڭ ئوغلى پەكاھىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
و آنچه در نظرخداوند ناپسند بود، به عمل آورد و از گناهان یربعام بن نباط که اسرائیل را مرتکب گناه ساخته بود، اجتناب ننمود. ۲۴ 24
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
و یکی ازسردارانش، فقح بن رملیا بر او شوریده، او رابا ارجوب واریه در سامره در قصر خانه پادشاه زد و با وی پنجاه نفر از بنی جلعادبودند. پس او را کشته، به‌جایش سلطنت نمود. ۲۵ 25
ۋە ئۇنىڭ سەردارى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۇنى سامارىيەدە، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قەلئەدە ئۆلتۈردى؛ شۇ ئىشتا ئارگوب بىلەن ئارىيە ۋە ئەللىك گىلېئادلىق كىشى پىكاھ تەرەپتە تۇردى؛ ئۇ پەكاھىيانى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
و بقیه وقایع فقحیا و هر‌چه کرد، اینک درکتاب تواریخ ایام پادشاهان اسرائیل مکتوب است. ۲۶ 26
پەكاھىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
و در سال پنجاه و دوم عزریا، پادشاه یهودا، فقح بن رملیا بر اسرائیل، در سامره پادشاه شد وبیست سال سلطنت نمود. ۲۷ 27
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىك ئىككىنچى يىلىدا، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، يىگىرمە يىل سەلتەنەت قىلدى.
و آنچه در نظرخداوند ناپسند بود، به عمل آورد و از گناهان یربعام بن نباط که اسرائیل را مرتکب گناه ساخته بود، اجتناب ننمود. ۲۸ 28
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.
در ایام فقح، پادشاه اسرائیل، تغلت فلاسر، پادشاه آشور آمده، عیون و آبل بیت معکه ویانوح و قادش و حاصور و جلعاد و جلیل وتمامی زمین نفتالی را گرفته، ایشان را به آشوربه اسیری برد. ۲۹ 29
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پىكاھنىڭ كۈنلىرىدە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر كېلىپ ئىيون، ئابەل-بەيت-مائاكاھ، يانوئاھ، كەدەش، ھازور، گىلېئاد، گالىلىيە، جۈملىدىن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەردىكى خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاسۇرىيەگە ئېلىپ باردى.
و در سال بیستم یوتام بن عزیا، هوشع بن ایله، بر فقح بن رملیا بشورید واو را زده، کشت و در جایش سلطنت نمود. ۳۰ 30
ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا، ئۇ پىكاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
وبقیه وقایع فقح و هر‌چه کرد، اینک درکتاب تواریخ ایام پادشاهان اسرائیل مکتوب است. ۳۱ 31
پىكاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
در سال دوم فقح بن رملیا، پادشاه اسرائیل، یوتام بن عزیا، پادشاه یهودا، آغاز سلطنت نمود. ۳۲ 32
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتام يەھۇداغا پادىشاھ بولدى.
او بیست و پنج ساله بود که پادشاه شد وشانزده سال در اورشلیم پادشاهی کرد و اسم مادرش یروشا، دختر صادوق بود. ۳۳ 33
ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا ئىدى؛ ئۇ زادوكنىڭ قىزى ئىدى.
و آنچه درنظر خداوند شایسته بود، موافق هر‌آنچه پدرش عزیا کرد، به عمل آورد. ۳۴ 34
يوتام ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى.
لیکن مکان های بلندبرداشته نشد و قوم در مکان های بلند هنوز قربانی می‌گذرانیدند و بخور می‌سوزانیدند، و او باب عالی خانه خداوند را بنا نمود. ۳۵ 35
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ «يۇقىرىقى دەرۋازا»سىنى ياسىغۇچى شۇ ئىدى.
و بقیه وقایع یوتام و هر‌چه کرد، آیا در کتاب تواریخ ایام پادشاهان یهودا مکتوب نیست. ۳۶ 36
يوتامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
در آن ایام خداوند شروع نموده، رصین، پادشاه ارام و فقح بن رملیا را بر یهودا فرستاد. ۳۷ 37
شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنى يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىدى.
پس یوتام با پدران خود خوابید و در شهر پدرش داود با پدران خوددفن شد و پسرش، آحاز به‌جایش سلطنت نمود. ۳۸ 38
يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھاز ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

< دوم پادشاهان 15 >