< اول سموئیل 6 >

و تابوت خداوند در ولایت فلسطینیان هفت ماه ماند. ۱ 1
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە ئاي تۇردى.
و فلسطینیان، کاهنان وفالگیران خود را خوانده، گفتند: «با تابوت خداوند چه کنیم؟ ما را اعلام نمایید که آن را به‌جایش با چه چیز بفرستیم.» ۲ 2
فىلىستىيلەر كاھىنلار بىلەن پالچىلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆز جايىغا ئەۋەتەلەيمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، دېدى.
گفتند: «اگر تابوت خدای اسرائیل را بفرستید آن را خالی مفرستید، بلکه قربانی جرم البته برای او بفرستید، آنگاه شفاخواهید یافت، و بر شما معلوم خواهد شد که ازچه سبب دست او از شما برداشته نشده است.» ۳ 3
ئۇلار: ــ ئەگەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ ئەۋەتسەڭلار، قۇرۇق ئەۋەتمەڭلار، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى بىرگە ئەۋەتىشىڭلار زۆرۈردۇر، دېدى. شۇنداق قىلغاندا شىپا تاپىسىلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلىسىلەر، دېدى.
ایشان گفتند: «چه قربانی جرم برای اوبفرستیم؟» ۴ 4
ئۇلار: ــ بىز نېمىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ ئەۋەتىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنىڭ سانى بەش؛ شۇڭا بەش ئالتۇن ھۈررەك ۋە بەش ئالتۇن چاشقان ياساپ ئەۋەتىڭلار؛ چۈنكى سىلەرگە ۋە غوجاڭلارغا ئوخشاشلا بالا-قازا چۈشتى.
پس تماثیل خراجهای خود و تماثیل موشهای خود را که زمین را خراب می‌کنند بسازید، وخدای اسرائیل را جلال دهید که شاید دست خود را از شما و از خدایان شما و از زمین شمابردارد. ۵ 5
ھۈررەكلىرىڭلارنىڭ شەكلىنى ۋە زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلىدىغان چاشقانلارنىڭ شەكلىنى نەقىش قىلىپ ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم سىلەرنىڭ، ئىلاھلىرىمىزنىڭ ۋە زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىنى باسقان قولىنى يېنىكلىتەرمىكىن: ــ
و چرا دل خود را سخت سازید، چنانکه مصریان و فرعون دل خود را سخت ساختند؟ آیابعد از آنکه در میان ایشان کارهای عجیب کرده بود ایشان را رها نکردند که رفتند؟ ۶ 6
مىسىرلىقلار بىلەن پىرەۋن ئۆز كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلغاندەك سىلەرمۇ نېمىشقا ئۆز كۆڭلۈڭلارنى قاتتىق قىلىسىلەر؟ ئۇ مىسىرلىقلارغا زور قاتتىق قوللۇق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدىمۇ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلمىدىمۇ؟
پس الان ارابه تازه بسازید و دو گاو شیرده را که یوغ برگردن ایشان نهاده نشده باشد بگیرید، و دو گاو رابه ارابه ببندید و گوساله های آنها را از عقب آنها به خانه برگردانید. ۷ 7
ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ياساپ، تېخى بويۇنتۇرۇققا كۆندۈرۈلمىگەن موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇڭلار؛ ئۇلاردىن موزايلىرىنى ئايرىپ، ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار؛
و تابوت خداوند را گرفته، آن رابر ارابه بنهید و اسباب طلا را که به جهت قربانی جرم برای او می‌فرستید در صندوقچه‌ای به پهلوی آن بگذارید، و آن را رها کنید تا برود. ۸ 8
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا سېلىڭلار؛ ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىدىغان ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىدىغان ئالتۇن بۇيۇملارنى بىر قاپقا سېلىپ ساندۇققا يانداپ قويۇڭلار ۋە ساندۇقنى شۇ پېتى ماڭدۇرۇڭلار؛
ونظر کنید اگر به راه سرحد خود به سوی بیت شمس برود، بدانید اوست که این بلای عظیم را بر ما وارد گردانیده است، و اگرنه، پس خواهیددانست که دست او ما را لمس نکرده است، بلکه آنچه بر ما واقع شده است، اتفاقی است.» ۹ 9
ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ھارۋا ئىسرائىل چېگرىسىدىكى يول بىلەن بەيت-شەمەشكە ماڭسا، بىزگە كەلگەن شۇ چوڭ بالا-قازانى چۈشۈرگۈچىنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىزنى ئۇرغان ئۇنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن تاسادىپىلىق بولىدۇ، خالاس، دېيىشتى.
پس آن مردمان چنین کردند و دو گاوشیرده را گرفته، آنها را به ارابه بستند، وگوساله های آنها را در خانه نگاه داشتند. ۱۰ 10
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر شۇنداق قىلدى. ئۇلار موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇپ، موزايلىرىنى ئۆيدە سولاپ قويۇپ،
و تابوت خداوند و صندوقچه را با موشهای طلا وتماثیل خراجهای خود بر ارابه گذاشتند. ۱۱ 11
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئالتۇن چاشقان ۋە قۇيما ھۈررەكلەر قاچىلانغان قاپنى ئۇنىڭغا يانداپ قويدى.
وگاوان راه خود را راست گرفته، به راه بیت شمس روانه شدند و به شاهراه رفته، بانگ می‌زدند و به سوی چپ یا راست میل نمی نمودند، و سروران فلسطینیان در عقب آنها تا حد بیت شمس رفتند. ۱۲ 12
ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يول بىلەن ئۇدۇل يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار كۆتۈرۈلگەن يول بىلەن ماڭغاچ مۆرەيتتى، يا ئوڭ تەرەپكە يا سول تەرەپكە قېيىپ كەتمىدى. فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەيت-شەمەشنىڭ چېگرىسىغىچە باردى.
و اهل بیت شمس در دره گندم را درومی کردند، و چشمان خود را بلند کرده، تابوت رادیدند و از دیدنش خوشحال شدند. ۱۳ 13
بەيت-شەمەشتىكىلەر جىلغىدا بۇغداي ئورۇۋاتاتتى، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشتى.
و ارابه به مزرعه یهوشع بیت شمسی درآمده، در آنجابایستاد و سنگ بزرگی در آنجا بود. پس چوب ارابه را شکسته، گاوان را برای قربانی سوختنی به جهت خداوند گذرانیدند. ۱۴ 14
ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئۇلار ھارۋىنى چېقىپ، ئىككى ئىنەكنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
و لاویان تابوت خداوند و صندوقچه‌ای را که با آن بود و اسباب طلا داشت، پایین آورده، آنها را بر آن سنگ بزرگ نهادند و مردان بیت شمس در همان روز برای خداوند قربانی های سوختنی گذرانیدند و ذبایح ذبح نمودند. ۱۵ 15
لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن بۇيۇملار بار قاپنى چۈشۈرۈپ چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەشتىكىلەر پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلدى.
و چون آن پنج سرور فلسطینیان این را دیدند، در همان روز به عقرون برگشتند. ۱۶ 16
فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسى بۇلارنى كۆرۈپ شۇ كۈنى ئەكرونغا قايتىپ كەتتى.
و این است خراجهای طلایی که فلسطینیان به جهت قربانی جرم نزد خداوند فرستادند: برای اشدود یک، و برای غزه یک، و برای اشقلون یک، و برای جت یک، و برای عقرون یک. ۱۷ 17
فىلىستىيلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ بەرگەن ئالتۇن ھۈررىكى: ــ ئاشدود ئۈچۈن بىر، گازا ئۈچۈن بىر، ئاشكېلون ئۈچۈن بىر، گات ئۈچۈن بىر ۋە ئەكرون ئۈچۈن بىر ئىدى.
وموشهای طلا بر‌حسب شماره جمیع شهرهای فلسطینیان که از املاک آن پنج سرور بود، چه ازشهرهای حصاردار و چه از دهات بیرون تا آن سنگ بزرگی که تابوت خداوند را بر آن گذاشتندکه تا امروز در مزرعه یهوشع بیت شمسی باقی است. ۱۸ 18
ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسىغا تەۋە بارلىق شەھەرنىڭ سانى بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇ شەھەرلەر سېپىللىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق سەھرا-كەنتلەرنى، شۇنداقلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويغان چوڭ چىمەنزارغىچە ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ چىمەنزار ھازىرمۇ بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىدا بار.
و مردمان بیت شمس را زد، زیرا که به تابوت خداوند نگریستند، پس پنجاه هزار وهفتاد نفر از قوم را زد و قوم ماتم گرفتند، چونکه خداوند خلق را به بلای عظیم مبتلا ساخته بود. ۱۹ 19
ئەمما بەيت-شەمەشتىكىلەر ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش ئادەمنى، جۈملىدىن چوڭلاردىن ئەللىكنى ئۇردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ماتەم تۇتتى.
و مردمان بیت شمس گفتند: «کیست که به حضور این خدای قدوس یعنی یهوه می‌تواندبایستد و از ما نزد که خواهد رفت؟» ۲۰ 20
بەيت-شەمەشتىكىلەر: ــ بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ ــ دېدى.
پس رسولان نزد ساکنان قریه یعاریم فرستاده، گفتند: «فلسطینیان تابوت خداوند را پس فرستاده‌اند، بیایید و آن را نزد خود ببرید.» ۲۱ 21
ئاندىن ئۇلار كىرىئات-يېئارىمدىكىلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋىتىپ: ــ فىلىستىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى.

< اول سموئیل 6 >