< اول سموئیل 31 >

و فلسطینیان با اسرائیل جنگ کردند ومردان اسرائیل از حضور فلسطینیان فرار کردند، و در کوه جلبوع کشته شده، افتادند. ۱ 1
ئەمدى فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يىقىتىلدى.
و فلسطینیان، شاول و پسرانش را به سختی تعاقب نمودند، و فلسطینیان یوناتان و ابیناداب وملکیشوع پسران شاول را کشتند. ۲ 2
فىلىستىيلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتاتتى. فىلىستىيلەر بولسا سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، ئابىناداب، مەلكىشۇئانى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
و جنگ برشاول سخت شد، و تیراندازان دور او را گرفتند وبه‌سبب تیراندازان به غایت دلتنگ گردید. ۳ 3
سائۇلنىڭ ئەتراپىنى ئۇرۇش قاپلىدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشتى؛ ئۇ يا ئوقى بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى.
و شاول به سلاحدار خود گفت: «شمشیرخود را کشیده، آن را به من فرو بر مبادا این نامختونان آمده، مرا مجروح سازند و مرا افتضاح نمایند.» اما سلاحدارش نخواست زیرا که بسیاردر ترس بود. پس شاول شمشیر خود را گرفته، برآن افتاد. ۴ 4
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى.
و هنگامی که سلاحدارش شاول را دید که مرده است، او نیز بر شمشیر خود افتاده، با اوبمرد. ۵ 5
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى.
پس شاول و سه پسرش و سلاحدارش وجمیع کسانش نیز در آن روز با هم مردند. ۶ 6
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى.
وچون مردان اسرائیل که به آن طرف دره و به آن طرف اردن بودند، دیدند که مردان اسرائیل فرارکرده‌اند و شاول و پسرانش مرده‌اند، شهرهای خود را ترک کرده، گریختند و فلسطینیان آمده، در آنها ساکن شدند. ۷ 7
ئەمدى ۋادىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھەمدە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، شەھەرلەرنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى.
و در فردای آن روز، چون فلسطینیان برای برهنه کردن کشتگان آمدند، شاول و سه پسرش رایافتند که در کوه جلبوع افتاده بودند. ۸ 8
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى.
پس سر اورا بریدند و اسلحه‌اش را بیرون کرده، به زمین فلسطینیان، به هر طرف فرستادند تا به بتخانه های خود و به قوم مژده برسانند. ۹ 9
ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ساۋۇت-ياراغلىرىنى سالدۇرۇپ بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ بۇتخانىلىرىدا ۋە خەلقنىڭ ئارىسىدا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتى.
و اسلحه او را درخانه عشتاروت نهادند و جسدش را بر حصاربیتشان آویختند. ۱۰ 10
ئۇلار ئۇنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئاشتاروت بۇتخانىسىدا قويۇپ ئۆلۈكىنى بەيت-شان شەھىرىدىكى سېپىلغا ئېسىپ قويدى.
و چون ساکنان یابیش جلعاد، آنچه را که فلسطینیان به شاول کرده بودندشنیدند، ۱۱ 11
ئەمدى يابەش-گىلېئادتا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا
جمیع مردان شجاع برخاسته، و تمامی شب سفر کرده، جسد شاول و اجسادپسرانش را از حصار بیتشان گرفتند، و به یابیش برگشته، آنها را در آنجا سوزانیدند. ۱۲ 12
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ كېچىچە مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىنى بەيت-شاندىكى سېپىلدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يابەشكە ئېلىپ بېرىپ ئۇ يەردە كۆيدۈردى.
واستخوانهای ایشان را گرفته، آنها را زیر درخت بلوطی که در یابیش است، دفن کردند و هفت روزروزه گرفتند. ۱۳ 13
ئاندىن ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى يابەشتىكى يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ يەتتە كۈن روزا تۇتتى.

< اول سموئیل 31 >