< اول تواریخ 19 >

و بعد از اين واقع شد که ناحاش، پادشاه بني عَمُّون مرد و پسرش در جاي او سلطنت نمود. ۱ 1
كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناھاش ئۆلدى؛ ئوغلى ھانۇن ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
و داود گفت: « با حانُون بن ناحاش احسان نمايم چنانکه پدرش به من احسان کرد.» پس داود قاصدان فرستاد تا او را درباره پدرش تعزيت گويند. و خادمان داود به زمين بني عَمُّون نزد حانُون براي تعزيت وي آمدند. ۲ 2
داۋۇت: «ناھاش ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىمەن» دەپ، ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوراشقا ھانۇننىڭ يېنىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى ئاممونلارنىڭ زېمىنغا يېتىپ كېلىپ، كۆڭلىنى سورىغىلى ھانۇن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى.
و سروران بني عَمُّون به حانُون گفتند: « آيا گمان مي بري که به جهت تکريم پدر تو است که داود تعزيت کنندگان نزد تو فرستاده است؟ ني بلکه بندگانش به جهت تفحص و انقلاب و جاسوسي زمين نزد تو آمدند.» ۳ 3
لېكىن ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ھانۇنغا: «داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىپ سىلىگە كۆڭۈل سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىشى بۇ يەرنى كۈزىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، چارلاش ئۈچۈن ئەمەسمىدۇ؟» ــ دېدى.
پس حانُون خادمان داود را گرفته، ريش ايشان را تراشيد و لباسهاي ايشان را از ميان تا جاي نشستن دريده، ايشان را رها کرد. ۴ 4
شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرگۈزىۋېتىپ ھەم كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈۋېتىپ ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى.
و چون بعضي آمده، داود را از حالت آن کسان خبر دادند، به استقبال ايشان فرستاد زيرا که ايشان بسيار خجل بودند، و پادشاه گفت: « در اَريحا بمانيد تا ريشهاي شما درآيد و بعد از آن برگرديد.» ۵ 5
بەزىلەر كېلىپ داۋۇتقا ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۇلارغا: «ساقال-بۇرۇتىڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار» دېدى.
و چون بني عَمُّون ديدند که نزد داود مکروه شده اند، حانُون و بني عَمُّون هزار وزنه نقره فرستادند تا ارابه ها و سواران از اَرام نَهرَين و اَرام مَعکَه و صُوبَه براي خود اجير سازند. ۶ 6
ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدى، ھانۇن ۋە ئاممونلار ئارام-ناھارائىم، ئارام-مائاكاھ ۋە زوباھدىن جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق لەشكەر ياللاشقا ئادەم ئەۋەتىپ مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى.
پس سي و دو هزار ارابه و پادشاه مَعکَه و جمعيت او را براي خود اجير کردند، و ايشان بيرون آمده، در مقابل مِيدَبا اُردو زدند، و بني عَمُّون از شهر هاي خود جمع شده، براي مقاتله آمدند. ۷ 7
ئۇلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مائاكاھ پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللىۋالدى؛ ئۇلار مەدەبانىڭ ئالدىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كېلىپ جەم بولۇشتى.
و چون داود اين را شنيد، يوآب و تمامي لشکر شجاعان را فرستاد. ۸ 8
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ يوئاب بىلەن بارلىق ئەسكەر قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] چىقاردى.
و بني عَمُّون بيرون آمده، نزد دروازه شهر براي جنگ صف آرايي نمودند. و پادشاهاني که آمده بودند، در صحرا عليحده بودند. ۹ 9
ئاممونلار چىقىپ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى؛ جەڭگە ئاتلىنىپ چىققان پادىشاھلارمۇ دالادا ئايرىم سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى.
و چون يوآب ديد که روي صفوف جنگ، هم از پيش و هم از عقبش بود، از تمامي برگزيدگان اسرائيل گروهي را انتخاب کرده، در مقابل اَرميان صف آرايي نمود. ۱۰ 10
يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى تاللاپ، سۇرىيلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇلارنى سەپتە تۇرغۇزدى؛
و بقيه قوم را به دست برادر خود اَبِشاي سپرده و به مقابل بني عَمُّون صف کشيدند. ۱۱ 11
ئۇ قالغان ئادەملىرىنى ئىنىسى ئابىشايغا تاپشۇردى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ قىلىپ تەييارلىدى.
و گفت: « اگر اَرميان بر من غالب آيند، به مدد من بيا؛ و اگر بني عَمُّون بر تو غالب آيند، به جهت امداد تو خواهم آمد. ۱۲ 12
يوئاب ئابىشايغا: «ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي.
دلير باش که به جهت قوم خويش و به جهت شهر هاي خداي خود مردانه بکوشيم و خداوند آنچه را در نظرش پسند آيد بکند.» ۱۳ 13
جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى.
پس يوآب و گروهي که همراهش بودند، نزديک شدند تا با اَرميان جنگ کنند و ايشان از حضور وي فرار کردند. ۱۴ 14
ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى.
و چون بني عَمُّون ديدند که اَراميان فرار کردند، ايشان نيز از حضور برادرش اَبِشاي گريخته، داخل شهر شدند؛ و يوآب به اورشليم برگشت. ۱۵ 15
سۇرىيلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاينىڭ ئالدىدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. ئاندىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
و چون اَراميان ديدند که از حضور اسرائيل شکست يافتند، ايشان قاصدان فرستاده، اَراميان را که به آن طرف نهر بودند، و شُوفَک سردار لشکر هَدَرعَزَر پيشواي ايشان بود. ۱۶ 16
سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، ئەلچى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى بولغان شوفاق ئۇلارغا يېتەكچى ئىدى.
و چون خبر به داود رسيد، تمامي اسرائيل را جمع کرده، از اُردُن عبور نمود وبه ايشان رسيده، مقابل ايشان صف آرايي نمود. و چون داود جنگ را با اَراميان آراسته بود، ايشان با وي جنگ کردند. ۱۷ 17
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى يىغىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى. داۋۇتنىڭ سەپ تۈزگەنلىكىنى كۆرگەن سۇرىيلەر جەڭگە ئاتلاندى.
و اَراميان از حضور اسرائيل فرار کردند و داود مردان هفت هزار ارابه و چهل هزار پياده از اَراميان را کشت، و شُوفَک سردار لشکر را به قتل رسانيد. ۱۸ 18
سۇرىيلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يەتتە مىڭ جەڭ ھارۋىلىقنى ۋە قىرىق مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئۆلتۈردى ۋە يەنە سۇرىيلەرنىڭ سەردارى شوفاقنى ئۆلتۈردى.
و چون بندگان هَدَرعَزَر ديدند که از حضور اسرائيل شکست خوردند، با داود صلح نموده، بنده او شدند، و اَراميان بعد از آن در اعانت بني عَمُّون اقدام ننمودند. ۱۹ 19
ھادادئېزەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، داۋۇت بىلەن سۈلھ قىلىپ ئۇنىڭغا بېقىندى؛ شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئىككىنچى ئاممونىيلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان بولدى.

< اول تواریخ 19 >