< 1 Chronik 2 >

1 Dies sind Israels Söhne: Ruben, Simeon, Levi und Juda, Issakar und Zabulon,
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،
2 Dan, Joseph und Benjamin, Naphtali, Gad und Asser.
دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشىردىن ئىبارەت.
3 Judas Söhne sind: Er, Onan und Sela, drei, die ihm von Suas Tochter, der Kanaaniterin, geboren sind. Judas Erstgeborener machte sich dem Herrn mißfällig, und dieser ließ ihn sterben.
يەھۇدانىڭ ئوغلى ئېر، ئونان ۋە شىلاھ ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن قانائانلىق شۇيانىڭ قىزىدىن بولغان. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغانلىقىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان.
4 Seine Schwiegertochter Tamar aber gebar ihm Peres und Zerach. Aller Söhne Judas sind es fünf.
يەھۇداغا كېلىنى تاماردىن پەرەز بىلەن زەراھ تۆرەلگەن. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بولغان.
5 Des Peres Söhne sind Chesron und Chamul.
پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇل ئىدى.
6 Des Zerach Söhne sind Zimri, Etan, Heman, Kalkol und Dara, zusammen fünf.
زەراھنىڭ ئوغۇللىرى زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول بىلەن دارا قاتارلىق بەش ئىدى.
7 Des Karmi Söhne sind: Akar, der Israel ins Unglück stürzte, da er sich am Geweihten pflichtvergessen vergriff.
كارمىنىڭ ئوغلى ئاكار ئىدى. ئاكار بولسا خۇدا لەنەت قىلغان نەرسىنى ئېلىپ، «ئىسرائىلغا بالا-قازا كەلتۈرگۈچى» بولۇپ چىقتى.
8 Etans Söhne sind: Azarja.
ئېتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا ئىدى.
9 Chesrons Söhne, die ihm geboren worden, sind Jerachmeel, Ram und Kelubai.
ھەزروندىن تۆرەلگەن ئوغۇللار يەراھمىيەل، رام ۋە كالەب ئىدى.
10 Ram zeugte Aminadab und Aminadab den Nachson, den Judäerfürsten.
ئاممىناداب رامدىن تۆرەلگەن؛ ناھشون ئاممىنادابتىن تۆرەلگەن؛ ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
11 Nachson zeugte Salma und Salma den Boaz.
سالمون ناھشوندىن تۆرەلگەن؛ بوئاز سالموندىن تۆرەلگەن.
12 Boaz zeugte Obed und Obed den Isai.
ئوبەد بوئازدىن تۆرەلگەن؛ يەسسە ئوبەددىن تۆرەلگەن.
13 Und Isai zeugte als seinen Erstgeborenen Eliab, als zweiten Abinadab, als dritten Sima,
يەسسەنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى ئېلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمىيا،
14 als vierten Natanael, als fünften Raddai,
تۆتىنچىسى نەتانەل، بەشىنچىسى رادداي،
15 als sechsten Osem und als siebten David.
ئالتىنچىسى ئوزەم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى.
16 Ihre Schwestern sind Seruja und Abigail. Der Seruja Söhne sind Absai, Joab und Asael, drei.
زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
17 Abigail gebar Amasa. Des Amasa Vater ist der Ismaeliter Jeter.
ئاماسا ئابىگائىلدىن تۆرەلدى؛ ئاماسانىڭ ئاتىسى ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەر ئىدى.
18 Chesrons Sohn Kaleb hat Azuba geheiratet. Dies sind ihre Söhne: Jeser, Sobab und Ardon.
كالەب ئازۇباھ (يېرىئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)تىن ئوغۇل كۆردى؛ [ئازۇباھتىن] بولغان ئوغۇللىرى يەشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىدى.
19 Als Azuba starb, nahm sich Kaleb die Ephrat. Sie gebar ihm den Chur.
ئازۇباھ ئۆلگەندىن كېيىن كالەب يەنە ئەفراتنى ئالدى؛ ئەفرات ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى.
20 Chur aber zeugte Uri und Uri den Besalel.
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى؛ ئۇرىدىن بەزالەل تۆرەلدى.
21 Hernach ist Chesron zur Tochter Makirs, des Vaters von Gilead, gegangen und hat sie geheiratet, als er sechzig Jahre alt war, und sie gebar ihm den Segub.
كېيىن ھەزرون گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىر ياستۇققا باش قويۇۋىدى (ئۇ ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئالغان)، ئۇنىڭدىن سەگۇب تۆرەلدى.
22 Segub aber zeugte Jair. Dieser besaß dreiundzwanzig Städte im Lande Gilead.
سەگۇبتىن يائىر تۆرەلدى؛ يائىرنىڭ گىلېئاد زېمىنىدا يىگىرمە ئۈچ شەھىرى بار ئىدى.
23 Aber die Gesuriter und die Aramäer nahmen ihnen Jairs Zeltdörfer weg, Kenat mit seinen Tochterstädten, sechzig Städte. Alle diese waren die Söhne des Gileadvaters Makir.
گەشۇر بىلەن ئارام شۇ يۇرتتىكىلەردىن «يائىرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى»نى، كىناتنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار بولۇپ جەمئىي ئاتمىش يېزا-شەھەرنى تارتىۋالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
24 Nach Chesrons Tod ging Kaleb nach Ephrat. Chesrons Weib aber war Abia, und sie gebar ihm Aschur, Tekoas Vater.
ھەزرون كالەب-ئەفراتاھدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئايالى ئابىياھ ئۇنىڭغا ئاشخورنى تۇغدى؛ ئاشخور تەكوئانىڭ ئاتىسى ئىدى.
25 Jerachmeels, des Erstgeborenen des Chesron, Söhne waren der Erstgeborene Ram, dann Buna, Oren, Osem und Achia.
ھەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يەراھمىيەلنىڭ ئوغۇللىرى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزەم ۋە ئاخىياھ ئىدى.
26 Jerachmeel hatte noch ein anderes Weib mit Namen Atara. Sie war Onams Mutter.
يەراھمىيەلنىڭ ئاتاراھ دېگەن يەنە بىر ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئونامنىڭ ئانىسى ئىدى.
27 Rams, des Erstgeborenen von Jerachmeel, Söhne sind Maan, Jamin und Eker.
يەراھمىيەلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامنىڭ ئوغۇللىرى مائاز، يامىن ۋە ئېكەر ئىدى.
28 Onams Söhne sind Sammai und Jada. Sammais Söhne sind Nadab und Abisur.
ئونامنىڭ ئوغۇللىرى شامماي بىلەن يادا ئىدى؛ شامماينىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىشۇر ئىدى.
29 Abisurs Weib hieß Abichail. Sie gebar ihm Achban und Molid.
ئابىشۇرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىھايىل بولۇپ، ئابىھايىلدىن ئۇنىڭغا ئاھبان بىلەن مولىد تۆرەلدى.
30 Nadabs Söhne sind Seled und Appaim. Seled starb kinderlos.
نادابنىڭ ئوغۇللرى سەلەد بىلەن ئاپپايىم ئىدى؛ سەلەد تا ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن.
31 Appaims Söhne sind Isi, Isis Söhne sind: Sesan, Sesans Söhne sind Achlai.
يىشى ئاپپايىمنىڭ ئوغلى؛ شېشان يىشىنىڭ ئوغلى؛ ئاخلاي شېشاننىڭ ئوغلى ئىدى.
32 Jadas, Sammais Bruders, Söhne sind Jeter und Jonatan. Jeter aber starb kinderlos.
شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ ئوغۇللىرى يەتەر بىلەن يوناتان ئىدى؛ يەتەر تاكى ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن.
33 Jonatans Söhne sind Pelet und Zaza. Dies sind Jerachmeels Söhne.
پەلەت بىلەن زازا يوناتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يەراھمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
34 Sesan hatte keine Söhne gehabt, sondern nur Töchter. Dagegen besaß Sesan einen ägyptischen Sklaven namens Jarcha.
شېشان قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شېشاننىڭ مىسىرلىق يارخا دەيدىغان بىر مالىيى بار ئىدى.
35 Seinem Sklaven Jarcha aber gab Sesan seine Tochter zum Weibe, und sie gebar ihm den Attai.
شېشان قىزىنى مالىيى يارخاغا خوتۇنلۇققا بەرگەن، ئۇنىڭدىن يارخاغا ئاتتاي تۆرەلگەن.
36 Attai zeugte Natan und Natan den Zabad.
ئاتتايدىن ناتان؛ ناتاندىن زاباد تۆرەلگەن.
37 Zabad zeugte Ephlal und Ephlal den Obed.
زابادتىن ئىفلال؛ ئىفلالدىن ئوبەد تۆرەلگەن.
38 Obed zeugte Jehu und Jehu den Azarja.
ئوبەدتىن يەھۇ؛ يەھۇدىن ئازارىيا تۆرەلگەن.
39 Azarja hat Cheles gezeugt und Cheles den Elasa.
ئازارىيادىن ھەلەز؛ ھەلەزدىن ئەلئاساھ تۆرەلگەن.
40 Elasa zeugte Sismai und Sismai den Sallum.
ئەلئاساھتىن سىسماي؛ سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلگەن.
41 Sallum zeugte Jekamja und Jekamja den Elisama.
شاللۇمدىن يەكامىيا؛ يەكامىيادىن ئەلىشاما تۆرەلگەن.
42 Kalebs, Jerachmeels Bruders, Söhne sind sein Erstgeborener Mesa, das ist Ziphs Vater, und die Söhne Maresas, des Vaters von Chebron.
يەراھمىيەلنىڭ ئىنىسى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: مىشا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ، زىفنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ مارىشاھمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھېبروننىڭ ئاتىسى ئىدى.
43 Chebrons Söhne sind Korach, Tappuach, Rekem und Sema.
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى كوراھ، تاپپۇئاھ، رەكەم ۋە شېما ئىدى.
44 Sema zeugte Jorkams Vater Racham, und Rekem zeugte Sammai.
شېمادىن راھام تۆرەلگەن؛ ئۇ يوركېئامنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ شامماي رەكەمدىن تۆرەلگەن.
45 Sammais Sohn ist Maon, und Maon ist der Vater von Bet Sur.
مائون شامماينىڭ ئوغلى؛ مائون بەيت-زۇرنىڭ ئاتىسى ئىدى.
46 Kalebs Nebenweib Epha gebar Charan, Mosa und Gazez. Charan zeugte Gazez.
كالەبنىڭ توقىلى ئەفاھدىن ھاران، موزا ۋە گازەز تۆرەلگەن. ھاراندىن گازەز تۆرەلگەن.
47 Jahdais Söhne sind Regem, Jotam, Gesan, Pelet, Epha und Saaph.
ياخداينىڭ ئوغۇللىرى رەگەم، يوتام، گەشان، پەلەت، ئەفاھ ۋە شائافلار ئىدى.
48 Kalebs Nebenweib Maaka gebar Seber und Tirchana.
كالەبنىڭ توقىلى مائاكاھدىن شېبەر بىلەن تىرخاناھ تۆرەلگەن؛
49 Sie gebar auch Saaph, den Vater von Madmanna, Seva, den Vater von Makbenna, und den Vater von Giba. Kalebs Tochter war Aksa.
ئۇنىڭدىن يەنە مادمانناھنىڭ ئاتىسى شائاف، ماكبىنانىڭ ئاتىسى ۋە گىبېئاھنىڭ ئاتىسى شىۋا تۆرەلگەن. ئاكساھ كالەبنىڭ قىزى ئىدى.
50 Dies sind Kalebs Söhne: Churs, des Erstgeborenen des Ephrat, Söhne sind Sobal, der Vater von Kirjat Jearim,
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كالەبنىڭ ئەۋلادلىرى. ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇرنىڭ ئوغۇللىرى: كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبال،
51 Salma, der Vater von Bethlehem, und Chareph, der Vater von Bet Gader.
بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى سالما، بەيت-گادەرنىڭ ئاتىسى خارەف ئىدى.
52 Sobal, Kirjat Jearims Vater, hatte zu Söhnen Haroeh, die Hälfte der Menuchot
كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: خاروئەھ ھەمدە ماناخاتلارنىڭ يېرىمى ئىدى.
53 und die Sippen Kirjat Jearims, die Itriter, Putiter, Sumatiter und Misraiter. Von diesen stammen die Saratiter und die Estauliter.
كىرىئات-يېئارىم جەمەتلىرىدىكىلەر ئىترىيلەر، پۇتىيلار، شۇماتىيلار، مىشرائىيلار بولۇپ، بۇ جەمەتلەردىن يەنە زوراتىيلار بىلەن ئەشتايولىيلار ئايرىلىپ چىققان.
54 Salmas Söhne sind Bethlehem und die Netophatiter, Aterot, Bet Joab und die Hälfte der Manachtiter und der Sariter
سالمانىڭ ئەۋلادلىرى بەيت-لەھەم بىلەن نىتوفاتلار، ئاتروت-بەيت-يوئابلار، ماناھاتلارنىڭ يېرىم قىسمى، زورىيلار،
55 und die Sippen der Sopherim, die in Jabes wohnen, die Tiratiter, Simatiter und Sukatiter. Dies sind die Kiniter, die von Chamot, Bet Rekabs Vater, stammen.
يابەزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەۋرات خەتتاتلىرى، يەنى تىراتىيلار، شىمياتىيلەر بىلەن سۇكاتىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېنىيلەر بولۇپ، رەكاب جەمەتىنىڭ بوۋىسى خاماتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.

< 1 Chronik 2 >