< Psalms 20 >

1 For the Chief Musician. A Psalm by David. May Yahweh answer you in the day of trouble. May the name of the God of Jacob set you up on high,
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي! ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!
2 send you help from the sanctuary, grant you support from Zion,
ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي، زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛
3 remember all your offerings, and accept your burned sacrifice. (Selah)
بارلىق «ئاشلىق ھەدىيە»لىرىڭنى ياد قىلغاي، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي! سېلاھ!
4 May he grant you your heart’s desire, and fulfill all your counsel.
كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي، كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي.
5 We will triumph in your salvation. In the name of our God, we will set up our banners. May Yahweh grant all your requests.
بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز، خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛ پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.
6 Now I know that Yahweh saves his anointed. He will answer him from his holy heaven, with the saving strength of his right hand.
ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.
7 Some trust in chariots, and some in horses, but we trust in the name of Yahweh our God.
بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلەر ئاتلارغا [تايىنىدۇ]؛ بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛
8 They are bowed down and fallen, but we rise up, and stand upright.
ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز.
9 Save, Yahweh! Let the King answer us when we call!
ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!

< Psalms 20 >