< Mark 12 >

1 He began to speak to them in parables. “A man planted a vineyard, put a hedge around it, dug a pit for the wine press, built a tower, rented it out to a farmer, and went into another country.
ئاندىن، ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: ــ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ؛ ئۇ بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارىنى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ.
2 When it was time, he sent a servant to the farmer to get from the farmer his share of the fruit of the vineyard.
ئۈزۈم پەسلى كەلگەندە، باغۋەنلەردىن ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىلەردىن [تېگىشلىكىنى] ئەكېلىش ئۈچۈن بىر قۇلىنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
3 They took him, beat him, and sent him away empty.
لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ.
4 Again, he sent another servant to them; and they threw stones at him, wounded him in the head, and sent him away shamefully treated.
خوجايىن يەنە بىر قۇلنى ئۇلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنى بولسا ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ، باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ.
5 Again he sent another, and they killed him, and many others, beating some, and killing some.
خوجايىن يەنە بىرسىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلار ئۆلتۈرۈپتۇ. يەنە تولا قۇللارنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار بەزىلىرىنى دۇمبالاپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ.
6 Therefore still having one, his beloved son, he sent him last to them, saying, ‘They will respect my son.’
خوجايىننىڭ يېنىدا پەقەت ئۇنىڭ سۆيۈملۈك بىر ئوغلىلا قالغاچقا، ئۇلار ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرى بولۇپ باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
7 But those farmers said among themselves, ‘This is the heir. Come, let’s kill him, and the inheritance will be ours.’
لېكىن شۇ باغۋەنلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، شۇنىڭ بىلەن مىراسى بىزنىڭكى بولىدۇ!» دېيىشىپتۇ.
8 They took him, killed him, and cast him out of the vineyard.
شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ.
9 What therefore will the lord of the vineyard do? He will come and destroy the farmers, and will give the vineyard to others.
ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ئۆزى كېلىپ باغۋەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا بېرىدۇ.
10 Haven’t you even read this Scripture: ‘The stone which the builders rejected was made the head of the corner.
ئەمدى سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟ ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.
11 This was from the Lord. It is marvelous in our eyes’?”
بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر»
12 They tried to seize him, but they feared the multitude; for they perceived that he spoke the parable against them. They left him and went away.
ئۇلار ئۇنىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى؛ شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەشتى؛ ھالبۇكى، خالايىقتىن قورقۇشۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
13 They sent some of the Pharisees and the Herodians to him, that they might trap him with words.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىرنەچچە پەرىسىي ۋە ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرىنى ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى.
14 When they had come, they asked him, “Teacher, we know that you are honest, and don’t defer to anyone; for you aren’t partial to anyone, but truly teach the way of God. Is it lawful to pay taxes to Caesar, or not?
ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. [سىلىچە]، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟
15 Shall we give, or shall we not give?” But he, knowing their hypocrisy, said to them, “Why do you test me? Bring me a denarius, that I may see it.”
زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى.
16 They brought it. He said to them, “Whose is this image and inscription?” They said to him, “Caesar’s.”
ئۇلار پۇلنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئۇلاردىن: ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ قەيسەرنىڭ، ــ دېيىشتى ئۇلار.
17 Jesus answered them, “Render to Caesar the things that are Caesar’s, and to God the things that are God’s.” They marveled greatly at him.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ [ئۇنداق بولسا]، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
18 Some Sadducees, who say that there is no resurrection, came to him. They asked him, saying,
ئاندىن «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى:
19 “Teacher, Moses wrote to us, ‘If a man’s brother dies and leaves a wife behind him, and leaves no children, that his brother should take his wife and raise up offspring for his brother.’
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋراتتا بىزگە: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان.
20 There were seven brothers. The first took a wife, and dying left no offspring.
بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئۆلدى.
21 The second took her, and died, leaving no children behind him. The third likewise;
ئىككىنچى قېرىندىشى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى.
22 and the seven took her and left no children. Last of all the woman also died.
شۇ تەرىقىدە يەتتىسى ئوخشاشلا ئۇنى ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي كەتتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.
23 In the resurrection, when they rise, whose wife will she be of them? For the seven had her as a wife.”
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ــ دېيىشتى.
24 Jesus answered them, “Isn’t this because you are mistaken, not knowing the Scriptures nor the power of God?
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئازغان ئەمەسمۇسىلەر؟
25 For when they will rise from the dead, they neither marry nor are given in marriage, but are like angels in heaven.
چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.
26 But about the dead, that they are raised, haven’t you read in the book of Moses about the Bush, how God spoke to him, saying, ‘I am the God of Abraham, the God of Isaac, and the God of Jacob’?
ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە [تەۋراتتا]، يەنى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتىكى «تىكەنلىك» ۋەقەسىدە، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئېيتقىنىنى، يەنى: «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگىنىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟
27 He is not the God of the dead, but of the living. You are therefore badly mistaken.”
ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر! شۇڭا سىلەر قاتتىق ئېزىپ كەتكەنسىلەر!
28 One of the scribes came and heard them questioning together, and knowing that he had answered them well, asked him, “Which commandment is the greatest of all?”
ئۇلارغا يېقىن كەلگەن، مۇنازىرىلەشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭدىن: ــ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ ــ دەپ سورىدى.
29 Jesus answered, “The greatest is: ‘Hear, Israel, the Lord our God, the Lord is one.
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەڭ مۇھىم ئەمر شۇكى، «ئاڭلىغىن، ئەي ئىسرائىل! پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بولغان رەب بىردۇر.
30 You shall love the Lord your God with all your heart, with all your soul, with all your mind, and with all your strength.’ This is the first commandment.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن». مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمر.
31 The second is like this: ‘You shall love your neighbor as yourself.’ There is no other commandment greater than these.”
ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا: ــ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». ھېچقانداق ئەمر بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.
32 The scribe said to him, “Truly, teacher, you have said well that he is one, and there is none other but he;
تەۋرات ئۇستازى ئۇنىڭغا: ــ توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، ھەقىقەت بويىچە سۆزلىدىڭىز؛ چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر؛
33 and to love him with all the heart, with all the understanding, all the soul, and with all the strength, and to love his neighbor as himself, is more important than all whole burnt offerings and sacrifices.”
ئىنساننىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم باشقا قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىنمۇ ئارتۇقتۇر.
34 When Jesus saw that he answered wisely, he said to him, “You are not far from God’s Kingdom.” No one dared ask him any question after that.
ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن جاۋاب بەرگىنىنى كۆرۈپ: ــ سەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسەن، ــ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.
35 Jesus responded, as he taught in the temple, “How is it that the scribes say that the Christ is the son of David?
ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بەرگەندە، ئەيسا بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ مەسىھنى «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگىنىنى قانداق چۈشىنىسىلەر؟
36 For David himself said in the Holy Spirit, ‘The Lord said to my Lord, “Sit at my right hand, until I make your enemies the footstool of your feet.”’
چۈنكى داۋۇت ئۆزى مۇقەددەس روھتا مۇنداق دېگەنغۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!».
37 Therefore David himself calls him Lord, so how can he be his son?” The common people heard him gladly.
داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى [مەسىھ] قانداقمۇ [داۋۇتنىڭ] ئوغلى بولىدۇ؟ ئۇ يەردىكى توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى خۇرسەنلىك بىلەن ئاڭلايتتى.
38 In his teaching he said to them, “Beware of the scribes, who like to walk in long robes, and to get greetings in the marketplaces,
ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەرگىنىدە مۇنداق دېدى: ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا كېرىلىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان [ئۇزۇن] سالاملىرىغا،
39 and to get the best seats in the synagogues and the best places at feasts,
سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردە تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.
40 those who devour widows’ houses, and for a pretense make long prayers. These will receive greater condemnation.”
ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ!
41 Jesus sat down opposite the treasury and saw how the multitude cast money into the treasury. Many who were rich cast in much.
ئۇ ئىبادەتخانىدىكى سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۇللىرىنى تاشلاۋاتقان خالايىققا قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل تاشلاشتى.
42 A poor widow came and she cast in two small brass coins, which equal a quadrans coin.
نامرات بىر تۇل ئايالمۇ كېلىپ، تىيىننىڭ تۆتتىن بىرى قىممىتىدىكى ئىككى لەپتوننى تاشلىدى.
43 He called his disciples to himself and said to them, “Most certainly I tell you, this poor widow gave more than all those who are giving into the treasury,
ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنى باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشلىغانلىرىدىن كۆپتۇر.
44 for they all gave out of their abundance, but she, out of her poverty, gave all that she had to live on.”
چۈنكى باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئېشىپ تاشقانلىرىدىن سەدىقە قىلدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامرات تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى ــ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىپ تاشلىدى.

< Mark 12 >