< Luke 19 >

1 He entered and was passing through Jericho.
ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
2 There was a man named Zacchaeus. He was a chief tax collector, and he was rich.
مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى.
3 He was trying to see who Jesus was, and couldn’t because of the crowd, because he was short.
ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى.
4 He ran on ahead and climbed up into a sycamore tree to see him, for he was going to pass that way.
شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى.
5 When Jesus came to the place, he looked up and saw him, and said to him, “Zacchaeus, hurry and come down, for today I must stay at your house.”
ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى.
6 He hurried, came down, and received him joyfully.
ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى [ئۆيىدە] مېھمان قىلدى.
7 When they saw it, they all murmured, saying, “He has gone in to lodge with a man who is a sinner.”
بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.
8 Zacchaeus stood and said to the Lord, “Behold, Lord, half of my goods I give to the poor. If I have wrongfully exacted anything of anyone, I restore four times as much.”
لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى.
9 Jesus said to him, “Today, salvation has come to this house, because he also is a son of Abraham.
بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا [قاراپ]: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر!
10 For the Son of Man came to seek and to save that which was lost.”
چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى.
11 As they heard these things, he went on and told a parable, because he was near Jerusalem, and they supposed that God’s Kingdom would be revealed immediately.
خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى.
12 He said therefore, “A certain nobleman went into a far country to receive for himself a kingdom and to return.
شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
13 He called ten servants of his and gave them ten mina coins, and told them, ‘Conduct business until I come.’
[ئاۋۋال] ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە [بۇنىڭ بىلەن] ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ.
14 But his citizens hated him, and sent an envoy after him, saying, ‘We don’t want this man to reign over us.’
بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ.
15 “When he had come back again, having received the kingdom, he commanded these servants, to whom he had given the money, to be called to him, that he might know what they had gained by conducting business.
ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ.
16 The first came before him, saying, ‘Lord, your mina has made ten more minas.’
ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ.
17 “He said to him, ‘Well done, you good servant! Because you were found faithful with very little, you shall have authority over ten cities.’
«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.
18 “The second came, saying, ‘Your mina, Lord, has made five minas.’
ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ.
19 “So he said to him, ‘And you are to be over five cities.’
خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ.
20 Another came, saying, ‘Lord, behold, your mina, which I kept laid away in a handkerchief,
لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم.
21 for I feared you, because you are an exacting man. You take up that which you didn’t lay down, and reap that which you didn’t sow.’
چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ.
22 “He said to him, ‘Out of your own mouth I will judge you, you wicked servant! You knew that I am an exacting man, taking up that which I didn’t lay down and reaping that which I didn’t sow.
ئەمما [خوجايىنى] ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،
23 Then why didn’t you deposit my money in the bank, and at my coming, I might have earned interest on it?’
نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ.
24 He said to those who stood by, ‘Take the mina away from him and give it to him who has the ten minas.’
ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ.
25 “They said to him, ‘Lord, he has ten minas!’
ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن،
26 ‘For I tell you that to everyone who has, will more be given; but from him who doesn’t have, even that which he has will be taken away from him.
[ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ]: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
27 But bring those enemies of mine who didn’t want me to reign over them here, and kill them before me.’”
ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار».
28 Having said these things, he went on ahead, going up to Jerusalem.
ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
29 When he came near to Bethsphage and Bethany, at the mountain that is called Olivet, he sent two of his disciples,
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى:
30 saying, “Go your way into the village on the other side, in which, as you enter, you will find a colt tied, which no man has ever sat upon. Untie it and bring it.
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار.
31 If anyone asks you, ‘Why are you untying it?’ say to him: ‘The Lord needs it.’”
ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار.
32 Those who were sent went away and found things just as he had told them.
شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى.
33 As they were untying the colt, its owners said to them, “Why are you untying the colt?”
ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
34 They said, “The Lord needs it.”
ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى.
35 Then they brought it to Jesus. They threw their cloaks on the colt and sat Jesus on them.
ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى.
36 As he went, they spread their cloaks on the road.
ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.
37 As he was now getting near, at the descent of the Mount of Olives, the whole multitude of the disciples began to rejoice and praise God with a loud voice for all the mighty works which they had seen,
ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.
38 saying, “Blessed is the King who comes in the name of the Lord! Peace in heaven, and glory in the highest!”
39 Some of the Pharisees from the multitude said to him, “Teacher, rebuke your disciples!”
لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا [مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن] تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى.
40 He answered them, “I tell you that if these were silent, the stones would cry out.”
بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى.
41 When he came near, he saw the city and wept over it,
ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى:
42 saying, “If you, even you, had known today the things which belong to your peace! But now, they are hidden from your eyes.
ــ [ئى يېرۇسالېم]! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر.
43 For the days will come on you when your enemies will throw up a barricade against you, surround you, hem you in on every side,
چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ.
44 and will dash you and your children within you to the ground. They will not leave in you one stone on another, because you didn’t know the time of your visitation.”
ئۇلار سېنى ۋە [سېپىلىڭ]نىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى [خۇدا]نىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ.
45 He entered into the temple and began to drive out those who bought and sold in it,
ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ،
46 saying to them, “It is written, ‘My house is a house of prayer,’ but you have made it a ‘den of robbers’!”
ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى.
47 He was teaching daily in the temple, but the chief priests, the scribes, and the leading men among the people sought to destroy him.
شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى.
48 They couldn’t find what they might do, for all the people hung on to every word that he said.
لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى.

< Luke 19 >