< Joshua 7 >

1 But the children of Israel committed a trespass in the devoted things; for Achan, the son of Carmi, the son of Zabdi, the son of Zerah, of the tribe of Judah, took some of the devoted things. Therefore Yahweh’s anger burned against the children of Israel.
لېكىن ئىسرائىل «ھارام» نەرسىلەر ئۈستىدە ئىتائەتسىزلىك قىلدى؛ چۈنكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان دېگەن كىشى ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى.
2 Joshua sent men from Jericho to Ai, which is beside Beth Aven, on the east side of Bethel, and spoke to them, saying, “Go up and spy out the land.” The men went up and spied out Ai.
يەشۇئا يېرىخودىن بەيت-ئەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەيت-ئاۋەننىڭ يېنىدا بولغان ئايى شەھىرىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇ يەرگە چىقىپ ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەر چىقىپ ئايى زېمىنىنى چارلاپ كەلدى.
3 They returned to Joshua, and said to him, “Don’t let all the people go up, but let about two or three thousand men go up and strike Ai. Don’t make all the people to toil there, for there are only a few of them.”
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەشۇئاغا: ــ ھەممە خەلقنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئىككى-ئۈچ مىڭچە ئادەم بولسىلا ئايىغا ھۇجۇم قىلىپ [ئۇنى ئىگىلىيەلەيدۇ؛] ئۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئاز بولغاچقا، پۈتكۈل خەلقنى ئاۋارە قىلىپ ئۇ يەرگە ئەۋەتمىگىن، ــ دېدى.
4 So about three thousand men of the people went up there, and they fled before the men of Ai.
شۇنىڭ بىلەن خەلقتىن ئۈچ مىڭچە كىشى ئۇ يەرگە چىقتى؛ لېكىن بۇلار ئايىنىڭ ئادەملىرى ئالدىدىن قېچىپ كېتىشتى.
5 The men of Ai struck about thirty-six men of them. They chased them from before the gate even to Shebarim, and struck them at the descent. The hearts of the people melted, and became like water.
ئايىنىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن ئوتتۇز ئالتىچە كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن شېبارىمغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى داۋاندا ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن خەلقنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى.
6 Joshua tore his clothes, and fell to the earth on his face before Yahweh’s ark until the evening, he and the elders of Israel; and they put dust on their heads.
يەشۇئا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەرگە دۈم يىقىلىپ، باشلىرىغا توپىلارنى چېچىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە يېتىپ قالدى.
7 Joshua said, “Alas, Lord Yahweh, why have you brought this people over the Jordan at all, to deliver us into the hand of the Amorites, to cause us to perish? I wish that we had been content and lived beyond the Jordan!
يەشۇئا: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار، سەن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، بۇ خەلقنى نېمىشقا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزگەنسەن؟ بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇۋەرگەن بولساق بوپتىكەن!
8 Oh, Lord, what shall I say, after Israel has turned their backs before their enemies?
ئەي رەببىم! ئىسرائىل ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ قاچقان يەردە مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟
9 For the Canaanites and all the inhabitants of the land will hear of it, and will surround us, and cut off our name from the earth. What will you do for your great name?”
قانائانىيلار، شۇنداقلا زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بۇنى ئاڭلىسا بىزنى قاپسىۋېلىپ يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ شۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىسەن؟! ــ دېدى.
10 Yahweh said to Joshua, “Get up! Why have you fallen on your face like that?
لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن قوپ! نېمىشقا شۇنداق دۈم ياتىسەن؟
11 Israel has sinned. Yes, they have even transgressed my covenant which I commanded them. Yes, they have even taken some of the devoted things, and have also stolen, and also deceived. They have even put it among their own stuff.
ئىسرائىل گۇناھ قىلدى! ئۇلار يەنە مەن ئۇلارغا تاپىلىغان ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئوغرىلىق قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ ھەم ھارام بېكىتىلگەننى ئۆز ماللىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويدى.
12 Therefore the children of Israel can’t stand before their enemies. They turn their backs before their enemies, because they have become devoted for destruction. I will not be with you any more, unless you destroy the devoted things from among you.
شۇڭا ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھارام» قىلىپ بېكىتىپ، مۇتلەق يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەچكە، دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاچىدۇ. ئەگەر سىلەر «ھارام» دەپ بېكىتىلگەننى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، مۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن.
13 Get up! Sanctify the people, and say, ‘Sanctify yourselves for tomorrow, for Yahweh, the God of Israel, says, “There is a devoted thing among you, Israel. You cannot stand before your enemies until you take away the devoted thing from among you.”
ئەمدى سەن تۇرۇپ خەلقنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ ئۇلارغا: ــ «ئەتە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ئەي ئىسرائىل، سەندە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسە باردۇر؛ بۇ ھارام نەرسىنى ئاراڭلاردىن يوق قىلمىغۇچىلىك دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسىلەر.
14 In the morning therefore you shall be brought near by your tribes. It shall be that the tribe which Yahweh selects shall come near by families. The family which Yahweh selects shall come near by households. The household which Yahweh selects shall come near man by man.
ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە-ئائىلە بويىچە بىردىن-بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن-بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن.
15 It shall be, that he who is taken with the devoted thing shall be burned with fire, he and all that he has, because he has transgressed Yahweh’s covenant, and because he has done a disgraceful thing in Israel.’”
شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن».
16 So Joshua rose up early in the morning and brought Israel near by their tribes. The tribe of Judah was selected.
يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئىسرائىلنى ئالدىغا يىغىپ، قەبىلە-قەبىلىنى ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسى بېكىتىلدى؛
17 He brought near the family of Judah, and he selected the family of the Zerahites. He brought near the family of the Zerahites man by man, and Zabdi was selected.
ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ھازىر قىلىۋىدى، زارھىيلار جەمەتى بېكىتىلدى. ئۇ زارھىيلار جەمەتىنى ئائىلە-ئائىلە بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈۋىدى، زابدى دېگەن كىشى بېكىتىلدى.
18 He brought near his household man by man, and Achan, the son of Carmi, the son of Zabdi, the son of Zerah, of the tribe of Judah, was selected.
زابدى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنى بىردىن-بىردىن ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسىدىن زەراھنىڭ ئەۋلادى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان بېكىتىلدى.
19 Joshua said to Achan, “My son, please give glory to Yahweh, the God of Israel, and make confession to him. Tell me now what you have done! Don’t hide it from me!”
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، [ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن] قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى.
20 Achan answered Joshua, and said, “I have truly sinned against Yahweh, the God of Israel, and this is what I have done.
ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق-مۇنداق قىلدىم:
21 When I saw among the plunder a beautiful Babylonian robe, two hundred shekels of silver, and a wedge of gold weighing fifty shekels, then I coveted them and took them. Behold, they are hidden in the ground in the middle of my tent, with the silver under it.”
مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى.
22 So Joshua sent messengers, and they ran to the tent. Behold, it was hidden in his tent, with the silver under it.
شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى.
23 They took them from the middle of the tent, and brought them to Joshua and to all the children of Israel. They laid them down before Yahweh.
ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ يەشۇئاغا، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى.
24 Joshua, and all Israel with him, took Achan the son of Zerah, the silver, the robe, the wedge of gold, his sons, his daughters, his cattle, his donkeys, his sheep, his tent, and all that he had; and they brought them up to the valley of Achor.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى.
25 Joshua said, “Why have you troubled us? Yahweh will trouble you today.” All Israel stoned him with stones, and they burned them with fire and stoned them with stones.
يەشۇئا ئاقانغا: ــ سەن بېشىمىزغا قانچىلىك ئاپەت كەلتۈردۈڭ! مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
26 They raised over him a great heap of stones that remains to this day. Yahweh turned from the fierceness of his anger. Therefore the name of that place was called “The valley of Achor” to this day.
ئاندىن خالايىق بىر چوڭ دۆۋە تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ ئۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ياندى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرگە «ئاپەت جىلغىسى» [«(ئاقور جىلغىسى)»] دەپ نام قويۇلدى ۋە بۇ كۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا.

< Joshua 7 >