< Jeremiah 51 >

1 Yahweh says: “Behold, I will raise up against Babylon, and against those who dwell in Lebkamai, a destroying wind.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛
2 I will send to Babylon strangers, who will winnow her. They will empty her land; for in the day of trouble they will be against her all around.
مەن بابىلغا يات ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنى سورۇۋېتىدۇ، زېمىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە ئۇلار ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشىلىشىشقا كېلىدۇ.
3 Against him who bends, let the archer bend his bow, also against him who lifts himself up in his coat of mail. Don’t spare her young men! Utterly destroy all her army!
ئۇنىڭ ئوقياچىلىرىغا كىرىچنى تارتقۇدەك، ئورنىدىن تۇرغۇچىلارغا دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيگۈدەك پۇرسەت بەرمەڭلار؛ ئۇنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى بىتچىت قىلىڭلار.
4 They will fall down slain in the land of the Chaldeans, and thrust through in her streets.
كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا سانجىلغانلار، كوچىلىرىدا قىلىچلانغانلار يىقىلسۇن!
5 For Israel is not forsaken, nor Judah, by his God, by Yahweh of Armies; though their land is full of guilt against the Holy One of Israel.
چۈنكى ئىسرائىل ياكى يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئەمەس؛ چۈنكى [بابىلنىڭ] زېمىنى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئالدىدا سادىر قىلغان گۇناھ بىلەن تولغاندۇر.
6 “Flee out of the middle of Babylon! Everyone save his own life! Don’t be cut off in her iniquity, for it is the time of Yahweh’s vengeance. He will render to her a recompense.
[بارلىق ئەللەر]، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ئۇنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ ھالاك بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ.
7 Babylon has been a golden cup in Yahweh’s hand, who made all the earth drunk. The nations have drunk of her wine; therefore the nations have gone mad.
بابىل پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى پۈتكۈل جاھاننى مەست قىلغۇچى ئالتۇن قەدەھ بولغان؛ ئەللەر ئۇنىڭ شارىبىدىن ئىچكەن؛ ئەللەر شۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ كەتكەن.
8 Babylon has suddenly fallen and been destroyed! Wail for her! Take balm for her pain. Perhaps she may be healed.
بابىل تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىتچىت بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن تۇتىيا ئېلىڭلار؛ ئۇ بەلكىم ساقايتىلارمىكىن؟
9 “We would have healed Babylon, but she is not healed. Forsake her, and let’s each go into his own country; for her judgment reaches to heaven, and is lifted up even to the skies.
ــ «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ».
10 ‘Yahweh has produced our righteousness. Come, and let’s declare in Zion the work of Yahweh our God.’
ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر؛ كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!»
11 “Make the arrows sharp! Hold the shields firmly! Yahweh has stirred up the spirit of the kings of the Medes, because his purpose is against Babylon, to destroy it; for it is the vengeance of Yahweh, the vengeance of his temple.
ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر.
12 Set up a standard against the walls of Babylon! Make the watch strong! Set the watchmen, and prepare the ambushes; for Yahweh has both purposed and done that which he spoke concerning the inhabitants of Babylon.
بابىلنىڭ سېپىللىرىغا قارىتىپ جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار؛ كۆزەتنى تېخىمۇ چىڭراق قىلىڭلار، كۆزەتچىلەرنى [بابىلنى چۆرىدىتىپ] سەپتە تۇرغۇزۇڭلار؛ بۆكتۈرمە قويۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلدىكىلەرنىڭ جازاسى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى كۆڭلىدە پەملەپ، ئۇنى ئادا قىلىدۇ.
13 You who dwell on many waters, abundant in treasures, your end has come, the measure of your covetousness.
ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى.
14 Yahweh of Armies has sworn by himself, saying, ‘Surely I will fill you with men, as with locusts, and they will lift up a shout against you.’
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى.
15 “He has made the earth by his power. He has established the world by his wisdom. By his understanding he has stretched out the heavens.
ــ ئۇ بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياساپ، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر؛
16 When he utters his voice, there is a roar of waters in the heavens, and he causes the vapors to ascend from the ends of the earth. He makes lightning for the rain, and brings the wind out of his treasuries.
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.
17 “Every man has become stupid and without knowledge. Every goldsmith is disappointed by his image, for his molten images are falsehood, and there is no breath in them.
بۇ [بۇتپەرەسلەرنىڭ] ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ ھەربىر زەرگەر ئۆزى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر.
18 They are vanity, a work of delusion. In the time of their visitation, they will perish.
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازالىنىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ.
19 The portion of Jacob is not like these, for he formed all things, including the tribe of his inheritance. Yahweh of Armies is his name.
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر؛ چۈنكى ھەممىنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىسىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
20 “You are my battle ax and weapons of war. With you I will break the nations into pieces. With you I will destroy kingdoms.
سەن [ئىسرائىل] مېنىڭ گۆرزەم، مېنىڭ جەڭ قورالىمدۇرسەن؛ سېنىڭ بىلەن مەن ئەللەرنى بىتچىت قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلىمەن؛
21 With you I will break in pieces the horse and his rider.
سېنىڭ بىلەن ھەم ئات ھەم ئات مىنگۈچىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم جەڭ ھارۋىسى ھەم ھەيدىگۈچىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛
22 With you I will break in pieces the chariot and him who rides therein. With you I will break in pieces man and woman. With you I will break in pieces the old man and the youth. With you I will break in pieces the young man and the virgin.
سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم قېرى ھەم ياشلارنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم يىگىت ھەم قىزنى بىتچىت قىلىمەن؛
23 With you I will break in pieces the shepherd and his flock. With you I will break in pieces the farmer and his yoke. With you I will break in pieces governors and deputies.
سېنىڭ بىلەن ھەم پادىچى ھەم قوي پادىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم دېھقان ھەم بويۇنتۇرۇققا قېتىلغان كالىلىرىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم ۋالىيلار ھەم ھۆكۈمرانلارنى بىتچىت قىلىمەن.
24 “I will render to Babylon and to all the inhabitants of Chaldea all their evil that they have done in Zion in your sight,” says Yahweh.
ــ مەن كۆز ئالدىڭلاردا بابىلنىڭ ھەم بارلىق كالدىيلەرنىڭ زىئوندا قىلغان بارلىق رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ ياندۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
25 “Behold, I am against you, destroying mountain,” says Yahweh, “which destroys all the earth. I will stretch out my hand on you, roll you down from the rocks, and will make you a burned mountain.
ــ مانا، مەن سەن [بابىلغا] قارشىمەن، ئى پۈتكۈل يەر يۈزىنى ھالاك قىلغۇچى تاغ؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە سوزۇپ، سېنى تىك يارلاردىن غۇلىتىپ، دومىلىتىپ چۈشۈرۈپ، سېنى كۆيۈپ تۈگىگەن بىر يانار تاغ قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
26 They won’t take a cornerstone from you, nor a stone for foundations; but you will be desolate forever,” says Yahweh.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەندىن بۈرجەك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تاش تاپالمايدۇ، ياكى ئۇل ئۈچۈنمۇ ھېچيەردىن تاش تاپالمايدۇ؛ چۈنكى سەن مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
27 “Set up a standard in the land! Blow the trumpet among the nations! Prepare the nations against her! Call together against her the kingdoms of Ararat, Minni, and Ashkenaz! Appoint a marshal against her! Cause the horses to come up as the swarming locusts!
ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار، ئەللەر ئارىسىدا كاناي چېلىڭلار؛ بابىلغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار؛ ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىناز پادىشاھلىقلىرىنى چاقىرىپ يىغىڭلار؛ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇنلارغا بىر سەردار بېكىتىڭلار؛ ئاتلارنى توپ-توپ چېكەتكە لېچىنكىلىرىدەك زېمىنغا تۈركۈملەپ چىقىرىڭلار؛
28 Prepare against her the nations, the kings of the Medes, its governors, and all its deputies, and all the land of their dominion!
ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار، ــ مېدىئالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنلارنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى تەييارلاڭلار!
29 The land trembles and is in pain; for the purposes of Yahweh against Babylon stand, to make the land of Babylon a desolation, without inhabitant.
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى تەۋرىنىپ ئازابلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى باغلىغان نىيەتلىرى، يەنى بابىلنىڭ زېمىنىنى ھېچ ئادەم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋان قىلىۋېتىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.
30 The mighty men of Babylon have stopped fighting, they remain in their strongholds. Their might has failed. They have become as women. Her dwelling places are set on fire. Her bars are broken.
بابىلدىكى پالۋانلار ئۇرۇشتىن قول ئۈزىدۇ؛ ئۇلار قورغانلىرىدا ئامالسىز ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دەرمانى قالمايدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ؛ دەرۋازا سالاسۇنلىرى سۇندۇرۇلىدۇ.
31 One runner will run to meet another, and one messenger to meet another, to show the king of Babylon that his city is taken on every quarter.
يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر چاپارمەن يەنە بىر چاپارمەنگە، بىر خەۋەرچى يەنە بىر خەۋەرچىگە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرى ئۇ چەتتىن بۇ چەتكىچە ئىشغال قىلىندى؛
32 So the passages are seized. They have burned the reeds with fire. The men of war are frightened.”
دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى، قومۇشلۇقلار ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، پالۋانلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشۈشتى!» ــ دەپ جاكارلىشىدۇ.
33 For Yahweh of Armies, the God of Israel says: “The daughter of Babylon is like a threshing floor at the time when it is trodden. Yet a little while, and the time of harvest comes for her.”
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ قىزى تەكشىلىنىپ چىڭدىلىدىغان ۋاقتى بولغان خاماندەك بېسىلىدۇ؛ بىردەمدىلا، ئۇنىڭ ھوسۇلى ئورۇلىدىغان ۋاقتى يېتىپ بولىدۇ!
34 “Nebuchadnezzar the king of Babylon has devoured me. He has crushed me. He has made me an empty vessel. He has, like a monster, swallowed me up. He has filled his mouth with my delicacies. He has cast me out.
زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ.
35 May the violence done to me and to my flesh be on Babylon!” the inhabitant of Zion will say; and, “May my blood be on the inhabitants of Chaldea!” will Jerusalem say.
36 Therefore Yahweh says: “Behold, I will plead your cause, and take vengeance for you. I will dry up her sea, and make her fountain dry.
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن.
37 Babylon will become heaps, a dwelling place for jackals, an astonishment, and a hissing, without inhabitant.
بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولىدۇ؛ زېمىنى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ، ھېچ ئادەم شۇ يەردە تۇرمايدۇ.
38 They will roar together like young lions. They will growl as lions’ cubs.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ؛
39 When they are inflamed, I will make their feast, and I will make them drunk, that they may rejoice, and sleep a perpetual sleep, and not wake up,” says Yahweh.
ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
40 “I will bring them down like lambs to the slaughter, like rams with male goats.
بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن.
41 “How Sheshach is taken! How the praise of the whole earth is seized! How Babylon has become a desolation among the nations!
شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا! پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پەخرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارا! بابىلنىڭ ئەللەر ئارىسىدا ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكتى بولغانلىقىغا قارا!
42 The sea has come up on Babylon. She is covered with the multitude of its waves.
دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى.
43 Her cities have become a desolation, a dry land, and a desert, a land in which no man dwells. No son of man passes by it.
ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، قاغجىراق يەر، بىر چۆل، ھېچكىم تۇرمايدىغان زېمىن بولدى؛ ھېچقانداق ئىنسان بالىسى قايتىدىن شۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ.
44 I will execute judgment on Bel in Babylon, and I will bring out of his mouth that which he has swallowed up. The nations will not flow any more to him. Yes, the wall of Babylon will fall.
مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ.
45 “My people, go away from the middle of her, and each of you save yourselves from Yahweh’s fierce anger.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم! ھەربىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار!
46 Don’t let your heart faint. Don’t fear for the news that will be heard in the land. For news will come one year, and after that in another year news will come, and violence in the land, ruler against ruler.
سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ.
47 Therefore behold, the days come that I will execute judgment on the engraved images of Babylon; and her whole land will be confounded. All her slain will fall in the middle of her.
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛
48 Then the heavens and the earth, and all that is therein, will sing for joy over Babylon; for the destroyers will come to her from the north,” says Yahweh.
شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛ چۈنكى شىمالدىن ھالاك قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
49 “As Babylon has caused the slain of Israel to fall, so the slain of all the land will fall at Babylon.
بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ.
50 You who have escaped the sword, go! Don’t stand still! Remember Yahweh from afar, and let Jerusalem come into your mind.”
قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.
51 “We are confounded because we have heard reproach. Confusion has covered our faces, for strangers have come into the sanctuaries of Yahweh’s house.”
«بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!».
52 “Therefore behold, the days come,” says Yahweh, “that I will execute judgment on her engraved images; and through all her land the wounded will groan.
شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى بويىدا يارىلىنىپ جان ھەلقۇمىدا ئىڭرىشىدۇ.
53 Though Babylon should mount up to the sky, and though she should fortify the height of her strength, yet destroyers will come to her from me,” says Yahweh.
بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
54 “The sound of a cry comes from Babylon, and of great destruction from the land of the Chaldeans!
بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدىن زور ھالاكەتنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلىدۇ.
55 For Yahweh lays Babylon waste, and destroys out of her the great voice! Their waves roar like many waters. The noise of their voice is uttered.
چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى يوقىتىدۇ؛ سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ.
56 For the destroyer has come on her, even on Babylon. Her mighty men are taken. Their bows are broken in pieces, for Yahweh is a God of retribution. He will surely repay.
چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پالۋانلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ــ قىساسلار ئالغۇچى تەڭرىدۇر؛ ئۇ يامانلىقنى ياندۇرماي قالمايدۇ.
57 I will make her princes, her wise men, her governors, her deputies, and her mighty men drunk. They will sleep a perpetual sleep, and not wake up,” says the King, whose name is Yahweh of Armies.
ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛ ئۇلار مەڭگۈگە ئۇخلايدۇ ۋە قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ ــ دەيدۇ پادىشاھ، ــ نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
58 Yahweh of Armies says: “The wide walls of Babylon will be utterly overthrown. Her high gates will be burned with fire. The peoples will labor for vanity, and the nations for the fire; and they will be weary.”
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ كەڭ سېپىللىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىرى پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ.
59 The word which Jeremiah the prophet commanded Seraiah the son of Neriah, the son of Mahseiah, when he went with Zedekiah the king of Judah to Babylon in the fourth year of his reign. Now Seraiah was chief quartermaster.
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان.
60 Jeremiah wrote in a book all the evil that should come on Babylon, even all these words that are written concerning Babylon.
يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛
61 Jeremiah said to Seraiah, “When you come to Babylon, then see that you read all these words,
ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ
62 and say, ‘Yahweh, you have spoken concerning this place, to cut it off, that no one will dwell in it, neither man nor animal, but that it will be desolate forever.’
«پەرۋەردىگار، سەن بۇ جاي توغرۇلۇق: ــ مەن ئۇنى يەكسان قىلىمەنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم، نە ئىنسان نە ھايۋان تۇرمايدىغان، مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىدۇ ــ دېگەنسەن» ــ دەيسەن؛
63 It will be, when you have finished reading this book, that you shall bind a stone to it, and cast it into the middle of the Euphrates.
شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تاش تېڭىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆرۈۋەت،
64 Then you shall say, ‘Thus will Babylon sink, and will not rise again because of the evil that I will bring on her; and they will be weary.’” Thus far are the words of Jeremiah.
ۋە: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن، بابىل [شۇ تاشقا] ئوخشاشلا غەرق بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىمەيدۇ؛ ئۇلار ھالىدىن كېتىدۇ» ــ دەيسەن. يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

< Jeremiah 51 >