< Jeremiah 36 >

1 In the fourth year of Jehoiakim the son of Josiah, king of Judah, this word came to Jeremiah from Yahweh, saying,
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى سۆز كەلدى: ــ
2 “Take a scroll of a book, and write in it all the words that I have spoken to you against Israel, against Judah, and against all the nations, from the day I spoke to you, from the days of Josiah even to this day.
ئۆزۈڭگە ئورام قەغەز ئالغىن؛ ئۇنىڭغا يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە ساڭا سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەن ئىسرائىلنى ئەيىبلىگەن، يەھۇدانى ئەيىبلىگەن ھەم بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن، ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغىن.
3 It may be that the house of Judah will hear all the evil which I intend to do to them, that they may each return from his evil way; that I may forgive their iniquity and their sin.”
يەھۇدانىڭ جەمەتى بەلكىم مەن بېشىغا چۈشۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتنى ئاڭلاپ، ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىمەن.
4 Then Jeremiah called Baruch the son of Neriah; and Baruch wrote from the mouth of Jeremiah all Yahweh’s words, which he had spoken to him, on a scroll of a book.
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى چاقىردى؛ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئورام قەغەزگە يېزىپ بەردى.
5 Jeremiah commanded Baruch, saying, “I am restricted. I can’t go into Yahweh’s house.
يەرەمىيا بارۇققا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ ئۆزۈم قاماپ قويۇلغانمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە رۇخسەت يوق؛ لېكىن ئۆزۈڭ بېرىپ كىرگىن؛
6 Therefore you go, and read from the scroll which you have written from my mouth, Yahweh’s words, in the ears of the people in Yahweh’s house on the fast day. Also you shall read them in the ears of all Judah who come out of their cities.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە روزا تۇتقان بىر كۈنىدە، سەن ئاغزىمدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ يازغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن؛ ھەممە شەھەرلەردىن كەلگەن يەھۇدادىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزگىن.
7 It may be they will present their supplication before Yahweh, and will each return from his evil way; for Yahweh has pronounced great anger and wrath against this people.”
ئۇلار بەلكىم پەرۋەردىگار ئالدىغا دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلققە ئاگاھلاندۇرغان غەزىپى ۋە قەھرى دەھشەتلىكتۇر.
8 Baruch the son of Neriah did according to all that Jeremiah the prophet commanded him, reading in the book Yahweh’s words in Yahweh’s house.
نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ جاكارلىدى.
9 Now in the fifth year of Jehoiakim the son of Josiah, king of Judah, in the ninth month, all the people in Jerusalem and all the people who came from the cities of Judah to Jerusalem, proclaimed a fast before Yahweh.
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان بەشىنچى يىلى توققۇزىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ھەمدە يەھۇدا شەھەرلىرىدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا كەلگەن بارلىق خەلق ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر مەزگىل روزا تۇتۇشىمىز كېرەك دەپ ئېلان قىلىندى.
10 Then Baruch read the words of Jeremiah from the book in Yahweh’s house, in the room of Gemariah the son of Shaphan the scribe, in the upper court, at the entry of the new gate of Yahweh’s house, in the ears of all the people.
شۇ ۋاقىت بارۇق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى؛ بۇ ئۆي پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى ھويلىسىدىكى «يېڭى دەرۋازا»غا جايلاشقانىدى.
11 When Micaiah the son of Gemariah, the son of Shaphan, had heard out of the book all Yahweh’s words,
شافاننىڭ نەۋرىسى، گەمارىيانىڭ ئوغلى مىكاھ بولسا يازمىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالدى.
12 he went down into the king’s house, into the scribe’s room; and behold, all the princes were sitting there, Elishama the scribe, Delaiah the son of Shemaiah, Elnathan the son of Achbor, Gemariah the son of Shaphan, Zedekiah the son of Hananiah, and all the princes.
ئاندىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ پۈتۈكچىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، مانا، ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئولتۇراتتى؛ پۈتۈكچى ئەلىشاما، شېمايانىڭ ئوغلى دېلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيا ۋە ھانانىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيا قاتارلىق بارلىق ئەمىرلەر شۇ يەردە ئولتۇراتتى.
13 Then Micaiah declared to them all the words that he had heard, when Baruch read the book in the ears of the people.
شۇنىڭ بىلەن مىكاھ بارۇقنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغان بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارغا بايان قىلدى.
14 Therefore all the princes sent Jehudi the son of Nethaniah, the son of Shelemiah, the son of Cushi, to Baruch, saying, “Take in your hand the scroll in which you have read in the ears of the people, and come.” So Baruch the son of Neriah took the scroll in his hand, and came to them.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمىرلەر كۇشىنىڭ چەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىينى بارۇقنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «سەن خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان ئورام يازمىنى قولۇڭغا ئېلىپ يېنىمىزغا كەل» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى.
15 They said to him, “Sit down now, and read it in our hearing.” So Baruch read it in their hearing.
ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئولتۇر، ئۇنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ بەر» ــ دېدى. بارۇق ئۇنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ ئوقۇدى.
16 Now when they had heard all the words, they turned in fear one toward another, and said to Baruch, “We will surely tell the king of all these words.”
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ: «بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ» ــ دېدى.
17 They asked Baruch, saying, “Tell us now, how did you write all these words at his mouth?”
ئاندىن بارۇقتىن: «بىزگە دېگىن ئەمدى، سەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق يازدىڭ؟ ئۇلارنى يەرەمىيانىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
18 Then Baruch answered them, “He dictated all these words to me with his mouth, and I wrote them with ink in the book.”
بارۇق ئۇلارغا: «ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ئېيتتى، مەن ئورام قەغەزگە سىياھ بىلەن يازدىم» ــ دېدى.
19 Then the princes said to Baruch, “You and Jeremiah go hide. Don’t let anyone know where you are.”
ئەمىرلەر بارۇققا: «بارغىن، سەن ۋە يەرەمىيا مۆكۈۋېلىڭلار. قەيەردە بولساڭلار ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار» ــ دېدى.
20 They went in to the king into the court, but they had laid up the scroll in the room of Elishama the scribe. Then they told all the words in the hearing of the king.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورام يازمىنى پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى.
21 So the king sent Jehudi to get the scroll, and he took it out of the room of Elishama the scribe. Jehudi read it in the hearing of the king, and in the hearing of all the princes who stood beside the king.
پادىشاھ يەھۇدىينى يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئۇ ئۇنى ئەلىشامانىڭ ئۆيىدىن ئېپكەلدى. يەھۇدىي ئۇنى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ۋە پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى.
22 Now the king was sitting in the winter house in the ninth month, and there was a fire in the brazier burning before him.
شۇ چاغ توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، پادىشاھ «قىشلىق ئۆي»ىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت قالاقلىق ئىدى.
23 When Jehudi had read three or four columns, the king cut it with the penknife, and cast it into the fire that was in the brazier, until all the scroll was consumed in the fire that was in the brazier.
شۇنداق بولدىكى، يەھۇدىي ئۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت سەھىپىنى ئوقۇغاندا، پادىشاھ قەلەمتىراشى بىلەن بۇ قىسمىنى كېسىپ، يازمىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئوتتا كۆيۈپ يوقىغۇچە ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىدى.
24 The king and his servants who heard all these words were not afraid, and didn’t tear their garments.
لېكىن بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياكى خىزمەتكارلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قورقمىدى، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقانلار يوق ئىدى.
25 Moreover Elnathan and Delaiah and Gemariah had made intercession to the king that he would not burn the scroll; but he would not listen to them.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلناتان، دېلايا ۋە گەمارىيالار پادىشاھتىن ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكىنى ئۆتۈنگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
26 The king commanded Jerahmeel the king’s son, and Seraiah the son of Azriel, and Shelemiah the son of Abdeel, to arrest Baruch the scribe and Jeremiah the prophet; but Yahweh hid them.
پادىشاھ بولسا شاھزادە يېراھمەئەل، ئازرىئەلنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە ئابدەئەلنىڭ ئوغلى شەلەمىيانى پۈتۈكچى بارۇقنى ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قولغا ئېلىشقا ئەۋەتتى؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ ساقلىدى.
27 Then Yahweh’s word came to Jeremiah, after the king had burned the scroll, and the words which Baruch wrote at the mouth of Jeremiah, saying,
پادىشاھ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يازغان سۆزلەرنى خاتىرىلىگەن ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
28 “Take again another scroll, and write in it all the former words that were in the first scroll, which Jehoiakim the king of Judah has burned.
يەنە بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم كۆيدۈرۈۋەتكەن بىرىنچى ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن بارلىق سۆزلەرنى يازغىن.
29 Concerning Jehoiakim king of Judah you shall say, ‘Yahweh says: “You have burned this scroll, saying, ‘Why have you written therein, saying, “The king of Babylon will certainly come and destroy this land, and will cause to cease from there man and animal”?’”
ۋە يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن بۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ ۋە مېنىڭ توغرۇلۇق: سەن بۇنىڭغا: «بابىل پادىشاھى چوقۇم كېلىپ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىنساننى ھەم ھايۋاننى يوقىتىدۇ» ــ دەپ يېزىشقا قانداقمۇ پېتىندىڭ؟» ــ دېدىڭ.
30 Therefore Yahweh says concerning Jehoiakim king of Judah: “He will have no one to sit on David’s throne. His dead body will be cast out in the day to the heat, and in the night to the frost.
شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ھېچ ئادەم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ جەسىتى سىرتقا تاشلىۋېتىلىپ كۈندۈزدە ئىسسىقتا، كېچىدە قىراۋدا ئوچۇق ياتىدۇ.
31 I will punish him, his offspring, and his servants for their iniquity. I will bring on them, on the inhabitants of Jerusalem, and on the men of Judah, all the evil that I have pronounced against them, but they didn’t listen.”’”
مەن ئۇنىڭ ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ بېشىغا قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ھەم يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۈستىگە مەن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغان بارلىق كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان.
32 Then Jeremiah took another scroll, and gave it to Baruch the scribe, the son of Neriah, who wrote therein from the mouth of Jeremiah all the words of the book which Jehoiakim king of Judah had burned in the fire; and many similar words were added to them.
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا باشقا بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇققا بەردى؛ ئۇ يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى؛ ئۇلار بۇ سۆزلەرگە ئوخشايدىغان باشقا كۆپ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ يازدى.

< Jeremiah 36 >