< Jeremiah 14 >

1 This is Yahweh’s word that came to Jeremiah concerning the drought:
يەرەمىياغا چۈشكەن، پەرۋەردىگارنىڭ قۇرغاقچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزى: ــ
2 “Judah mourns, and its gates languish. They sit in black on the ground. The cry of Jerusalem goes up.
يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى زاۋالغا يۈز تۇتماقتا، خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە.
3 Their nobles send their little ones to the waters. They come to the cisterns, and find no water. They return with their vessels empty. They are disappointed and confounded, and cover their heads.
مۆتىۋەرلىرى چاپارمەنلىرىنى سۇ ئەكىلىشكە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇلار سۇ ئازگاللىرىغا بارىدۇ، لېكىن ھېچ سۇ تاپالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۈپلىرى قۇرۇق قايتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە قاراپ قالىدۇ، ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ.
4 Because of the ground which is cracked, because no rain has been in the land, the plowmen are disappointed. They cover their heads.
ھېچ يامغۇر بولمىغاچقا يەر يۈزى يېرىلىپ كەتتى؛ يەر ھەيدىگۈچىلەر يەرگە قاراپ بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ.
5 Yes, the doe in the field also calves and forsakes her young, because there is no grass.
مارال بولسا دالادا بالا قوزىلايدۇ، ئاندىن قوزىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ چۈنكى ئوت-چۆپ يوق.
6 The wild donkeys stand on the bare heights. They pant for air like jackals. Their eyes fail, because there is no vegetation.
ياۋا ئېشەكلەر ئېگىزلىكلەردە تۇرۇپ چىلبۆرىلەردەك ھاسىراپ كېتىدۇ؛ ئوزۇق ئىزدەپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئوزۇق يوق.
7 Though our iniquities testify against us, work for your name’s sake, Yahweh; for our rebellions are many. We have sinned against you.
ــ ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرگىنى بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ نامىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلغايسەن! چۈنكى بىزنىڭ يولۇڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن كۆپتۇر؛ بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.
8 You hope of Israel, its Savior in the time of trouble, why should you be as a foreigner in the land, and as a wayfaring man who turns aside to stay for a night?
ئى ئىسرائىلنىڭ ئارزۇسى، كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغۇچى، سەن نېمىشقا بىزگە زېمىنىمىزدىكى مۇساپىردەك، بىر كېچىلا قونماقچى بولغان بىر يولۇچىدەك بولىسەن؟
9 Why should you be like a scared man, as a mighty man who can’t save? Yet you, Yahweh, are in the middle of us, and we are called by your name. Don’t leave us.
نېمىشقا ھېچ ئامالسىز كىشىدەك، ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىر پالۋانغا ئوخشاش بولىسەن؟ لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئارىمىزدا تۇرىسەن، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز؛ بىزدىن ۋاز كېچىپ كەتمە!
10 Yahweh says to this people: “Even so they have loved to wander. They have not restrained their feet. Therefore Yahweh does not accept them. Now he will remember their iniquity, and punish them for their sins.”
پەرۋەردىگار مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار دەرھەقىقەت [مەندىن] تېزىپ، كېزىشكە ئامراقتۇر؛ ئۇلار قەدەملىرىنى [يامان يولدىن] ھېچ تىزگىنلىمەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق خۇرسەنلىكى يوق؛ ئەمدى ھازىر ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ.
11 Yahweh said to me, “Don’t pray for this people for their good.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ خەلقنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلما ــ دېدى.
12 When they fast, I will not hear their cry; and when they offer burnt offering and meal offering, I will not accept them; but I will consume them by the sword, by famine, and by pestilence.”
ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن.
13 Then I said, “Ah, Lord Yahweh! Behold, the prophets tell them, ‘You will not see the sword, neither will you have famine; but I will give you assured peace in this place.’”
مەن بولسام: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «سىلەر قىلىچنى ھېچ كۆرمەيسىلەر، قەھەتچىلىككىمۇ دۇچ كەلمەيسىلەر؛ چۈنكى مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دەيدۇ، ــ دېدىم.
14 Then Yahweh said to me, “The prophets prophesy lies in my name. I didn’t send them. I didn’t command them. I didn’t speak to them. They prophesy to you a lying vision, divination, and a thing of nothing, and the deceit of their own heart.
ئەمدى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن، ۋە ئۇلارغا گەپ قىلغىنىم يوق. ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە.
15 Therefore Yahweh says concerning the prophets who prophesy in my name, but I didn’t send them, yet they say, ‘Sword and famine will not be in this land.’ Those prophets will be consumed by sword and famine.
شۇڭا پەرۋەردىگار: ــ مېنىڭ نامىمدا بېشارەت بېرىۋاتقان، مەن ئەۋەتمىگەن، يەنى: «قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بۇ زېمىنغا ھېچ كەلمەيدۇ» دەيدىغان پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ بۇ پەيغەمبەرلەر قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن يوقىتىلىدۇ؛
16 The people to whom they prophesy will be cast out in the streets of Jerusalem because of the famine and the sword. They will have no one to bury them—them, their wives, their sons, or their daughters, for I will pour their wickedness on them.
ئۇلار بېشارەت بەرگەن خەلقنىڭ بولسا، قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، ئاياللىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى كۆمگۈدەك ھېچكىم قالمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا تۆكىمەن.
17 “You shall say this word to them: “‘Let my eyes run down with tears night and day, and let them not cease; for the virgin daughter of my people is broken with a great breach, with a very grievous wound.
سەن ئۇلارغا شۇ سۆزنى ئېيتىسەن: ــ «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز ياش توختىمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم يارىسى بۆسۈلگەندەك قاتتىق بىر زەرب يەپ، ئىنتايىن ئېغىر يارىلاندى»، ــ دەيدۇ.
18 If I go out into the field, then behold, the slain with the sword! If I enter into the city, then behold, those who are sick with famine! For both the prophet and the priest go about in the land, and have no knowledge.’”
مەن دالاغا چىقسام، مانا قىلىچتىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر؛ شەھەرگە كىرسەم، مانا قەھەتچىلىكتىن سولىشىپ كەتكەنلەر! چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا بىلىمسىز-نادان بولۇپ، ئۇلار زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى.
19 Have you utterly rejected Judah? Has your soul loathed Zion? Why have you struck us, and there is no healing for us? We looked for peace, but no good came; and for a time of healing, and behold, dismay!
سەن يەھۇدادىن نېمىشقا ۋاز كەچتىڭ؟ جېنىڭ زىئوندىن زېرىكتىمۇ؟ سەن نېمىشقا بىزنى شۇنچە داۋالىغۇسىز دەرىجىدە ئۇرغانىدىڭ؟ بىز ئارام-تىنچلىقنى كۈتتۇق، لېكىن ھېچ قۇتلۇق كۈنلەر يوقتۇر؛ شىپالىق بىر ۋاقىتنى كۈتتۇق، لېكىن مانا دەككە-دۈككە ئىچىدىدۇرمىز!
20 We acknowledge, Yahweh, our wickedness, and the iniquity of our fathers; for we have sinned against you.
ئى پەرۋەردىگار، رەزىللىكىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىز؛ چۈنكى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.
21 Do not abhor us, for your name’s sake. Do not disgrace the throne of your glory. Remember, and don’t break your covenant with us.
ئۆزۈڭ نامىڭ ئۈچۈن [يېرۇسالېمنى] كۆزۈڭگە ئىلماي قويمىغايسەن؛ شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن؛ ئەھدەڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئۇنى بۇزمىغايسەن!
22 Are there any among the vanities of the nations that can cause rain? Or can the sky give showers? Aren’t you he, Yahweh our God? Therefore we will wait for you; for you have made all these things.
ئەللەر چوقۇنىدىغان «ئەرزىمەسلەر» ئارىسىدا يامغۇر ياغدۇرغۇچى بارمىدۇ؟ يېغىننى ئاسمانلار ئۆزلىرىلا بېرەمدۇ؟ [بۇلارنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى] سەن ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! شۇڭا سېنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز؛ چۈنكى سەنلا بۇلارنى قىلغۇچىدۇرسەن.

< Jeremiah 14 >