< Isaiah 21 >

1 The burden of the wilderness of the sea. As whirlwinds in the South sweep through, it comes from the wilderness, from an awesome land.
«دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!».
2 A grievous vision is declared to me. The treacherous man deals treacherously, and the destroyer destroys. Go up, Elam; attack! I have stopped all of Media’s sighing.
ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم.
3 Therefore my thighs are filled with anguish. Pains have seized me, like the pains of a woman in labor. I am in so much pain that I can’t hear. I am so dismayed that I can’t see.
ــ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئاغرىق-ئازاب بىلەن تولدى، تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، كۆرگەنلىرىمدىن تولغىنىپ كەتتىم، ئاڭلىغىنىمدىن پاراكەندە بولدۇم.
4 My heart flutters. Horror has frightened me. The twilight that I desired has been turned into trembling for me.
شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى.
5 They prepare the table. They set the watch. They eat. They drink. Rise up, you princes, oil the shield!
ئۇلار داستىخان ۋە گىلەم-كۆرپىلەرنىمۇ سالىدۇ؛ ئۇلار يېيىشىدۇ، ئىچىشىدۇ؛ «ھەي ئېسىلزادىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قالقاننى مايلاڭلار!»
6 For the Lord said to me, “Go, set a watchman. Let him declare what he sees.
چۈنكى رەب ماڭا: ــ «بارغىن، كۆرگەنلىرىنى ئەينى بويىچە ئېيتىدىغان بىر كۆزەتچىنى تەخلەپ قويغىن» ــ دېگەنىدى.
7 When he sees a troop, horsemen in pairs, a troop of donkeys, a troop of camels, he shall listen diligently with great attentiveness.”
ــ «ئۇ جەڭ ھارۋىلىرىنى، جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېشەكلەر بىلەن، جەڭ ھارۋىلىرىنى تۆگىلەر بىلەن كۆرگەندە، ئۇ دىققەت بىلەن، ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزەتسۇن!»
8 He cried like a lion: “Lord, I stand continually on the watchtower in the daytime, and every night I stay at my post.
ئۇ جاۋابەن شىردەك توۋلىدى: ــ «رەب، مەن كۆزەت مۇنارىدا ئۈزلۈكسىز كۈن بويى تۇرىمەن، ھەر كېچىدە كۆزەتتە تۇرىمەن؛
9 Behold, here comes a troop of men, horsemen in pairs.” He answered, “Fallen, fallen is Babylon; and all the engraved images of her gods are broken to the ground.
ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!».
10 You are my threshing, and the grain of my floor!” That which I have heard from Yahweh of Armies, the God of Israel, I have declared to you.
ــ ئى مېنىڭ تېپىلگەن دانلىرىم، مېنىڭ خامىنىمدىكى بۇغدايلىرىم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئاڭلىغاننى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم!
11 The burden of Dumah. One calls to me out of Seir, “Watchman, what of the night? Watchman, what of the night?”
«دۇماھ» توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ بىرسى سېئىردىن كېلىپ مەندىن: ــ «ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟ ئى كۆزەتچى، كېچىنىڭ قانچىلىكى ئۆتتى؟» ــ دەپ سورايدۇ.
12 The watchman said, “The morning comes, and also the night. If you will inquire, inquire. Come back again.”
كۆزەتچى جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەھەر كېلىدۇ، كېچىمۇ كېلىدۇ؛ يەنە سورىغىڭ بولسا، يەنە كېلىپ سورا؛ يولۇڭدىن قايتىپ ماڭا يېقىن كەل!»
13 The burden on Arabia. You will lodge in the thickets in Arabia, you caravans of Dedanites.
ئەرەبىيەنىڭ كېچىسى توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ «ئى دېدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىيەدىكى جاڭگالدا قونۇپ قالىسىلەر؛
14 They brought water to him who was thirsty. The inhabitants of the land of Tema met the fugitives with their bread.
ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سۇ ئاپىرىپ بېرىڭلار! ئى تېمادىكىلەر، نانلىرىڭلارنى ئېلىپ قاچقانلارنى كۈتۈۋېلىڭلار!
15 For they fled away from the swords, from the drawn sword, from the bent bow, and from the heat of battle.
چۈنكى ئۇلار قىلىچلاردىن، غىلاپتىن ئېلىنغان قىلىچتىن، كېرىلگەن ئوقيادىن، ئۇرۇشنىڭ ئازابىدىن قاچىدۇ.
16 For the Lord said to me, “Within a year, as a worker bound by contract would count it, all the glory of Kedar will fail,
چۈنكى رەب ماڭا شۇنداق دېگەن: ــ بىر يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، ئاندىن كېدارنىڭ بار شەرىپى يوقىلىدۇ،
17 and the residue of the number of the archers, the mighty men of the children of Kedar, will be few; for Yahweh, the God of Israel, has spoken it.”
ئوقياچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، يەنى كېدارنىڭ پالۋان-باتۇر بولغان ئوغۇللىرى ئاز قالىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى شۇنداق سۆز قىلغان».

< Isaiah 21 >