< Isaiah 19 >

1 The burden of Egypt. “Behold, Yahweh rides on a swift cloud, and comes to Egypt. The idols of Egypt will tremble at his presence; and the heart of Egypt will melt within it.
مىسىر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، پەرۋەردىگار تېز ئۇچىدىغان بۇلۇت ئۈستىگە مىنىپ، مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ؛ مىسىردىكى بۇتلار ئۇنىڭ ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ، مىسىرنىڭ يۈرىكى بولسا ئىچىدىن ئېرىپ كېتىدۇ.
2 I will stir up the Egyptians against the Egyptians, and they will fight everyone against his brother, and everyone against his neighbor; city against city, and kingdom against kingdom.
ــ «ۋە مەن مىسىرلىقلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى تۇرىشىدۇ، ئۆز قوشنىلىرى بىلەنمۇ سوقىشىدۇ؛ شەھەر بىلەن شەھەر، پادىشاھلىق بىلەن پادىشاھلىق بىر-بىرىگە قارشى ئۇرىشىدۇ؛
3 The spirit of the Egyptians will fail within them. I will destroy their counsel. They will seek the idols, the charmers, those who have familiar spirits, and the wizards.
ۋە مىسىرنىڭ روھى ئۆز ئىچىدىن يوقاپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى مەسلىھەتسىز قالدۇرىمەن؛ شۇڭا ئۇلار بۇتلارنى ۋە ئەرۋاھلارنى، ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلارنى ھەم پالچىلارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ؛
4 I will give over the Egyptians into the hand of a cruel lord. A fierce king will rule over them,” says the Lord, Yahweh of Armies.
مەن مىسىرلىقلارنى رەھىمسىز بىر ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئەشەددىي بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار؛
5 The waters will fail from the sea, and the river will be wasted and become dry.
ھەم سۇلار «دېڭىز»دىن يوقايدۇ، دەرياسى قاغجىراپ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ؛
6 The rivers will become foul. The streams of Egypt will be diminished and dried up. The reeds and flags will wither away.
دەريالارنى سېسىقچىلىق قاپلايدۇ، مىسىرنىڭ ئۆستەڭ-قاناللىرى قاغجىراپ تۈگەيدۇ؛ قومۇشلار ھەم يېكەنلەر سولىشىدۇ؛
7 The meadows by the Nile, by the brink of the Nile, and all the sown fields of the Nile, will become dry, be driven away, and be no more.
نىل دەرياسى بويىدىكى يەرلەر، نىل دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىكى يەرلەر گىياھسىز قالىدۇ، نىل دەرياسى بويىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ، توزۇپ، يوقىلىدۇ.
8 The fishermen will lament, and all those who fish in the Nile will mourn, and those who spread nets on the waters will languish.
بېلىقچىلار بولسا زار قاقشايدۇ؛ نىل دەرياسىغا قارماق تاشلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نالە كۆتۈرىدۇ؛ سۇلارنىڭ ئۈستىگە تور يايغۇچىلارنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىدۇ.
9 Moreover those who work in combed flax, and those who weave white cloth, will be confounded.
زىغىرچىلار ھەم لىباس توقۇغۇچىلار خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ،
10 The pillars will be broken in pieces. All those who work for hire will be grieved in soul.
جەمئىيەتنىڭ «تۈۋرۈك»لىرى پارە-پارە بولۇپ، مەدىكارلارنىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم بولىدۇ.
11 The princes of Zoan are utterly foolish. The counsel of the wisest counselors of Pharaoh has become stupid. How do you say to Pharaoh, “I am the son of the wise, the son of ancient kings”?
تولىمۇ ئەخمەق زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى! پىرەۋننىڭ ئەڭ دانا مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمىقانە مەسلىھەتلەر چىقىدۇ! سىلەر قانداقمۇ پىرەۋنگە: ــ «مەن بولسام دانالارنىڭ ئەۋلادى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!» ــ دەۋاتقانسىلەر تېخى؟
12 Where then are your wise men? Let them tell you now; and let them know what Yahweh of Armies has purposed concerning Egypt.
[مىسىر]، سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ ھازىر قېنى؟ ئۇلار دانىشمەن بولسا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى ساڭا ئايان قىلسۇن!
13 The princes of Zoan have become fools. The princes of Memphis are deceived. They have caused Egypt to go astray, those who are the cornerstone of her tribes.
زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى نادانلاشتى، مەمفىس شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىنىپ كەتتى؛ مىسىر قەبىلىلىرىنىڭ «بۇرجەك تاش»لىرى بولسا ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى.
14 Yahweh has mixed a spirit of perverseness in the middle of her; and they have caused Egypt to go astray in all of its works, like a drunken man staggers in his vomit.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر قايمۇقتۇرغۇچى روھنى ئارىلاشتۇرىۋەتتى؛ شۇڭا بىرسى مەست بولۇپ ئۆز قۇسۇقىدا تېيىلىپ ئەلەڭ-سەلەڭ بولغاندەك، ئۇلار مىسىردىكىلەرنى ھەربىر ئىشىدا ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىۋەتتى.
15 Neither shall there be any work for Egypt, which head or tail, palm branch or rush, may do.
شۇنىڭ بىلەن مىسىرغا، باش، قۇيرۇق، پالما شېخى ياكى قومۇشلار قىلالىغۇدەك ھېچقانداق ئامال قالمايدۇ.
16 In that day the Egyptians will be like women. They will tremble and fear because of the shaking of Yahweh of Armies’s hand, which he shakes over them.
شۇ كۈنى مىسىردىكىلەر قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەڭلىشى بىلەن تىترەپ قورقىدۇ،
17 The land of Judah will become a terror to Egypt. Everyone to whom mention is made of it will be afraid, because of the plans of Yahweh of Armies, which he determines against it.
ھەمدە يەھۇدا زېمىنى بولسا مىسىرغا ۋەھىمە بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئىرادىسى تۈپەيلىدىن، كىمگە يەھۇدانىڭ گېپى قىلىنسىلا شۇ چۆچۈيدۇ.
18 In that day, there will be five cities in the land of Egypt that speak the language of Canaan, and swear to Yahweh of Armies. One will be called “The city of destruction.”
شۇ كۈنى قانائاننىڭ تىلى سۆزلەيدىغان، ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بېقىنىپ سادىقلىق قەسىمى قىلىدىغان مىسىرنىڭ بەش شەھىرى بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى «ھالاك شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
19 In that day, there will be an altar to Yahweh in the middle of the land of Egypt, and a pillar to Yahweh at its border.
شۇ كۈنى مىسىرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانگاھ، ھەم چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر تۈۋرۈك بولىدۇ.
20 It will be for a sign and for a witness to Yahweh of Armies in the land of Egypt; for they will cry to Yahweh because of oppressors, and he will send them a savior and a defender, and he will deliver them.
بۇلار بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەم بەلگە ھەم شاھىت بولىدۇ؛ چۈنكى ئەزگۈچىلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى ھەم قوغدىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ.
21 Yahweh will be known to Egypt, and the Egyptians will know Yahweh in that day. Yes, they will worship with sacrifice and offering, and will vow a vow to Yahweh, and will perform it.
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا تونۇتۇلۇپ ئايان قىلىنىدۇ؛ شۇ كۈنى مىسىر پەرۋەردىگارنى تونۇيدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا قۇربانلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ.
22 Yahweh will strike Egypt, striking and healing. They will return to Yahweh, and he will be entreated by them, and will heal them.
پەرۋەردىگار مىسىرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۇرىدۇ ھەم ساقايتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى ساقايتىدۇ.
23 In that day there will be a highway out of Egypt to Assyria, and the Assyrian shall come into Egypt, and the Egyptian into Assyria; and the Egyptians will worship with the Assyrians.
شۇ كۈنى مىسىردىن ئاسۇرىيەگە ماڭىدىغان، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۈز يول ئېچىلىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىكلەر مىسىرغا كىرىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسۇرىيەگە كىرىدۇ؛ مىسىر ئاسۇرىيە بىلەن بىللە [خۇدانىڭ] خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ.
24 In that day, Israel will be the third with Egypt and with Assyria, a blessing within the earth;
شۇ كۈنى ئىسرائىل مىسىر ۋە ئاسۇرىيە بىلەن بىر بولۇپ، ئۈچىسى، يەر يۈزىدىكىلەرگە بەخت يەتكۈزگۈچىلەر بولىدۇ.
25 because Yahweh of Armies has blessed them, saying, “Blessed be Egypt my people, Assyria the work of my hands, and Israel my inheritance.”
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: ــ «خەلقىم بولغان مىسىرغا، ئۆز قولۇمنىڭ ئىجادى بولغان ئاسۇرىيەگە ۋە ئۆز مىراسىم بولغان ئىسرائىلغا بەخت يار بولسۇن!» ــ دەيدۇ.

< Isaiah 19 >