< Ezekiel 36 >

1 You, son of man, prophesy to the mountains of Israel, and say, “You mountains of Israel, hear Yahweh’s word.
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل تاغلىرىغا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئىسرائىل تاغلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ
2 The Lord Yahweh says: ‘Because the enemy has said against you, “Aha!” and, “The ancient high places are ours in possession!”’
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دۈشمەننىڭ سىلەرگە قاراپ: «ۋاھ! مەڭگۈ يۇقىرى جايلار بىزگە تەئەللۇق بولدى!» دېگىنى تۈپەيلىدىن،
3 therefore prophesy, and say, ‘The Lord Yahweh says: “Because, even because they have made you desolate, and swallowed you up on every side, that you might be a possession to the residue of the nations, and you are taken up in the lips of talkers, and the evil report of the people;”
شۇڭا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىپ، ئەللەردىن قالغانلىرىغا تەۋە قىلىشقا ھەرياندىن سىلەرنى ئەزگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە سىلەر ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تۆھمەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن،
4 therefore, you mountains of Israel, hear the word of the Lord Yahweh: The Lord Yahweh says to the mountains and to the hills, to the watercourses and to the valleys, to the desolate wastes and to the cities that are forsaken, which have become a prey and derision to the residue of the nations that are all around;
ئەمدى شۇڭا، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار ئەللەردىن قالغانلىرىغا ئولجا ھەم مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالغان تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا، ۋەيران بولغان خارابىلەر ۋە تاشلىۋېتىلگەن شەھەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ
5 therefore the Lord Yahweh says: “Surely in the fire of my jealousy I have spoken against the residue of the nations, and against all Edom, that have appointed my land to themselves for a possession with the joy of all their heart, with despite of soul, to cast it out for a prey.”’
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خۇشال بولۇشۇپ قەلبىدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىكى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولۇشقا بېكىتىپ، ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋالايلى دېگەن ئەللەردىن قالغانلىرىغا ۋە ئېدومدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەرھەق، مەن [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن چىققان ئاچچىق ئوتىدا سۆز قىلدىم: ــ
6 Therefore prophesy concerning the land of Israel, and tell the mountains, the hills, the watercourses and the valleys, ‘The Lord Yahweh says: “Behold, I have spoken in my jealousy and in my wrath, because you have borne the shame of the nations.”
ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ، تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز [خەلقىمگە بولغان] قىزغىنلىقىمدىن قەھرىم بىلەن سۆز قىلدىم ــ چۈنكى سىلەر ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى يېگەنسىلەر.
7 Therefore the Lord Yahweh says: “I have sworn, ‘Surely the nations that are around you will bear their shame.’
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، بەرھەق، ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەر ئۆزىنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئۆزى ئىشىتىدۇ.
8 “‘“But you, mountains of Israel, you shall shoot out your branches and yield your fruit to my people Israel; for they are at hand to come.
لېكىن سىلەر، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، شاخلىنىسىلەر، خەلقىم ئىسرائىلغا مېۋە بېرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.
9 For, behold, I am for you, and I will come to you, and you will be tilled and sown.
چۈنكى مانا، مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن سىلەرگە قارايمەن، سىلەر يۇمشىتىلىسىلەر ھەم تېرىلىسىلەر.
10 I will multiply men on you, all the house of Israel, even all of it. The cities will be inhabited and the waste places will be built.
ۋە مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەملەرنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆپەيتىمەن؛ شەھەرلەر ئاھالىلىك بولىدۇ، خارابىلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ.
11 I will multiply man and animal on you. They will increase and be fruitful. I will cause you to be inhabited as you were before, and you will do better than at your beginnings. Then you will know that I am Yahweh.
مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەم ھەم ھايۋانلارنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئاۋۇپ نەسىل كۆرىدۇ؛ مەن ئۆتكەن زامانلاردىكىدەك سىلەرنى ئولتۇراقلىق قىلىمەن؛ بەرھەق، ھالىڭلارنى ئەسلىدىكىدىن ئەۋزەل قىلىمەن؛ سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر.
12 Yes, I will cause men to walk on you, even my people Israel. They will possess you, and you will be their inheritance, and you will never again bereave them of their children.”
مەن ئۈستۈڭلەرگە ئادەملەرنى، يەنى خەلقىم ئىسرائىلنى ماڭدۇرىمەن؛ ئۇلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مىراسى بولىسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلمايسىلەر.
13 “‘The Lord Yahweh says: “Because they say to you, ‘You are a devourer of men, and have been a bereaver of your nation;’
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلەرگە: «سىلەر ئادەملەرنى يەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلغانسىلەر!» دېگىنى تۈپەيلىدىن،
14 therefore you shall devour men no more, and not bereave your nation any more,” says the Lord Yahweh.
ئەمدى سىلەر يەنە ئادەملەرنى يېمەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلىرىدىن يەنە جۇدا قىلمايسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 “I won’t let you hear the shame of the nations any more. You won’t bear the reproach of the peoples any more, and you won’t cause your nation to stumble any more,” says the Lord Yahweh.’”
ــ مەن سىلەرگە يەنە ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلاتقۇزمايمەن؛ سىلەر ئەللەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى يەنە كۆتۈرمەيسىلەر، سىلەر ئۆز ئېلىڭلارنى قايتىدىن يىقىتمايسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
16 Moreover Yahweh’s word came to me, saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
17 “Son of man, when the house of Israel lived in their own land, they defiled it by their ways and by their deeds. Their way before me was as the uncleanness of a woman in her impurity.
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ئۆز زېمىنىدا تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار ئۆز يولى ھەم قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنى بۇلغىغان؛ مېنىڭ ئالدىمدا ئۇلارنىڭ يولى ئاي كۆرگەن ئايالنىڭ ناپاكلىقىغا ئوخشاش.
18 Therefore I poured out my wrath on them for the blood which they had poured out on the land, and because they had defiled it with their idols.
شۇڭا زېمىنغا تۆككەن قان ئۈچۈن، زېمىننى مەبۇدلىرى بىلەن بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكتۇم؛
19 I scattered them among the nations, and they were dispersed through the countries. I judged them according to their way and according to their deeds.
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتتىم، ئۇلار مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىلىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردىم.
20 When they came to the nations where they went, they profaned my holy name, in that men said of them, ‘These are Yahweh’s people, and have left his land.’
ئۇلار بارىدىغان ھەرقايسى ئەللەرگە كەلگەندە، ئۇلار توغرىسىدا: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ زېمىنىدىن چىققان!» ــ دېيىلگەندە، ئۇلار يەنىلا مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىغان؛
21 But I had respect for my holy name, which the house of Israel had profaned among the nations where they went.
بىراق مەن ئىسرائىل جەمەتى بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلدۈم.
22 “Therefore tell the house of Israel, ‘The Lord Yahweh says: “I don’t do this for your sake, house of Israel, but for my holy name, which you have profaned among the nations where you went.
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بۇ ئىشنى سىلەرنى دەپ ئەمەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى، بەلكى سىلەر بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سىلەر بۇلغىغان ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قىلىمەن.
23 I will sanctify my great name, which has been profaned among the nations, which you have profaned among them. Then the nations will know that I am Yahweh,” says the Lord Yahweh, “when I am proven holy in you before their eyes.
مەن ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان، ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك نامىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ نامىمنى دەل سىلەر ئۇلار ئارىسىدا بۇلغىغان؛ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پاك-مۇقەددەس كۆرسەتكىنىمدە، ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
24 “‘“For I will take you from among the nations and gather you out of all the countries, and will bring you into your own land.
مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يىغىپ، سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرىمەن.
25 I will sprinkle clean water on you, and you will be clean. I will cleanse you from all your filthiness and from all your idols.
ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن.
26 I will also give you a new heart, and I will put a new spirit within you. I will take away the stony heart out of your flesh, and I will give you a heart of flesh.
مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن.
27 I will put my Spirit within you, and cause you to walk in my statutes. You will keep my ordinances and do them.
مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛
28 You will dwell in the land that I gave to your fathers. You will be my people, and I will be your God.
سىلەر مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر؛ مېنىڭ قوۋمىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.
29 I will save you from all your uncleanness. I will call for the grain and will multiply it, and lay no famine on you.
مەن سىلەرنى بارلىق پاسكىنىچىلىكتىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن بۇغداينى ئاۋۇن بولۇشقا بۇيرۇيمەن؛ ئۈستۈڭلەرگە ھېچ ئاچارچىلىقنى قويمايمەن؛
30 I will multiply the fruit of the tree and the increase of the field, that you may receive no more the reproach of famine among the nations.
مەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە ئېتىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئاۋۇتىمەنكى، سىلەر ئاچارچىلىق تۈپەيلدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە بولمايسىلەر.
31 “‘“Then you will remember your evil ways, and your deeds that were not good; and you will loathe yourselves in your own sight for your iniquities and for your abominations.
سىلەر رەزىل يوللىرىڭلار ۋە ناچار قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەپ، قەبىھلىكلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلغانلىرىڭلار ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن يىرگىنىسىلەر.
32 I don’t do this for your sake,” says the Lord Yahweh. “Let it be known to you. Be ashamed and confounded for your ways, house of Israel.”
سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، بۇ ئىشنى قىلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۆز يوللىرىڭلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولۇڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى.
33 “‘The Lord Yahweh says: “In the day that I cleanse you from all your iniquities, I will cause the cities to be inhabited and the waste places will be built.
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قەبىھلىكىڭلاردىن پاكلىغان كۈنىدە، مەن شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىمەن، خارابە قالغان جايلارمۇ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ.
34 The land that was desolate will be tilled instead of being a desolation in the sight of all who passed by.
ۋەيران قىلىنغان زېمىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەيرانە كۆرۈنسىمۇ، ئۇ قايتىدىن تېرىلىدۇ.
35 They will say, ‘This land that was desolate has become like the garden of Eden. The waste, desolate, and ruined cities are fortified and inhabited.’
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بۇ ۋەيران قىلىنغان زېمىن خۇددى ئېرەم باغچىسىدەك بولدى؛ خارابە، ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەر ھازىر مۇستەھكەملەندى، ئاھالىلىك بولدى» ــ دەيدۇ.
36 Then the nations that are left around you will know that I, Yahweh, have built the ruined places and planted that which was desolate. I, Yahweh, have spoken it, and I will do it.”
ۋە ئەتراپىدا قالغان ئەللەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇزۇلغان جايلارنى قۇرغۇچى ھەم ۋەيرانە قىلىنغان يەرلەرنى قايتىدىن تېرىغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن.
37 “‘The Lord Yahweh says: “For this, moreover, I will be inquired of by the house of Israel, to do it for them: I will increase them with men like a flock.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛
38 As the flock for sacrifice, as the flock of Jerusalem in her appointed feasts, so the waste cities will be filled with flocks of men. Then they will know that I am Yahweh.’”
مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان قۇربانلىق قوي پادىسىدەك، بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملىرىغا بېغىشلانغان قوي پادىسى يېرۇسالېمغا تولدۇرۇلغاندەك، خارابە بولغان شەھەرلەر قايتىدىن ئادەم پادىلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ.

< Ezekiel 36 >