< Ezekiel 25 >

1 Yahweh’s word came to me, saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 “Son of man, set your face toward the children of Ammon, and prophesy against them.
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ئاممونىيلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ
3 Tell the children of Ammon, ‘Hear the word of the Lord Yahweh! The Lord Yahweh says, “Because you said, ‘Aha!’ against my sanctuary when it was profaned, and against the land of Israel when it was made desolate, and against the house of Judah when they went into captivity,
ــ ئاممونىيلارغا مۇنداق دېگىن ــ رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ مۇقەددەس جايىم بۇلغانغاندا، ئىسرائىل زېمىنى ۋەيران قىلىنغاندا، يەھۇدا جەمەتى سۈرگۈن قىلىنغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ: «ۋاھ! ياخشى بولدى!» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن،
4 therefore, behold, I will deliver you to the children of the east for a possession. They will set their encampments in you and make their dwellings in you. They will eat your fruit and they will drink your milk.
ئەمدى مانا، مەن سېنى شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئاراڭدا بارگاھ قۇرۇپ، ئاراڭدا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلار مېۋىلىرىڭنى يەپ، سۈتۈڭنى ئىچىدۇ.
5 I will make Rabbah a stable for camels and the children of Ammon a resting place for flocks. Then you will know that I am Yahweh.”
مەن رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئۈچۈن ئوتلاق، ئاممونىيلارنىڭ يېرىنى قوي پادىلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
6 For the Lord Yahweh says: “Because you have clapped your hands, stamped with the feet, and rejoiced with all the contempt of your soul against the land of Israel,
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئىسرائىل زېمىنىغا قاراپ چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن،
7 therefore, behold, I have stretched out my hand on you, and will deliver you for a plunder to the nations. I will cut you off from the peoples, and I will cause you to perish out of the countries. I will destroy you. Then you will know that I am Yahweh.”
ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ مەن سېنى خەلقلەر ئىچىدىن ئۈزىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يوقىتىمەن؛ مەن سېنى ھالاك قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن.
8 “‘The Lord Yahweh says: “Because Moab and Seir say, ‘Behold, the house of Judah is like all the nations,’
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى موئاب ۋە سېئىرنىڭ: «يەھۇدا پەقەت بارلىق باشقا ئەللەر بىلەن ئوخشاش، خالاس» دېگىنى تۈپەيلىدىن،
9 therefore, behold, I will open the side of Moab from the cities, from his cities which are on its frontiers, the glory of the country, Beth Jeshimoth, Baal Meon, and Kiriathaim,
شۇڭا مانا، مەن موئابنىڭ يېنىنى ــ چېگراسىدىكى شەھەرلەرنى، زېمىنىنىڭ پەخرى بولغان بەيت-يەشىموت، بائال-مېئون ۋە كىرىئاتايىم شەھەرلىرىدىن باشلاپ يېرىپ ئاچىمەن؛
10 to the children of the east, to go against the children of Ammon; and I will give them for a possession, that the children of Ammon may not be remembered among the nations.
ئۇلارنى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن بىللە شەرقتىكى ئەللەرگە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئاممونىيلارنىڭ يەنە ئەللەر ئارىسىدا ئەسلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا تاپشۇرىمەن؛
11 I will execute judgments on Moab. Then they will know that I am Yahweh.”
ۋە موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
12 “‘The Lord Yahweh says: “Because Edom has dealt against the house of Judah by taking vengeance, and has greatly offended, and taken revenge on them,”
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئېدوم يەھۇدا جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىپ يامانلىق قىلىپ، شۇنىڭدەك ئېغىر گۇناھكار بولغىنى تۈپەيلىدىن، ئىنتىقام ئالغنىنى تۈپەيلىدىن،
13 therefore the Lord Yahweh says, “I will stretch out my hand on Edom, and will cut off man and animal from it; and I will make it desolate from Teman. They will fall by the sword even to Dedan.
ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئېدومغا قولۇمنى سوزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زېمىنىدىن ئادەملەر ھەم ھايۋانلاردىن مەھرۇم قىلىمەن؛ مەن ئۇنى تېمان شەھىرىدىن تارتىپ ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇلار دېدان شەھىرىگىچە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ.
14 I will lay my vengeance on Edom by the hand of my people Israel. They will do in Edom according to my anger and according to my wrath. Then they will know my vengeance,” says the Lord Yahweh.
شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ؛ ئېدومىيلار مېنىڭ ئىنتىقامىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 “‘The Lord Yahweh says: “Because the Philistines have taken revenge, and have taken vengeance with contempt of soul to destroy with perpetual hostility,”
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ فىلىستىيلەر ئىنتىقام نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كونا ئۆچمەنلىكى بىلەن يەھۇدانى يوقىتايلى دەپ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ ئالغىنى تۈپەيلىدىن،
16 therefore the Lord Yahweh says, “Behold, I will stretch out my hand on the Philistines, and I will cut off the Cherethites, and destroy the remnant of the sea coast.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن فىلىستىيەنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى ئۇزارتىمەن؛ مەن كەرەتىيلەرنى قىرىۋېتىمەن، دېڭىز بويىدىكىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.
17 I will execute great vengeance on them with wrathful rebukes. Then they will know that I am Yahweh, when I lay my vengeance on them.”’”
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىنتىقام ئالغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.

< Ezekiel 25 >