< Esther 4 >

1 Now when Mordecai found out all that was done, Mordecai tore his clothes and put on sackcloth with ashes, and went out into the middle of the city, and wailed loudly and bitterly.
موردىكاي بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېگىنلىرىنى يىرتىپ، ئۈستىگە بۆز ئارتىپ، ۋە ئۇستى-بېشىغا كۈل چېچىپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ ناھايىتى قاتتىق ۋە ئەلەملىك پەرياد كۆتۈردى.
2 He came even before the king’s gate, for no one is allowed inside the king’s gate clothed with sackcloth.
ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى؛ چۈنكى بوز يېپىنغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت يوق ئىدى.
3 In every province, wherever the king’s commandment and his decree came, there was great mourning among the Jews, and fasting, and weeping, and wailing; and many lay in sackcloth and ashes.
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى.
4 Esther’s maidens and her eunuchs came and told her this, and the queen was exceedingly grieved. She sent clothing to Mordecai, to replace his sackcloth, but he didn’t receive it.
ئەستەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان دېدەكلىرى ۋە ھەرەمئاغىلىرى بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدى، خانىشنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ موردىكاينىڭ بوزنى تاشلاپ، كىيىۋېلىشىغا كىيىم-كېچەك چىقارتىپ بەردى، لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى.
5 Then Esther called for Hathach, one of the king’s eunuchs, whom he had appointed to attend her, and commanded him to go to Mordecai, to find out what this was, and why it was.
شۇنىڭ بىلەن ئەستەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا پادىشاھ تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاتاق ئىسىملىك بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنى موردىكاينىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى، نېمە سەۋەبتىن بولۇۋاتقانلىقىنى تىڭ-تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
6 So Hathach went out to Mordecai, to the city square which was before the king’s gate.
شۇنىڭ بىلەن ھاتاق ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى.
7 Mordecai told him of all that had happened to him, and the exact sum of the money that Haman had promised to pay to the king’s treasuries for the destruction of the Jews.
موردىكاي بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشنى، ھامان يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان كۈمۈشنىڭ سانىنى قالدۇرماي ئېيتىپ بەردى.
8 He also gave him the copy of the writing of the decree that was given out in Susa to destroy them, to show it to Esther, and to declare it to her, and to urge her to go in to the king to make supplication to him, and to make request before him for her people.
موردىكاي يەنە ھاتاققا شۇشاندا جاكارلانغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى يارلىقنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەستەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەستەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن پادىشاھتىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ بېقىشقا ئۈندەشنى تاپىلىدى.
9 Hathach came and told Esther the words of Mordecai.
ھاتاق قايتىپ كېلىپ موردىكاينىڭ گەپلىرىنى ئەستەرگە يەتكۈزدى.
10 Then Esther spoke to Hathach, and gave him a message to Mordecai:
ئەستەر ھاتاققا موردىكايغا ئېيتىدىغان گەپلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى موردىكاينىڭ يېنىغا يەنە ئەۋەتتى: ــ
11 “All the king’s servants and the people of the king’s provinces know that whoever, whether man or woman, comes to the king into the inner court without being called, there is one law for him, that he be put to death, except those to whom the king might hold out the golden scepter, that he may live. I have not been called to come in to the king these thirty days.”
«پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە خەلقلىرى، مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، چاقىرتىلماي تۇرۇپ ئىچكى ھويلىغا، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆز مەيلىچە كىرسە، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئالتۇن ھاسىسىنى تەڭلەپ ئۆلۈمدىم كەچۈرۈم قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بېشىغا چۈشىدىغان بىرلا قانۇن-بەلگىلىمە باردۇر: ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتىدۇ. ھازىر مېنىڭ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلمىغىنىمغا ئوتتۇز كۈن بولدى».
12 They told Esther’s words to Mordecai.
ئەستەرنىڭ سۆزلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلۈۋىدى،
13 Then Mordecai asked them to return this answer to Esther: “Don’t think to yourself that you will escape in the king’s house any more than all the Jews.
موردىكاي مۇنۇ گەپلەرنى ئەستەرگە يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى: ــ «سەن كۆڭلۈڭدە مەن ئوردىدا ياشاۋاتىمەن، شۇڭا بارلىق باشقا يەھۇدىيلاردىن بىخەتەر بولۇپ قۇتۇلىمەن، دەپ خىيال ئەيلىمە.
14 For if you remain silent now, then relief and deliverance will come to the Jews from another place, but you and your father’s house will perish. Who knows if you haven’t come to the kingdom for such a time as this?”
ئەگەر بۇ چاغدا سەن جىم تۇرۇۋالساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن مەدەت ۋە نىجات چىقىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن. كىم بىلسۇن، سېنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇنداق پەيت ئۈچۈن بولغانمۇ؟».
15 Then Esther asked them to answer Mordecai,
ئەستەر موردىكايغا مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى: ــ
16 “Go, gather together all the Jews who are present in Susa, and fast for me, and neither eat nor drink three days, night or day. I and my maidens will also fast the same way. Then I will go in to the king, which is against the law; and if I perish, I perish.”
«سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!».
17 So Mordecai went his way, and did according to all that Esther had commanded him.
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئۇ يەردىن كېتىپ، ئەستەرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى.

< Esther 4 >