< Deuteronomy 6 >

1 Now these are the commandments, the statutes, and the ordinances, which Yahweh your God commanded to teach you, that you might do them in the land that you go over to possess;
«مانا، بۇلار پەرۋەردىگار ماڭا سىلەر [دەريادىن] ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغىنىڭلاردا ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆگىتىشنى تاپىلىغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر: ــ
2 that you might fear Yahweh your God, to keep all his statutes and his commandments, which I command you—you, your son, and your son’s son, all the days of your life; and that your days may be prolonged.
(شۇنىڭ بىلەن سىلەر، يەنى سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭ بارلىق تىرىك كۈنلىرىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، مەن سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بارلىق بەلگىلىمە ۋە ئەمرلىرىنى تۇتىسىلەر، شۇنداقلا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر.
3 Hear therefore, Israel, and observe to do it, that it may be well with you, and that you may increase mightily, as Yahweh, the God of your fathers, has promised to you, in a land flowing with milk and honey.
سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ
4 Hear, Israel: Yahweh is our God. Yahweh is one.
ــ ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسرائىل: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر؛
5 You shall love Yahweh your God with all your heart, with all your soul, and with all your might.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.
6 These words, which I command you today, shall be on your heart;
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان بۇ سۆزلەر قەلبىڭدە بولسۇن؛
7 and you shall teach them diligently to your children, and shall talk of them when you sit in your house, and when you walk by the way, and when you lie down, and when you rise up.
سەن ئۇلارنى بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، ئورنۇڭدا ياتقاندا ۋە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتقاندا ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن؛
8 You shall bind them for a sign on your hand, and they shall be for frontlets between your eyes.
ئۇلارنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە]-بەلگە قىلىپ تېڭىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋال؛
9 You shall write them on the door posts of your house and on your gates.
سەن ئۇلارنى ئۆيۈڭدىكى كېشەكلىرىڭگە ۋە دەرۋازىلىرىڭغا پۈتكۈزگىن.
10 It shall be, when Yahweh your God brings you into the land which he swore to your fathers, to Abraham, to Isaac, and to Jacob, to give you, great and goodly cities which you didn’t build,
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قەسەم قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ساڭا ئاتا قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭغا باشلىغاندا، ــ ئۆزۈڭ قۇرمىغان ئۇلۇغ ۋە ئېسىل شەھەرلەرگە،
11 and houses full of all good things which you didn’t fill, and cisterns dug out which you didn’t dig, vineyards and olive trees which you didn’t plant, and you shall eat and be full;
ئۆزۈڭ بىساتلىق قىلمىغان ئاللىقاچان ئېسىل بىساتلىق قىلىنغان ئۆيلەرگە، ئۆزۈڭ كولىمىغان، ئاللىقاچان كولانغان قۇدۇقلارغا، ئۆزۈڭ تىكمىگەن ئۈزۈمزارلار ۋە زەيتۇنزارلارغا مۇيەسسەر قىلىنىشىڭ بىلەن سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن،
12 then beware lest you forget Yahweh, who brought you out of the land of Egypt, out of the house of bondage.
ــ ئەينى چاغدا سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇشتىن ھېزى بول.
13 You shall fear Yahweh your God; and you shall serve him, and shall swear by his name.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن، ئىبادىتىدە بولغىن ۋە قەسەم قىلساڭ ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم ئىچكىن.
14 You shall not go after other gods, of the gods of the peoples who are around you,
سىلەر باشقا ئىلاھلار، يەنى ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنى قەتئىي ئىزدىمەڭلار؛
15 for Yahweh your God among you is a jealous God, lest the anger of Yahweh your God be kindled against you, and he destroy you from off the face of the earth.
چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇر. [ئەگەر شۇنداق قىلساڭ] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ غەزىپى ساڭا قوزغىلىپ، ئۇ سېنى يەر يۈزىدىن يوقاتماي قالمايدۇ.
16 You shall not tempt Yahweh your God, as you tempted him in Massah.
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ماسساھتا سىنىغاندەك ئۇنى سىنىماڭلار.
17 You shall diligently keep the commandments of Yahweh your God, and his testimonies, and his statutes, which he has commanded you.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىنى، سىلەرگە تاپىلىغان گۇۋاھ-ھۆكۈملىرى ۋە بەلگىمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇڭلار.
18 You shall do that which is right and good in Yahweh’s sight, that it may be well with you and that you may go in and possess the good land which Yahweh swore to your fathers,
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغاننى قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر،
19 to thrust out all your enemies from before you, as Yahweh has spoken.
شۇنداقلا پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغاندەك بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىسىلەر.
20 When your son asks you in time to come, saying, “What do the testimonies, the statutes, and the ordinances, which Yahweh our God has commanded you mean?”
كەلگۈسىدە ئوغلۇڭ سەندىن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز سىلەرگە تاپىلىغان ئاگاھ-گۇۋاھ، بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەر نېمە؟» دەپ سورىسا،
21 then you shall tell your son, “We were Pharaoh’s slaves in Egypt. Yahweh brought us out of Egypt with a mighty hand;
سەن ئوغلۇڭغا مۇنداق دەيسەن: «بىز ئەسلىدە مىسىردا پىرەۋننىڭ قۇللىرى ئىكەنمىز؛ بىراق پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن كۈچلۈك بىر قول بىلەن چىقارغان.
22 and Yahweh showed great and awesome signs and wonders on Egypt, on Pharaoh, and on all his house, before our eyes;
پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ھەم ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى؛
23 and he brought us out from there, that he might bring us in, to give us the land which he swore to our fathers.
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم ئىچىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا بىزنى باشلاپ كىرىشكە شۇ يەردىن يېتەكلەپ چىقارغان.
24 Yahweh commanded us to do all these statutes, to fear Yahweh our God, for our good always, that he might preserve us alive, as we are today.
پەرۋەردىگار بىزگە بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇشنى، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن قورقۇشنى تاپىلىغان؛ ئۇ ھالىمىزنىڭ دائىم ياخشى بولۇشى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تىرىك ساقلانغاندەك، ئۇنىڭ پاناھىدا بولۇشىمىز ئۈچۈن شۇنداق تاپىلىغاندۇر؛
25 It shall be righteousness to us, if we observe to do all these commandments before Yahweh our God, as he has commanded us.”
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ».

< Deuteronomy 6 >