< Deuteronomy 4 >

1 Now, Israel, listen to the statutes and to the ordinances which I teach you, to do them, that you may live and go in and possess the land which Yahweh, the God of your fathers, gives you.
ــ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، مەن سىلەرگە ئۆگىتىدىغان مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار ھاياتلىق تاپىسىلەر ۋە شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە تەقسىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر.
2 You shall not add to the word which I command you, neither shall you take away from it, that you may keep the commandments of Yahweh your God which I command you.
مەن سىلەرگە تاپشۇرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان سۆزگە ھېچنېمىنى قوشماڭلار ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى چىقىرىۋەتمەڭلار.
3 Your eyes have seen what Yahweh did because of Baal Peor; for Yahweh your God has destroyed all the men who followed Baal Peor from among you.
سىلەر ئۆز كۆزلىرڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر؛ چۈنكى بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن يوقاتتى؛
4 But you who were faithful to Yahweh your God are all alive today.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چىڭ باغلانغانلاردىن ھەربىرىڭلار بۈگۈنگە قەدەر ھايات تۇرۇۋاتىسىلەر.
5 Behold, I have taught you statutes and ordinances, even as Yahweh my God commanded me, that you should do so in the middle of the land where you go in to possess it.
مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم.
6 Keep therefore and do them; for this is your wisdom and your understanding in the sight of the peoples who shall hear all these statutes and say, “Surely this great nation is a wise and understanding people.”
سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» ــ دەيدۇ.
7 For what great nation is there that has a god so near to them as Yahweh our God is whenever we call on him?
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغان ھەربىر تىلەكلىرىمىزدە بىزگە يېقىن تۇرغىنىدەك، ئۆزىگە يېقىن تۇرغان بىر خۇداسى بولغان بىزگە ئوخشاش باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟
8 What great nation is there that has statutes and ordinances so righteous as all this law which I set before you today?
مەن ئالدىڭلارغا قويغان مۇشۇ پۈتكۈل قانۇندىكىدەك ئادىل بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئىگە بولغان سىلەردەك باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟
9 Only be careful, and keep your soul diligently, lest you forget the things which your eyes saw, and lest they depart from your heart all the days of your life; but make them known to your children and your children’s children—
ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى [ئېزىشتىن] ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛
10 the day that you stood before Yahweh your God in Horeb, when Yahweh said to me, “Assemble the people to me, and I will make them hear my words, that they may learn to fear me all the days that they live on the earth, and that they may teach their children.”
سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» ــ دېگەنىدى.
11 You came near and stood under the mountain. The mountain burned with fire to the heart of the sky, with darkness, cloud, and thick darkness.
سىلەر يېقىن كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار؛ بۇ تاغنىڭ ئوتى ئاسمانلارنىڭ باغرىغىچە كۆيۈپ يەتتى، ھەمدە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇتلار ۋە سۈر تاغنى قاپلىدى؛
12 Yahweh spoke to you out of the middle of the fire: you heard the voice of words, but you saw no form; you only heard a voice.
پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار.
13 He declared to you his covenant, which he commanded you to perform, even the ten commandments. He wrote them on two stone tablets.
ۋە ئۇ شۇ چاغدا سىلەرگە ئەمر قىلغان ئەھدىسىنى، يەنى «ئون ئەمر»نى ئايان قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تاش تاختاي ئۈستىگە پۈتتى.
14 Yahweh commanded me at that time to teach you statutes and ordinances, that you might do them in the land where you go over to possess it.
ۋە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلىپ، سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا ئۇلارنى ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگىتىشنى تاپىلىدى.
15 Be very careful, for you saw no kind of form on the day that Yahweh spoke to you in Horeb out of the middle of the fire,
ئۆزۈڭلارغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭلاركى (چۈنكى پەرۋەردىگار ھورەب تېغىدا ئوت ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلغاندا ھېچقانداق شەكىلنى كۆرمىگەنسىلەر)،
16 lest you corrupt yourselves, and make yourself a carved image in the form of any figure, the likeness of male or female,
ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، مەيلى ئەركەك ياكى ئايال سۈرىتىدە، مەيلى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق ھايۋان ياكى ئاسماندا ئۇچىدىغان ھەرقانداق قۇش بولسۇن، مەيلى يەر يۈزىدە ھەرقانداق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردىكى ھەرقانداق بېلىق بولسۇن، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدە ھېچقانداق شەكىل-قىياپەتتىكى ئويما بۇتنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياسىماڭلار،
17 the likeness of any animal that is on the earth, the likeness of any winged bird that flies in the sky,
18 the likeness of anything that creeps on the ground, the likeness of any fish that is in the water under the earth;
19 and lest you lift up your eyes to the sky, and when you see the sun and the moon and the stars, even all the army of the sky, you are drawn away and worship them, and serve them, which Yahweh your God has allotted to all the peoples under the whole sky.
ياكى شۇنىڭدەك، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا قاراپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، يەنى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇننى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭلار مايىل بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىپ قۇللۇقىغا كىرمەڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان.
20 But Yahweh has taken you, and brought you out of the iron furnace, out of Egypt, to be to him a people of inheritance, as it is today.
لېكىن سىلەرنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆز مىراسى بولغان بىر خەلق بولۇشۇڭلار ئۈچۈن «تۆمۈر تاۋلاش خۇمدانى»دىن، يەنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.
21 Furthermore Yahweh was angry with me for your sakes, and swore that I should not go over the Jordan, and that I should not go in to that good land which Yahweh your God gives you for an inheritance;
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن ماڭا غەزەپلىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئاتا قىلىدىغان ياخشى زېمىن توغرىسىدا: ــ «سەن شۇ يەرگە كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن» دەپ قەسەم قىلدى.
22 but I must die in this land. I must not go over the Jordan, but you shall go over and possess that good land.
شۇڭا مەن مۇشۇ زېمىندا ئۆلۈشۈم مۇقەررەر؛ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيمەن؛ بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شۇ ياخشى زېمىننى ئىگىلەيسىلەر.
23 Be careful, lest you forget the covenant of Yahweh your God, which he made with you, and make yourselves a carved image in the form of anything which Yahweh your God has forbidden you.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مەنئى قىلغان ئويما بۇتنى ياكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ شەكىل-قىياپىتىنى ياسىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار.
24 For Yahweh your God is a devouring fire, a jealous God.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر.
25 When you father children and children’s children, and you have been long in the land, and then corrupt yourselves, and make a carved image in the form of anything, and do that which is evil in Yahweh your God’s sight to provoke him to anger,
سىلەر پەرزەنتلەر، پەرزەنتىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ، زېمىندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، بىرخىل شەكىل-قىياپەتتە بولغان ئويما بۇتنى ياسىغان، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى رەنجىتىپ ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بولساڭلار،
26 I call heaven and earth to witness against you today, that you will soon utterly perish from off the land which you go over the Jordan to possess it. You will not prolong your days on it, but will utterly be destroyed.
مەن ئاسمان-زېمىننى ئۈستۈڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىگىلەيدىغان شۇ زېمىندىن تېزلا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ياشىغان كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولمايدۇ، سىلەر بەلكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر.
27 Yahweh will scatter you among the peoples, and you will be left few in number among the nations where Yahweh will lead you away.
پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىغا تارقىتىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى ھەيدىشى بىلەن سىلەر شۇ ئەللەر ئارىسىدا كىچىك بىر قالدۇق بولىسىلەر.
28 There you will serve gods, the work of men’s hands, wood and stone, which neither see, nor hear, nor eat, nor smell.
سىلەر شۇ يەرلەردە تۇرۇپ ياغاچتىن ياكى تاشتىن ياسالغان، نە كۆرەلمەيدىغان، نە ئاڭلىيالمايدىغان، نە يېمەيدىغان، نە پۇرالمايدىغان، پەقەت ئىنساننىڭ قولىنىڭ ياسىغىنى بولغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر.
29 But from there you shall seek Yahweh your God, and you will find him when you search after him with all your heart and with all your soul.
سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر.
30 When you are in oppression, and all these things have come on you, in the latter days you shall return to Yahweh your God and listen to his voice.
سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر.
31 For Yahweh your God is a merciful God. He will not fail you nor destroy you, nor forget the covenant of your fathers which he swore to them.
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ.
32 For ask now of the days that are past, which were before you, since the day that God created man on the earth, and from the one end of the sky to the other, whether there has been anything as great as this thing is, or has been heard like it?
ئەمدى، سىلەردىن ئىلگىرى، خۇدا ئىنساننى يەر يۈزىدە ياراتقان كۈنىدىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلەر توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە سۈرۈشتە قىلىڭلاركى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
33 Did a people ever hear the voice of God speaking out of the middle of the fire, as you have heard, and live?
سىلەرگە ئوخشاش، خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىرىك قالغان باشقا بىر خەلق بارمۇ؟
34 Or has God tried to go and take a nation for himself from among another nation, by trials, by signs, by wonders, by war, by a mighty hand, by an outstretched arm, and by great terrors, according to all that Yahweh your God did for you in Egypt before your eyes?
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدا قىلغانلىرىدەك، قىيىن سىناقلار بىلەن، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن، كارامەتلەر بىلەن، ئۇرۇش بىلەن، كۈچلۈك قول ھەم ئۇزىتىلغان بىلەك بىلەن ۋە دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى يات بىر ئەلنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟
35 It was shown to you so that you might know that Yahweh is God. There is no one else besides him.
پەرۋەردىگارلا خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوقتۇر، دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بۇ [ئۇلۇغ] ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىنغانسىلەر.
36 Out of heaven he made you to hear his voice, that he might instruct you. On earth he made you to see his great fire; and you heard his words out of the middle of the fire.
سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسمانلاردىن سىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى؛ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى كۆرسەتتى؛ سىلەر شۇ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار.
37 Because he loved your fathers, therefore he chose their offspring after them, and brought you out with his presence, with his great power, out of Egypt;
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا باغلىغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىلەرنى مىسىردىن شەخسەن ئۆزى زور قۇدرىتى بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقاردى؛
38 to drive out nations from before you greater and mightier than you, to bring you in, to give you their land for an inheritance, as it is today.
ئۇ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۆزۈڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ، سىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك سىلەرگە مىراس قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلغاندۇر.
39 Know therefore today, and take it to heart, that Yahweh himself is God in heaven above and on the earth beneath. There is no one else.
شۇڭا بۈگۈن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى ۋە كۆڭلۈڭلارنى شۇنىڭغا بۆلۈڭلاركى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدىكى ئاسمانلاردا بولسۇن، ئاستىدىكى يەر-زېمىندا بولسۇن خۇدادۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىرى يوقتۇر.
40 You shall keep his statutes and his commandments which I command you today, that it may go well with you and with your children after you, and that you may prolong your days in the land which Yahweh your God gives you for all time.
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار».
41 Then Moses set apart three cities beyond the Jordan toward the sunrise,
ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ بېكىتتى؛
42 that the man slayer might flee there, who kills his neighbor unintentionally and didn’t hate him in time past, and that fleeing to one of these cities he might live:
مەقسىتى، ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى بولماي، تاسادىپىي قوشنىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۆلتۈرگەن كىشى شۇ يەرلەرگە، يەنى شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىپ ئامان-ئېسەن قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
43 Bezer in the wilderness, in the plain country, for the Reubenites; and Ramoth in Gilead for the Gadites; and Golan in Bashan for the Manassites.
بۇ شەھەرلەر بولسا: ــ رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىدىن چۆل-باياۋاندىكى بەزەر، گادلارنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموت، ماناسسەھلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاندىن ئىبارەت ئىدى.
44 This is the law which Moses set before the children of Israel.
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا قويغان قانۇن مانا تۆۋەندىكىدەك: ــ
45 These are the testimonies, and the statutes, and the ordinances which Moses spoke to the children of Israel when they came out of Egypt,
(بۇلار بولسا ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۇلارغا جاكارلىغان ئاگاھ-گۇۋاھلار، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر؛
46 beyond the Jordan, in the valley opposite Beth Peor, in the land of Sihon king of the Amorites, who lived at Heshbon, whom Moses and the children of Israel struck when they came out of Egypt.
مۇسا ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا ئامورىيلارنىڭ ھەشبون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگەنىدى؛ مۇسا بۇ ئەمرلەرنى سىھوننىڭ زېمىنىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا ئىسرائىللارغا جاكارلىغان.
47 They took possession of his land and the land of Og king of Bashan, the two kings of the Amorites, who were beyond the Jordan toward the sunrise;
شۇ چاغدا ئىسرائىللار [سىھوننىڭ] ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ زېمىنىنىمۇ ئىگىلىگەنىدى؛
48 from Aroer, which is on the edge of the valley of the Arnon, even to Mount Zion (also called Hermon),
ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىئون (يەنى ھەرمون) تېغىغىچە،
49 and all the Arabah beyond the Jordan eastward, even to the sea of the Arabah, under the slopes of Pisgah.
شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى).

< Deuteronomy 4 >