< Acts 5 >

1 But a certain man named Ananias, with Sapphira his wife, sold a possession,
ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى.
2 and kept back part of the price, his wife also being aware of it, then brought a certain part and laid it at the apostles’ feet.
ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.
3 But Peter said, “Ananias, why has Satan filled your heart to lie to the Holy Spirit and to keep back part of the price of the land?
بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟
4 While you kept it, didn’t it remain your own? After it was sold, wasn’t it in your power? How is it that you have conceived this thing in your heart? You haven’t lied to men, but to God.”
يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! ــ دېدى.
5 Ananias, hearing these words, fell down and died. Great fear came on all who heard these things.
ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.
6 The young men arose and wrapped him up, and they carried him out and buried him.
ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى.
7 About three hours later, his wife, not knowing what had happened, came in.
تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، [ئانانىياسنىڭ] ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى.
8 Peter answered her, “Tell me whether you sold the land for so much.” She said, “Yes, for so much.”
پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
9 But Peter asked her, “How is it that you have agreed together to tempt the Spirit of the Lord? Behold, the feet of those who have buried your husband are at the door, and they will carry you out.”
پېترۇس: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! ــ دېدى.
10 She fell down immediately at his feet and died. The young men came in and found her dead, and they carried her out and buried her by her husband.
ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى.
11 Great fear came on the whole assembly, and on all who heard these things.
پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.
12 By the hands of the apostles many signs and wonders were done among the people. They were all with one accord in Solomon’s porch.
روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق [ئېتىقادچىلار] بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى.
13 None of the rest dared to join them; however, the people honored them.
بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى.
14 More believers were added to the Lord, multitudes of both men and women.
شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى).
15 They even carried out the sick into the streets and laid them on cots and mattresses, so that as Peter came by, at least his shadow might overshadow some of them.
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى.
16 The multitude also came together from the cities around Jerusalem, bringing sick people and those who were tormented by unclean spirits; and they were all healed.
يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
17 But the high priest rose up, and all those who were with him (which is the sect of the Sadducees), and they were filled with jealousy
باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ،
18 and laid hands on the apostles, then put them in public custody.
روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى.
19 But an angel of the Lord opened the prison doors by night, and brought them out and said,
لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا:
20 “Go stand and speak in the temple to the people all the words of this life.”
ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى.
21 When they heard this, they entered into the temple about daybreak and taught. But the high priest and those who were with him came and called the council together, with all the senate of the children of Israel, and sent to the prison to have them brought.
روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى.
22 But the officers who came didn’t find them in the prison. They returned and reported,
لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە:
23 “We found the prison shut and locked, and the guards standing before the doors, but when we opened them, we found no one inside!”
ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى.
24 Now when the high priest, the captain of the temple, and the chief priests heard these words, they were very perplexed about them and what might become of this.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى [مەسئۇل] كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار: ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى.
25 One came and told them, “Behold, the men whom you put in prison are in the temple, standing and teaching the people.”
دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: ــ قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى.
26 Then the captain went with the officers, and brought them without violence, for they were afraid that the people might stone them.
بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.
27 When they had brought them, they set them before the council. The high priest questioned them,
ئۇلار [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ:
28 saying, “Didn’t we strictly command you not to teach in this name? Behold, you have filled Jerusalem with your teaching, and intend to bring this man’s blood on us.”
ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى.
29 But Peter and the apostles answered, “We must obey God rather than men.
لېكىن پېترۇس ۋە [باشقا] روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك!
30 The God of our fathers raised up Jesus, whom you killed, hanging him on a tree.
سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى.
31 God exalted him with his right hand to be a Prince and a Savior, to give repentance to Israel, and remission of sins.
خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى.
32 We are his witnesses of these things; and so also is the Holy Spirit, whom God has given to those who obey him.”
بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر.
33 But they, when they heard this, were cut to the heart, and were determined to kill them.
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ [روسۇللارنى] ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى.
34 But one stood up in the council, a Pharisee named Gamaliel, a teacher of the law, honored by all the people, and commanded to put the apostles out for a little while.
لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ ئۇلارنى بىردەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى.
35 He said to them, “You men of Israel, be careful concerning these men, what you are about to do.
ئاندىن ئۇ [كېڭەشمىدىكىلەرگە] مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار!
36 For before these days Theudas rose up, making himself out to be somebody; to whom a number of men, about four hundred, joined themselves. He was slain; and all, as many as obeyed him, were dispersed and came to nothing.
ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى.
37 After this man, Judas of Galilee rose up in the days of the enrollment, and drew away some people after him. He also perished, and all, as many as obeyed him, were scattered abroad.
ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن.
38 Now I tell you, withdraw from these men and leave them alone. For if this counsel or this work is of men, it will be overthrown.
ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ.
39 But if it is of God, you will not be able to overthrow it, and you would be found even to be fighting against God!”
لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر!
40 They agreed with him. Summoning the apostles, they beat them and commanded them not to speak in the name of Jesus, and let them go.
ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى.
41 They therefore departed from the presence of the council, rejoicing that they were counted worthy to suffer dishonor for Jesus’ name.
روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى.
42 Every day, in the temple and at home, they never stopped teaching and preaching Jesus, the Christ.
ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى.

< Acts 5 >