< 2 Timothy 4 >

1 I command you therefore before God and the Lord Jesus Christ, who will judge the living and the dead at his appearing and his Kingdom:
مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى،
2 preach the word; be urgent in season and out of season; reprove, rebuke, and exhort with all patience and teaching.
[خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن.
3 For the time will come when they will not listen to the sound doctrine, but having itching ears, will heap up for themselves teachers after their own lusts,
چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ.
4 and will turn away their ears from the truth, and turn away to fables.
ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ.
5 But you be sober in all things, suffer hardship, do the work of an evangelist, and fulfill your ministry.
لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن.
6 For I am already being offered, and the time of my departure has come.
چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى.
7 I have fought the good fight. I have finished the course. I have kept the faith.
گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم.
8 From now on, the crown of righteousness is stored up for me, which the Lord, the righteous judge, will give to me on that day; and not to me only, but also to all those who have loved his appearing.
ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.
9 Be diligent to come to me soon,
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كەل.
10 for Demas left me, having loved this present world, and went to Thessalonica; Crescens to Galatia; and Titus to Dalmatia. (aiōn g165)
چۈنكى دېماس بۇ ھازىرقى دۇنيانى تاما قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنى تاشلاپ تېسالونىكا شەھىرىگە كەتتى. كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. (aiōn g165)
11 Only Luke is with me. Take Mark and bring him with you, for he is useful to me for service.
يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەل، چۈنكى ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا كۆپ ئەسقاتىدۇ.
12 But I sent Tychicus to Ephesus.
تىكىكۇسنى بولسا ئەفەسۇس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم.
13 Bring the cloak that I left at Troas with Carpus when you come—and the books, especially the parchments.
كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن.
14 Alexander the coppersmith did much evil to me. The Lord will repay him according to his deeds.
مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا تولا ئەسكىلىك قىلدى. رەب ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق ياندۇرماي قالمايدۇ.
15 Beware of him, for he greatly opposed our words.
سەن ھەم ئۇنىڭدىن ھوشيار بول؛ چۈنكى ئۇ بىز يەتكۈزگەن سۆزلىرىمىزگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.
16 At my first defense, no one came to help me, but all left me. May it not be held against them.
تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي!
17 But the Lord stood by me and strengthened me, that through me the message might be fully proclaimed, and that all the Gentiles might hear. So I was delivered out of the mouth of the lion.
لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم.
18 And the Lord will deliver me from every evil work and will preserve me for his heavenly Kingdom. To him be the glory forever and ever. Amen. (aiōn g165)
رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165)
19 Greet Prisca and Aquila, and the house of Onesiphorus.
پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت.
20 Erastus remained at Corinth, but I left Trophimus at Miletus sick.
ئېراستۇس كورىنت شەھىرىدە قالدى. لېكىن تروفىمۇس كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېتۇس شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم.
21 Be diligent to come before winter. Eubulus salutes you, as do Pudens, Linus, Claudia, and all the brothers.
قىش چۈشۈپ كەتكۈچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەرگە كەلگىن. يۇبۇلۇس، پۇدىس، لىنوس، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام.
22 The Lord Jesus Christ be with your spirit. Grace be with you. Amen.
رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي! مېھىر-شەپقەت سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!

< 2 Timothy 4 >