< 2 Kings 21 >

1 Manasseh was twelve years old when he began to reign, and he reigned fifty-five years in Jerusalem. His mother’s name was Hephzibah.
ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەفزىباھ ئىدى.
2 He did that which was evil in Yahweh’s sight, after the abominations of the nations whom Yahweh cast out before the children of Israel.
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
3 For he built again the high places which Hezekiah his father had destroyed; and he raised up altars for Baal, and made an Asherah, as Ahab king of Israel did, and worshiped all the army of the sky, and served them.
ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا بۇزۇپ يوقاتقان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائالغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھاب قىلغاندەك بىر ئاشەراھ مەبۇد ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
4 He built altars in Yahweh’s house, of which Yahweh said, “I will put my name in Jerusalem.”
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: مەن يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىمنى قويىمەن، دېگەنىدى.
5 He built altars for all the army of the sky in the two courts of Yahweh’s house.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى.
6 He made his son to pass through the fire, practiced sorcery, used enchantments, and dealt with those who had familiar spirits and with wizards. He did much evil in Yahweh’s sight, to provoke him to anger.
ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
7 He set the engraved image of Asherah that he had made in the house of which Yahweh said to David and to Solomon his son, “In this house, and in Jerusalem, which I have chosen out of all the tribes of Israel, I will put my name forever;
ئۇ ياساتقان «ئاشەراھ» ئويما مەبۇدنى [خۇدانىڭ] ئۆيىگە قويدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛
8 I will not cause the feet of Israel to wander any more out of the land which I gave their fathers, if only they will observe to do according to all that I have commanded them, and according to all the law that my servant Moses commanded them.”
ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى ئۆز قۇلۇم مۇسا ئۇلارغا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقسىم قىلغان بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن»، دېگەنىدى.
9 But they didn’t listen, and Manasseh seduced them to do that which is evil more than the nations did whom Yahweh destroyed before the children of Israel.
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمايتتى؛ شۇڭلاشقىمۇ، ماناسسەھ ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەردىن ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى.
10 Yahweh spoke by his servants the prophets, saying,
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ــ
11 “Because Manasseh king of Judah has done these abominations, and has done wickedly above all that the Amorites did, who were before him, and has also made Judah to sin with his idols;
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسەھ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورىيلار قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن زىيادە رەزىللىك قىلىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن يەھۇدانىمۇ گۇناھقا ئازدۇرغىنى ئۈچۈن
12 therefore Yahweh the God of Israel says, ‘Behold, I will bring such evil on Jerusalem and Judah that whoever hears of it, both his ears will tingle.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، يېرۇسالېم بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە شۇنداق بالايىئاپەت كەلتۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ.
13 I will stretch over Jerusalem the line of Samaria, and the plumb line of Ahab’s house; and I will wipe Jerusalem as a man wipes a dish, wiping it and turning it upside down.
مەن سامارىيەنى ئۆلچىگەن تانا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىنى تەكشۈرگەن تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن يېرۇسالېمنى تەكشۈرتىمەن؛ كىشى قاچىنى چايقاپ سۈرتكەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك، يېرۇسالېمنى چايقاپ ئۆرۈيمەن.
14 I will cast off the remnant of my inheritance and deliver them into the hands of their enemies. They will become a prey and a plunder to all their enemies,
مەن مىراسىمنىڭ قالغانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلارنى ھەممە دۈشمەنلىرىگە بۇلاڭ-تالاڭ ئوبيېكتى ۋە ئولجا قىلىپ بېرىمەن؛
15 because they have done that which is evil in my sight, and have provoked me to anger since the day their fathers came out of Egypt, even to this day.’”
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى».
16 Moreover Manasseh shed innocent blood very much, until he had filled Jerusalem from one end to another; in addition to his sin with which he made Judah to sin, in doing that which was evil in Yahweh’s sight.
ماناسسەھ ئەمدى پۈتكۈل يېرۇسالېمنى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قانغا تولدۇرۇپ، كۆپ ناھەق قان تۆككۈزدى ۋە ئوخشاشلا ئۆزى قىلىۋاتقان گۇناھى بىلەن يەھۇدالارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى رەزىللىكنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
17 Now the rest of the acts of Manasseh, and all that he did, and his sin that he sinned, aren’t they written in the book of the chronicles of the kings of Judah?
ماناسسەھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇ سادىر قىلغان گۇناھ «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
18 Manasseh slept with his fathers, and was buried in the garden of his own house, in the garden of Uzza; and Amon his son reigned in his place.
ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئۆز ئۆيىنىڭ بېغىدا، يەنى ئۇززاھنىڭ بېغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى ئامون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
19 Amon was twenty-two years old when he began to reign; and he reigned two years in Jerusalem. His mother’s name was Meshullemeth the daughter of Haruz of Jotbah.
ئامون پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەشۇللەمەت ئىدى؛ ئۇ يوتباھلىق ھارۇزنىڭ قىزى ئىدى.
20 He did that which was evil in Yahweh’s sight, as Manasseh his father did.
ئامون ئاتىسى ماناسسەھ قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى.
21 He walked in all the ways that his father walked in, and served the idols that his father served, and worshiped them;
ئۇ ئاتىسى ماڭغان بارلىق يوللاردا ماڭاتتى؛ ئۇ ئاتىسى قۇللۇقىدا بولغان بۇتلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ،
22 and he abandoned Yahweh, the God of his fathers, and didn’t walk in the way of Yahweh.
پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا يۈرمەي، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تەرك قىلدى.
23 The servants of Amon conspired against him, and put the king to death in his own house.
ئەمدى ئاموننىڭ خىزمەتكارلىرى پادىشاھنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈردى.
24 But the people of the land killed all those who had conspired against King Amon; and the people of the land made Josiah his son king in his place.
لېكىن يۇرت خەلقى ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى.
25 Now the rest of the acts of Amon which he did, aren’t they written in the book of the chronicles of the kings of Judah?
ئاموننىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
26 He was buried in his tomb in the garden of Uzza, and Josiah his son reigned in his place.
ئۇ ئۇززاھنىڭ بېغىدا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوسىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

< 2 Kings 21 >