< 1 Samuel 27 >

1 David said in his heart, “I will now perish one day by the hand of Saul. There is nothing better for me than that I should escape into the land of the Philistines; and Saul will despair of me, to seek me any more in all the borders of Israel. So I will escape out of his hand.”
داۋۇت كۆڭلىدە: ــ ھامان بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا تېزدىن قېچىپ كېتىشىمدىن باشقا ئامال يوق. شۇنداق قىلسام سائۇل ئىسرائىل زېمىنى ئىچىدە مېنى تېپىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىزدەشتىن قول ئۈزىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلىمەن، دەپ ئويلىدى.
2 David arose and passed over, he and the six hundred men who were with him, to Achish the son of Maoch, king of Gath.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت قوپۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەمنى ئېلىپ گاتنىڭ پادىشاھى مائوقنىڭ ئوغلى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى.
3 David lived with Achish at Gath, he and his men, every man with his household, even David with his two wives, Ahinoam the Jezreelitess and Abigail the Carmelitess, Nabal’s wife.
ئەمدى داۋۇت ۋە ئادەملىرى، يەنى ھەربىرى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گاتتا ئاقىش بىلەن تۇردى. داۋۇت ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە نابالنىڭ تۇل خوتۇنى كارمەللىك ئابىگائىل بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇردى.
4 Saul was told that David had fled to Gath, so he stopped looking for him.
سائۇل: ــ داۋۇت گاتقا قېچىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى يەنە ئىزدەپ يۈرمىدى.
5 David said to Achish, “If now I have found favor in your eyes, let them give me a place in one of the cities in the country, that I may dwell there. For why should your servant dwell in the royal city with you?”
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئەگەر كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن سەھرادىكى بىر شەھەردىن بىزگە بىر جاي بەرگەيلا؛ قۇلۇڭ قانداقمۇ شاھانە شەھەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرسۇن، دېدى.
6 Then Achish gave him Ziklag that day: therefore Ziklag belongs to the kings of Judah to this day.
ئۇ كۈنى ئاقىش ئۇنىڭغا زىكلاگ شەھىرىنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن زىكلاگ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە.
7 The number of the days that David lived in the country of the Philistines was a full year and four months.
داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقىت بىر يىل تۆت ئاي بولدى.
8 David and his men went up and raided the Geshurites, the Girzites, and the Amalekites; for those were the inhabitants of the land who were of old, on the way to Shur, even to the land of Egypt.
داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى).
9 David struck the land, and saved no man or woman alive, and took away the sheep, the cattle, the donkeys, the camels, and the clothing. Then he returned, and came to Achish.
داۋۇت [ھەرقېتىم] زېمىندىكىلەرنى قىرىپ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى ۋە قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ ئاقىشنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلەتتى.
10 Achish said, “Against whom have you made a raid today?” David said, “Against the South of Judah, against the South of the Jerahmeelites, and against the South of the Kenites.”
ئاقىش: ــ بۈگۈن قايسى جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدىڭلار، دەپ سورايتتى؛ داۋۇت: ــ يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىنى، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى ۋە كېنىيلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق، دەيتتى.
11 David saved neither man nor woman alive to bring them to Gath, saying, “Lest they should tell about us, saying, ‘David did this, and this has been his way all the time he has lived in the country of the Philistines.’”
داۋۇت ئەر ياكى ئاياللارنىڭ بىرىنىمۇ گاتقا تىرىك ئېلىپ كەلمەيتتى؛ چۈنكى ئۇ: ــ ئۇلار بىزنىڭ توغرىمىزدىن، «داۋۇت ئۇنداق-مۇنداق قىلدى» دەپ گەپ قىلىشى مۇمكىن، دەيتتى. داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى.
12 Achish believed David, saying, “He has made his people Israel utterly to abhor him. Therefore he will be my servant forever.”
شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى.

< 1 Samuel 27 >