< 1 Corinthians 14 >

1 Follow after love and earnestly desire spiritual gifts, but especially that you may prophesy.
مېھىر-مۇھەببەتكە ئىنتىلىپ ئۇنى قوغلىشىڭلار ۋە ھەم روھىي ئىلتىپاتلارغا، بولۇپمۇ بېشارەت بېرىشكە ئىنتىزار بولۇڭلار.
2 For he who speaks in another language speaks not to men, but to God, for no one understands, but in the Spirit he speaks mysteries.
چۈنكى نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ؛ ئاڭلىغۇچىلاردىن ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ روھتا سىرلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
3 But he who prophesies speaks to men for their edification, exhortation, and consolation.
لېكىن بېشارەت بېرىدىغان كىشى بولسا ئادەملەرنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇشقا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە تەسەللى بېرىشكە سۆزلەيدۇ.
4 He who speaks in another language edifies himself, but he who prophesies edifies the assembly.
نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئۆز روھىنى قۇرىدۇ؛ ئەمما بېشارەت بەرگۈچى جامائەتنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرىدۇ.
5 Now I desire to have you all speak with other languages, but even more that you would prophesy. For he is greater who prophesies than he who speaks with other languages, unless he interprets, that the assembly may be built up.
ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ نامەلۇم تىللاردا سۆزلىيەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بېشارەت بېرىشىڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى سۆزىنى تەرجىمە قىلمىسا، جامائەتنىڭ ئېتىقاد قۇرۇلۇشىدا بېشارەت بەرگۈچى ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ.
6 But now, brothers, if I come to you speaking with other languages, what would I profit you unless I speak to you either by way of revelation, or of knowledge, or of prophesying, or of teaching?
قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا كېلىپ، نامەلۇم تىللاردىلا سۆزلىگىنىم بىلەن مەلۇم ۋەھىي، بىلىم، بېشارەت ياكى تەلىمنى يەتكۈزمىسەم، مەن سىلەرگە نېمە پايدا تەگكۈزىمەن؟
7 Even lifeless things that make a sound, whether pipe or harp, if they didn’t give a distinction in the sounds, how would it be known what is piped or harped?
ھەتتا ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەيلى نەي بولسۇن، چىلتار بولسۇن شۇنداق؛ ئۇلارنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بولمىسا، ئۇلاردا چېلىنغان پەدە قانداقمۇ پەرق ئېتىلسۇن؟
8 For if the trumpet gave an uncertain sound, who would prepare himself for war?
[جەڭ] كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، كىم جەڭگە ھازىرلانسۇن؟
9 So also you, unless you uttered by the tongue words easy to understand, how would it be known what is spoken? For you would be speaking into the air.
شۇنىڭدەك سىلەر تىلدا ئېنىق چۈشىنەلىگۈدەك سۆز قىلمىساڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ سىلەر ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر.
10 There are, it may be, so many kinds of languages in the world, and none of them is without meaning.
جاھاندا، شۈبھىسىزكى، خىلمۇخىل تىل-ئاۋازلار بار ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مەنىسىز ئەمەس؛
11 If then I don’t know the meaning of the language, I would be to him who speaks a foreigner, and he who speaks would be a foreigner to me.
ئەگەر ئەمدى مەن مەلۇم ئاۋاز-تىلنىڭ مەنىسىنى بىلمىسەم، مەن سۆزلىگۈچىگە نىسبەتەن يات ۋە ئۇ ماڭا نىسبەتەن يات بولىدۇ.
12 So also you, since you are zealous for spiritual gifts, seek that you may abound to the building up of the assembly.
ئەھۋال سىلەردىمۇ شۇنداق. شۇڭا، سىلەر روھىي ئىلتىپاتلارغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، جامائەتنىڭ ئېتىقادىنى قۇرىدىغان ئىلتىپاتلارغا باي بولۇشقا ئىنتىلىڭلار.
13 Therefore let him who speaks in another language pray that he may interpret.
شۇڭا، نامەلۇم تىلدا سۆزلەيدىغان كىشى سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان بولسام دەپ دۇئا قىلسۇن.
14 For if I pray in another language, my spirit prays, but my understanding is unfruitful.
چۈنكى نامەلۇم تىلدا دۇئا قىلغىنىمدا، روھىم دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئەقىل-ئىدراكىمدىن بولسا مېۋە چىقمايدۇ.
15 What should I do? I will pray with the spirit, and I will pray with the understanding also. I will sing with the spirit, and I will sing with the understanding also.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بەزىدە روھىم بىلەن دۇئا قىلىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ دۇئا قىلىمەن؛ مەن بەزىدە روھىم بىلەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم بەزىدە ئەقىل-ئىدراكىم بىلەنمۇ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن؛
16 Otherwise, if you bless with the spirit, how will he who fills the place of the unlearned say the “Amen” at your giving of thanks, seeing he doesn’t know what you say?
بولمىسا، پەقەت روھىڭ بىلەنلا مەدھىيە ئوقۇساڭ، ئىشلەتكەن [تىلىڭنى] بىلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا ئولتۇرغۇچى تەشەككۈرۇڭگە قانداقمۇ «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئېيتقىنىڭنى چۈشەنمەيدۇ.
17 For you most certainly give thanks well, but the other person is not built up.
سەن دەرھەقىقەت تەشەككۈرنى ياخشى ئېيتىسەن، ئەمما يېنىڭدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىقادى قۇرۇلغىنى يوق.
18 I thank my God, I speak with other languages more than you all.
مەن بۇنداق نامەلۇم تىللاردا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
19 However, in the assembly I would rather speak five words with my understanding, that I might instruct others also, than ten thousand words in another language.
ھالبۇكى، جامائەتتە بولغاندا، نامەلۇم تىلدا تۈمەن ئېغىز سۆزلىگىنىمدىن كۆرە، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرەلىگۈدەك چۈشىنىشلىك سۆزدىن بەش ئېغىزلا سۆزلىيەلىسەم دەيمەن.
20 Brothers, don’t be children in thoughts, yet in malice be babies, but in thoughts be mature.
قېرىنداشلار، ئەقىل-ھوشۇڭلاردا بالا بولماڭلار؛ يامانلىق جەھەتىدە بوۋاق بولۇڭلار، ئەمما ئەقىل-ھوشۇڭلاردا پىشقەدەم بولۇڭلار.
21 In the law it is written, “By men of strange languages and by the lips of strangers I will speak to this people. They won’t even listen to me that way, says the Lord.”
تەۋراتتا: «چەت تىللىقلارنىڭ سۆزى ۋە يات ئادەملەرنىڭ لەۋلىرى ئارقىلىق مەن مۇشۇ خەلققە گەپ قىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ماڭا قۇلاق سالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» دەپ پۈتۈلگەندۇر.
22 Therefore other languages are for a sign, not to those who believe, but to the unbelieving; but prophesying is for a sign, not to the unbelieving, but to those who believe.
شۇڭا «نامەلۇم تىللار» بولسا بىر ئالامەت بەلگىدۇر؛ ئېتىقادچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادسىزلارغا ئالامەت بەلگىدۇر؛ ۋەھىي-بېشارەتلەر بولسا، ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن بولىدۇ.
23 If therefore the whole assembly is assembled together and all speak with other languages, and unlearned or unbelieving people come in, won’t they say that you are crazy?
شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جامائەت بىر يەردە جەم بولغاندا، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىللاردا سۆزلەۋەرسە ۋە ساددا ياكى ئېتىقادسىز كىشىلەر كىرىپ قالسا، ئۇلار ھەممىڭلارنى ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر دېيىشمەمدۇ؟
24 But if all prophesy, and someone unbelieving or unlearned comes in, he is reproved by all, and he is judged by all.
ئەمما ھەممىڭلار ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار، ئېتىقادسىز ياكى ساددا كىشى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا تەنبىھ بېرىلىدۇ، ھەممىڭلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛
25 And thus the secrets of his heart are revealed. So he will fall down on his face and worship God, declaring that God is among you indeed.
قەلبىدىكى سىرلار ئاشكارە قىلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ: ــ «خۇدا ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىدۇر» دەپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.
26 What is it then, brothers? When you come together, each one of you has a psalm, has a teaching, has a revelation, has another language, or has an interpretation. Let all things be done to build each other up.
ئەمدى قېرىنداشلار، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەربىرىڭلاردا [بىر ئىلتىپات] بولىدۇ؛ بىرسىدە مەدھىيە ناخشىسى، بىرسىدە تەلىم، بىرسىدە نامەلۇم تىل، بىرسىدە ۋەھىي، بىرسىدە نامەلۇم تىلنىڭ يېشىمى بولىدۇ. ھەممە ئىشلار ئېتىقادنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولسۇن.
27 If any man speaks in another language, let there be two, or at the most three, and in turn; and let one interpret.
نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچىلەر بولۇپ قالسا، ئىككىسى ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن ۋە بىرسى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆرىسۇن.
28 But if there is no interpreter, let him keep silent in the assembly, and let him speak to himself and to God.
ئەمما [جامائەتتە] ئۆرىگۈچى بولمىسا، ئۇ سۈكۈت قىلسۇن؛ ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا ئېيتسۇن.
29 Let two or three of the prophets speak, and let the others discern.
ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئىككى-ئۈچى سۆزلىسۇن؛ قالغانلار گەپلىرىنىڭ ۋەزنىنى دىتلاپ تۇرسۇن؛
30 But if a revelation is made to another sitting by, let the first keep silent.
ئەمما ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن باشقا بىر كىشىگە مەلۇم بىر ۋەھىي بېرىلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى توختىتىپ نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن.
31 For you all can prophesy one by one, that all may learn and all may be exhorted.
چۈنكى ھەممىڭلار بىر-بىرلەپ ۋەھىي-بېشارەت يەتكۈزسەڭلار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۆگىنىدۇ، ھەممەيلەن رىغبەتلىنىدۇ.
32 The spirits of the prophets are subject to the prophets,
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز روھلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ.
33 for God is not a God of confusion but of peace, as in all the assemblies of the saints.
چۈنكى خۇدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچ-خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ جامائەتلىرىدە شۇنداق تەرتىپ بار.
34 Let the wives be quiet in the assemblies, for it has not been permitted for them to be talking except in submission, as the law also says,
ئاراڭلاردىكى ئاياللار جامائەتلەردە سۈكۈتتە ئولتۇرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان؛ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار [تەرتىپكە] بويسۇنسۇن.
35 if they desire to learn anything. “Let them ask their own husbands at home, for it is shameful for a wife to be talking in the assembly.”
ئەمما ئۇلار مەلۇم ئىشنى بىلمەكچى بولسا، ئۆيىدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن؛ ئايالنىڭ جامائەتتە سۆزلىشى ئۇياتلىق ئىشتۇر.
36 What!? Was it from you that the word of God went out? Or did it come to you alone?
خۇدانىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن باشلانغانمۇ؟! ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەنمۇ؟!
37 If any man thinks himself to be a prophet or spiritual, let him recognize the things which I write to you, that they are the commandment of the Lord.
بىرسى ئۆزىنى ۋەھىي-بېشارەتچى ياكى روھىي كىشى دەپ سانىسا، ئۇ سىلەرگە ھازىر يازغان بۇ سۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن رەبنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسۇن.
38 But if anyone is ignorant, let him be ignorant.
بىرسى بۇنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
39 Therefore, brothers, desire earnestly to prophesy, and don’t forbid speaking with other languages.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە تەلمۈرۈپ ئىنتىلىڭلار، شۇنداقلا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشنى چەكلىمەڭلار.
40 Let all things be done decently and in order.
[خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا]، ھەربىر ئىش چىرايلىق، تەرتىپلىك قىلىنسۇن.

< 1 Corinthians 14 >