< Matthew 27 >

1 Now when morning had come, all the chief priests and the elders of the people took counsel against Yeshua to put him to death:
تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى.
2 and they bound him, and led him away, and delivered him to Pilate, the governor.
ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.
3 Then Yehudah, who betrayed him, when he saw that Yeshua was condemned, felt remorse, and returned the thirty pieces of silver to the chief priests and elders,
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:
4 saying, "I have sinned in that I betrayed innocent blood." But they said, "What is that to us? You see to it."
ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار.
5 He threw down the pieces of silver in the sanctuary, and departed. He went away and hanged himself.
يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
6 The chief priests took the pieces of silver, and said, "It's not lawful to put them into the treasury, since it is the price of blood."
باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان [تەڭگىلەردۇر]، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى.
7 They took counsel, and bought the potter's field with them, to bury strangers in.
ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى.
8 Therefore that field was called "The Field of Blood" to this day.
شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
9 Then that which was spoken through Aramiyah the prophet was fulfilled, saying, "They took the thirty pieces of silver, the price of him upon whom a price had been set, whom some of the people of Israyel priced,
شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى،
10 and they gave them for the potter's field, as the Lord commanded me."
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى».
11 Now Yeshua stood before the governor: and the governor asked him, saying, "Are you the King of the Jews?" Yeshua said to him, "You say so."
ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا.
12 When he was accused by the chief priests and elders, he answered nothing.
لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.
13 Then Pilate said to him, "Do you not hear how many things they testify against you?"
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى.
14 He gave him no answer, not even one word, so that the governor was greatly amazed.
بىراق ئۇ [پىلاتۇسقا] جاۋابەن [شىكايەتلەرنىڭ] بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.
15 Now at the feast the governor was accustomed to release to the crowd one prisoner, whom they desired.
ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى.
16 They had then a notable prisoner, called Bar-Aba.
ئەينى ۋاقىتتا، [رىملىقلارنىڭ] بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى [زىنداندا] ئىدى.
17 When therefore they were gathered together, Pilate said to them, "Whom do you want me to release to you? Bar-Aba, or Yeshua, who is called Meshikha?"
خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى
18 For he knew that because of envy they had delivered him up.
(چۈنكى ئۇ [باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ] ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى).
19 While he was sitting on the judgment seat, his wife sent to him, saying, "Have nothing to do with that righteous man, for I have suffered many things this day in a dream because of him."
پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
20 Now the chief priests and the elders persuaded the crowds to ask for Bar-Aba, and destroy Yeshua.
لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى.
21 But the governor answered them, "Which of the two do you want me to release to you?" They said, "Bar-Aba."
ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
22 Pilate said to them, "What then should I do with Yeshua, who is called Meshikha?" They all said, "Let him be crucified."
پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى. ھەممەيلەن: ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى.
23 But he said, "Why? What evil has he done?" But they shouted all the louder, saying, "Let him be crucified."
پىلاتۇس: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى.
24 So Pilate, seeing that nothing was being gained, but rather that a disturbance was starting, took water and he washed his hands before the crowd, saying, "I am innocent of the blood of this righteous man. You see to it."
پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى.
25 All the people answered, "May his blood be on us, and on our children."
پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى.
26 Then he released to them Bar-Aba, but Yeshua he flogged and delivered to be crucified.
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى.
27 Then the governor's soldiers took Yeshua into the Praetorium, and gathered the whole garrison together against him.
ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى.
28 They stripped him, and put a scarlet robe on him.
ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى.
29 They braided a crown of thorns and put it on his head, and a reed in his right hand; and they kneeled down before him, and mocked him, saying, "Greetings, King of the Jews."
تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى.
30 They spat on him, and took the reed and struck him on the head.
ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى.
31 When they had mocked him, they took the robe off of him, and put his clothes on him, and led him away to crucify him.
ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.
32 As they came out, they found a man of Qurinaya, Shimon by name, and they compelled him to go with them, that he might carry his cross.
ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.
33 They came to a place called "Gagulta," that is to say, "The place of a skull."
ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە،
34 They gave him wine to drink mixed with gall. When he had tasted it, he would not drink.
[ئەيساغا] ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى.
35 When they had crucified him, they divided his clothing among themselves, casting a lot, that it might be fulfilled which was spoken by the prophet: 'They divided my clothes among themselves, and for my clothing they cast a lot.'
لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى.
36 And they sat and watched him there.
ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى.
37 They set up over his head the accusation against him written, "THIS IS YESHUA, THE KING OF THE JEWS."
ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى.
38 Then there were two robbers crucified with him, one on his right hand and one on the left.
[ئەيسا] بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى.
39 Those who passed by blasphemed him, wagging their heads,
بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ:
40 and saying, "You who destroy the temple, and build it in three days, save yourself. If you are the Son of God, come down from the cross."
ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى.
41 Likewise the chief priests also mocking, with the scribes, and the elders, said,
باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:
42 "He saved others, but he cannot save himself. If he is the King of Israyel, let him come down from the cross now, and we will believe in him.
ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز.
43 He trusts in God. Let God deliver him now, if he wants him; for he said, 'I am the Son of God.'"
ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى.
44 The robbers also who were crucified with him insulted him in the same way.
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.
45 Now from noon until three in the afternoon there was darkness over all the land.
ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى.
46 Then at about three in the afternoon Yeshua called out with a loud voice, saying, "Eli, Eli, lema shabachthani?" That is, "My God, my God, why have you forsaken me?"
توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
47 Some of them who stood there, when they heard it, said, "This man is calling Eliya."
ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: بۇ ئادەم ئىلياس [پەيغەمبەر]گە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.
48 Immediately one of them ran, and took a sponge, and filled it with vinegar, and put it on a reed, and gave him a drink.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى.
49 The rest said, "Let him be. Let us see whether Eliya comes to save him."
بىراق باشقىلار: ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى.
50 And Yeshua cried out again with a loud voice, and yielded up his spirit.
ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.
51 And look, the veil of the temple was torn in two from the top to the bottom. The earth quaked and the rocks were split.
ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكىرى] پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،
52 The tombs were opened, and many bodies of the saints who had fallen asleep were raised;
قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، [ئۆلۈمدە] ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى).
53 and coming out of the tombs after his resurrection, they entered into the holy city and appeared to many.
54 Now the centurion, and those who were with him watching Yeshua, when they saw the earthquake, and the things that were done, feared exceedingly, saying, "Truly this was the Son of God."
ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ: ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى.
55 Many women were there watching from afar, who had followed Yeshua from Galila, serving him.
ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى.
56 Among them were Maryam Magdelaitha, Maryam the mother of Yaquv and Yauseph, and the mother of the sons of Zabedai.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.
57 When evening had come, a rich man from Arimathea, named Yauseph, who himself was also Yeshua's disciple came.
كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى.
58 This man went to Pilate, and asked for the body of Yeshua. Then Pilate commanded the body to be given up.
ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى.
59 Yauseph took the body, and wrapped it in a clean linen cloth,
يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى
60 and placed it in his own new tomb, which he had cut out in the rock, and he rolled a great stone to the door of the tomb, and departed.
ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى
61 Maryam Magdelaitha was there, and the other Maryam, sitting opposite the tomb.
(شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى).
62 Now on the next day, which was the day after the Preparation Day, the chief priests and the Pharisees were gathered together to Pilate,
ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
63 saying, "Sir, we remember what that deceiver said while he was still alive: 'After three days I will rise again.'
ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار.
64 Command therefore that the tomb be made secure until the third day, lest perhaps his disciples come and steal him away, and tell the people, 'He is risen from the dead;' and the last deception will be worse than the first."
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى.
65 Pilate said to them, "You have a guard. Go, make it as secure as you can."
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى.
66 So they went with the guard and made the tomb secure, sealing the stone.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار [كۆزەتچى لەشكەرلەر] بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى.

< Matthew 27 >