< Matthew 23 >

1 Then spake Iesus to the multitude, and to his disciples,
بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ئەيسا توپ-توپ خالايىققا ۋە مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى:
2 Saying, The Scribes and the Pharises sit in Moses seate.
ــ تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر مۇسا پەيغەمبەرنىڭ [ھۆكۈم چىقىرىش] ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ.
3 All therefore whatsoeuer they bid you obserue, that obserue and doe: but after their workes doe not: for they say, and doe not.
شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ،
4 For they binde heauie burdens, and grieuous to be borne, and lay them on mens shoulders, but they themselues will not moue them with one of their fingers.
بەلكى ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى باغلاپ ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىنى مىدىرلىتىشنى خۇشياقمايدۇ.
5 All their workes they doe for to be seene of men: for they make their phylacteries broad, and make long the frindges of their garments,
ئۇلار ھەممە ئەمەللىرىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ؛
6 And loue the chiefe place at feastes, and to haue the chiefe seates in the assemblies,
ئۇلار زىياپەتلەردە تۆردە، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا،
7 And greetings in the markets, and to be called of men, Rabbi, Rabbi.
بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان [ئۇزۇن] سالاملىرىغا ۋە ئۆزلىرىنى «ئۇستاز، ئۇستاز» دەپ ئاتاشلىرىغا ئامراق كېلىدۇ.
8 But be not ye called, Rabbi: for one is your doctour, to wit, Christ, and all ye are brethren.
بىراق سىلەر بولساڭلار «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشنى قوبۇل قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار ۋە ھەممىڭلار قېرىنداشتۇرسىلەر.
9 And call no man your father vpon the earth: for there is but one, your father which is in heauen.
يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر.
10 Be not called doctours: for one is your doctour, euen Christ.
سىلەر «مۇئەللىم» دەپ ئاتىلىشنىمۇ قوبۇل قىلماڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا مۇئەللىم، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزى باردۇر؛
11 But he that is greatest among you, let him be your seruant.
بەلكى ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ.
12 For whosoeuer will exalt himselfe, shall be brought lowe: and whosoeuer will humble himselfe, shalbe exalted.
ئۆزىنى يۇقىرى تۇتماقچى بولغىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقىنى يۇقىرى قىلىنىدۇ.
13 Wo therefore be vnto you, Scribes and Pharises, hypocrites, because ye shut vp the kingdome of heauen before men: for ye your selues go not in, neither suffer ye them that would enter, to come in.
بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر.
14 Wo be vnto you, Scribes and Pharises, hypocrites: for ye deuoure widowes houses, euen vnder a colour of long prayers: wherefore ye shall receiue the greater damnation.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر تۇل ئاياللارنىڭ مال-دۇنياسىنى يەۋاتىسىلەر، شۇنداقتىمۇ باشقىلار ئالدىدا تەقۋادار كۆرۈنسەك دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، سىلەر تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر.
15 Wo be vnto you, Scribes and Pharises, hypocrites: for ye compasse sea and land to make one of your profession: and when he is made, ye make him two folde more the childe of hell, then you your selues. (Geenna g1067)
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر. (Geenna g1067)
16 Wo be vnto you blinde guides, which say, Whosoeuer sweareth by the Temple, it is nothing: but whosoeuer sweareth by the golde of the Temple, he offendeth.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ھەرقانداق كىشى ئىبادەتخانا بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر.
17 Ye fooles and blinde, whether is greater, the golde, or the Temple that sanctifieth the golde?
ئەي كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟
18 And whosoeuer sweareth by the altar, it is nothing: but whosoeuer sweareth by the offering that is vpon it, offendeth.
سىلەر يەنە: «ھەركىم قۇربانگاھ بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق قۇربانگاھ ئۈستىدىكى ھەدىيەنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر.
19 Ye fooles and blinde, whether is greater, the offering, or the altar which sanctifieth the offering?
ئەي كورلار! ھەدىيە ئۇلۇغمۇ ياكى ھەدىيىنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانگاھمۇ؟
20 Whosoeuer therefore sweareth by the altar, sweareth by it, and by all things thereon.
شۇڭا، قۇربانگاھنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى بولسا ھەم قۇربانگاھ بىلەن ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ.
21 And whosoeuer sweareth by the Temple, sweareth by it, and by him that dwelleth therein.
ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ھەم ئىبادەتخانىنى، ھەم «ئىبادەتخانىدا تۇرغۇچى»نى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ.
22 And he that sweareth by heauen, sweareth by the throne of God, and by him that sitteth thereon.
ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان بولىدۇ.
23 Wo be to you, Scribes and Pharises, hypocrites: for ye tithe mynt, and annyse, and cummyn, and leaue the weightier matters of the law, as iudgement, and mercy and fidelitie. These ought ye to haue done, and not to haue left the other.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ۋەزىنلىك تەرەپلىرى بولغان ئادالەت، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىقنى ئېتىبارغا ھېچ ئالمايسىلەر. ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك.
24 Ye blinde guides, which straine out a gnat, and swallowe a camell.
ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر [چىنەڭلەردىكى] پاشىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسىلەر!
25 Wo be to you, Scribes and Pharises, hypocrites: for ye make cleane the vtter side of the cup, and of the platter: but within they are ful of briberie and excesse.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچى ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە ئىشرەتپەرەسلىككە تولغان.
26 Thou blinde Pharise, cleanse first the inside of the cup and platter, that the outside of them may be cleane also.
ئەي قارىغۇ پەرىسىي! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلا، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ!
27 Wo be to you, Scribes and Pharises, hypocrites: for ye are like vnto whited tombes, which appeare beautifull outward, but are within full of dead mens bones, and all filthines.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان لېكىن ئىچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ھەرخىل ناپاك نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر.
28 So are ye also: for outwarde ye appeare righteous vnto men, but within ye are full of hypocrisie and iniquitie.
شۇنىڭدەك تېشىڭلاردىن ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ھەققانىي ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىك بىلەن تولغان.
29 Wo be vnto you, Scribes and Pharises, hypocrites: for ye build the tombes of the Prophets, and garnish the sepulchres of the righteous,
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! چۈنكى سىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، ھەققانىيلارنىڭ مازارلىرىنى بېزەپ كېلىۋاتىسىلەر
30 And say, If we had bene in the dayes of our fathers, we would not haue bene partners with them in the blood of the Prophets.
ۋە سىلەر: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشلىرىگە شېرىك بولمايتتۇق» ــ دەيسىلەر.
31 So then ye be witnesses vnto your selues, that ye are the children of them that murthered the Prophets.
شۇڭا سىلەر ئۆز سۆزۈڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار.
32 Fulfill ye also ye measure of your fathers.
ئۇنداقتا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار باشلىغان قىلمىشلىرىنى تولۇقلاڭلار!
33 O serpents, the generation of vipers, howe should ye escape the damnation of hell! (Geenna g1067)
ئەي يىلانلار! زەھەرلىك يىلانلارنىڭ نەسىللىرى! دوزاخ جازاسىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ (Geenna g1067)
34 Wherefore beholde, I send vnto you Prophets, and wise men, and Scribes, and of them ye shall kill and crucifie: and of them shall ye scourge in your Synagogues, and persecute from citie to citie,
شۇڭا مانا، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، دانىشمەنلەر ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كرېستلەپ ئۆلتۈرىسىلەر، بەزىلىرىنى سىناگوگلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.
35 That vpon you may come all the righteous blood that was shed vpon the earth, from the blood of Abel the righteous, vnto the blood of Zacharias the sonne of Barachias, whome ye slewe betweene the Temple and the altar.
شۇنداق قىلىپ، ھەققانىي ھابىلنىڭ قان قەرزىدىن تارتىپ تاكى سىلەر ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرگەن بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ قان قەرزىگىچە، ھەققانىيلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان بارلىق قان قەرزلىرى بۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلىدۇ.
36 Verely I say vnto you, all these things shall come vpon this generation.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
37 Hierusalem, Hierusalem, which killest the Prophets, and stonest them which are sent to thee, how often would I haue gathered thy children together, as the henne gathereth her chickins vnder her wings, and ye would not!
ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مېكىيان چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار!
38 Beholde, your habitation shalbe left vnto you desolate,
مانا، ئەمدى ئۆيۈڭلار سىلەرگە خارابە بولۇپ قالىدۇ!
39 For I say vnto you, ye shall not see mee henceforth till that ye say, Blessed is he that commeth in the Name of the Lord.
چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېمىگۈچە، سىلەر مېنى قايتىدىن ھېچ كۆرەلمەيسىلەر.

< Matthew 23 >