< ᏣᏂ ᏄᏍᏛ ᎠᏥᎾᏄᎪᏫᏎᎸᎢ 3 >

1 ᏌᏗᏏᏃ ᎤᎾᏓᏡᎬ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᏗᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᏫᏲᏪᎳᏏ, ᎯᎠ ᎾᏍᎩ ᏫᏂᏪᏏ ᎠᏗᎭ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎦᎵᏉᎩ ᏗᏓᏅᏙ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᏧᏤᎵ ᏧᏪᎯ ᏥᎩ, ᎠᎴ ᎦᎵᏉᎩ ᏃᏈᏏ ᏧᏪᎯ ᏥᎩ; ᏥᎦᏔᎭ ᏄᏍᏛ ᏕᏣᎸᏫᏍᏓᏁᎲᎢ, ᎬᏃᏛ ᏥᎨᏦᏎᎭ, ᎠᏎᏃ ᏣᏲᎱᏒᎯᏉ ᏥᎩ.
ــ ساردىستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «خۇدانىڭ يەتتە روھى ۋە يەتتە يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ۋە شۇنداقلا «ھايات» دېگەن نام-ئابرۇيۇڭنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆلۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن.
2 ᎯᏯᏫᏍᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᏔᎵᏂᎪᎯᏍᏓ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏧᎵᏃᎯᏴᎯ, ᎾᏍᎩ ᏧᎵᏬᏥᏕᎾ ᏥᎩ; ᎥᏝᏰᏃ ᏯᎩᏩᏛᎲ ᎤᎧᎵᏨᎯ ᎣᏍᏛ ᎨᏒ ᏕᏣᎸᏫᏍᏓᏁᎲ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᏙᏗᎧᏅᎢ.
شۇڭا، ئويغان، سېنىڭدە بار بولغان، ئەمما ئۆلەي دەپ قالغان [خىسلەتلىرىڭنى] كۈچەيت؛ چۈنكى خۇدايىم ئالدىدا ئەمەللىرىڭنىڭ تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم.
3 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎭᏅᏓᏓ ᏄᏍᏛ ᏕᏣᏓᏂᎸᏨ ᎠᎴ ᏣᏛᎦᏅᎢ, ᎠᎴ ᎠᏍᏓᏯ ᏘᏂᏴ ᎠᎴ ᎯᏁᏟᏴᎾ ᏣᏓᏅᏛᎢ. ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎢᏳᏃ ᏂᏯᏫᏍᎬᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ ᏓᎬᎷᏤᎵ ᎦᏃᏍᎩᏍᎩ ᏥᎦᎷᎪ ᎾᏍᎩᏯᎢ, ᎥᏝ ᎠᎴ ᏱᎦᏔᎮᏍᏗ ᎢᏳ ᎨᏒ ᏗᎬᎷᏤᎵᏒᎢ.
ئۇنىڭ ئۈچۈن [سۆز-كالامنى] قانداق قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ توۋا قىلغىن. لېكىن ئويغانمىساڭ مەن ئوغرىدەك ئۈستۈڭكە كېلىمەن ۋە سەن قايسى سائەتتە ئۈستۈڭگە كېلىدىغىنىمنى ھەرگىز بىلمەيسەن.
4 ᎢᎸᏍᎩ ᏂᎦᎥ ᏚᎾᏙᎥ ᏕᏣᏍᏆᏂᎪᏗ ᏌᏗᏏ, ᎾᏍᎩ ᎦᏓᎭ ᎢᏧᏅᏁᎸᎯ ᏂᎨᏒᎾ ᏧᎾᏄᏬ; ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎢᏧᎳᎭ ᏓᏲᏤᏙᎵ ᏧᏁᎩᏳ ᎨᏎᏍᏗ ᏚᎾᏄᏩᎥᎢ; ᏰᎵᏉᏰᏃ ᎾᏍᎩ ᎢᎬᏩᎾᏛᏁᏗ.
لېكىن ساردىستا ئۆز كىيىملىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن بىرنەچچە شەخس بار. ئۇلار ئاق كىيىم كىيىپ مەن بىلەن بىللە ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر.
5 ᎩᎶ ᎠᏓᏎᎪᎩᏍᎨᏍᏗ ᎾᏍᎩ ᏧᏁᎬ ᏣᏥᏄᏬᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ, ᎠᎴ ᎥᏝ ᏥᏲᏍᏓᏁᏗ ᏱᎨᏎᏍᏗ ᏚᏙᎥ ᎬᏂᏛ ᎠᏓᏁᎯ ᎪᏪᎵᎯ ᎪᏪᎸᎢ; ᎠᎴ ᎬᏂᎨᏒ ᎢᏥᏴᏁᏗ ᎨᏎᏍᏗ ᏕᎤᏙᎥ ᎡᏙᏓ ᎠᎦᏔᎲᎢ, ᎠᎴ ᏧᏤᎵ ᏗᏂᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᎠᏂᎧᏔᎲᎢ.
غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.
6 ᎩᎶ ᏕᎦᎵᎨᏍᏗ ᏩᏛᎬᎦ ᎠᏓᏅᏙ ᏂᏕᎦᏪᏎᎲ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᏚᎾᏓᏡᏩᏗᏒᎢ.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
7 ᏈᎵᏕᎵᏈᏃ ᎤᎾᏓᏡᎬ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᏗᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᏫᏲᏪᎳᏏ; ᎯᎠ ᎾᏍᎩ ᏫᏂᏪᏏ ᎠᏗᎭ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎠᏍᎦᎾ ᏂᎨᏒᎾ, ᎾᏍᎩ ᎦᏰᎪᎩ ᏂᎨᏒᎾ, ᎾᏍᎩ ᎠᏍᏚᎢᏍᏗ ᏕᏫ ᎤᏤᎵᎦ ᎦᏁᎯ, ᎾᏍᎩ ᎠᏍᏚᎢᏍᎩ ᏥᎩ, ᎩᎶᏃ ᎠᏍᏚᎲᏍᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᏥᎩ; ᎠᎴ ᎠᏍᏚᎲᏍᎩ, ᎩᎶᏃ ᎠᏍᏚᎢᏍᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᏥᎩ.
ــ فىلادېلفىيەدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى، شۇنداقلا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولغۇچى، ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنۇ ئىشلارنى دەيدۇ:
8 ᏥᎦᏔᎭ ᏄᏍᏛ ᏕᏣᎸᏫᏍᏓᏁᎲᎢ; ᎬᏂᏳᏉ ᎢᎬᏱᏢ ᏂᎬᏴᏂᏏ ᎠᏍᏚᎢᏛ ᎦᎶᎯᏍᏗᏱ, ᎥᏝᏃ ᎩᎶ ᎬᏩᏍᏚᏗ ᏱᎩ; ᎠᏏᏰᏃ ᎤᏍᏗᎩᏛ ᏣᎵᏂᎬᎦ, ᎠᎴ ᏣᏍᏆᏂᎪᏔᏅ ᎧᏃᎮᏛ ᎠᏆᏤᎵᎦ, ᎠᎴ ᎥᏝ ᏱᏣᏓᏱᎸ ᏓᏆᏙᎥᎢ.
ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بىرئاز كۈچۈڭ بولغاچ سۆز-كالامىمغا ئىتائەت قىلغىنىڭ ۋە نامىمدىن تېنىپ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم.
9 ᎬᏂᏳᏉ ᏎᏓᏂ ᎤᏤᎵ ᏗᎦᎳᏫᎢᏍᏗᏱ ᎠᏁᎳ ᏅᏓᎦᏥᏴᏁᎵ, ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎣᏥᏧᏏ ᏣᎾᏗᎭ, ᎠᏎᏃ ᎾᏍᎩ ᏄᎾᏍᏛᎾ ᏥᎩ, ᎠᎴ ᏣᎾᏥᎪᎥᏍᎦᏉ, ᎬᏂᏳᏉ ᎤᏂᎷᎯᏍᏗᏱ ᏅᏓᎦᏥᏴᏁᎵ ᎠᎴ ᎤᎾᏓᏙᎵᏍᏔᏂᎯᏍᏗᏱ ᏕᏣᎳᏍᎬᎢ, ᎠᎴ ᎤᏂᎦᏙᎥᏍᏗᏱ ᎬᎨᏳᎢᏳ ᎨᏒᎢ.
مانا، شەيتاننىڭ سىناگوگىدىكىلەردىن، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان يالغانچىلارنى بولسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلارنى كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا باش ئۇرىدىغان ۋە مېنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىمنى بىلىدىغان قىلىمەن.
10 ᎾᏍᎩᏯᏃ ᎲᏂᏗᏳ ᎨᏒ ᏥᏣᏍᏆᏂᎪᏔᏅ ᎠᏆᏤᎵ ᎧᏃᎮᏛ, ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎾᏍᏉ ᎠᏴ ᏓᎬᏍᏆᏂᎪᏔᏂ ᏓᎬᏳᏓᎴᏏ ᎾᎯᏳ ᎤᏓᎪᎵᏰᏗ ᎨᏒ ᎠᏍᏆᎸᎲᎭ, ᎡᎳᏂᎬ ᎤᏂᎷᏤᏗ ᏥᎩ, ᎤᏂᎪᎵᏰᏗᏱ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎡᎶᎯ ᏣᏁᎭ.
سەن مېنىڭ سەۋر-تاقەت يولۇمدىكى سۆز-كالامىمنى ساقلاپ ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناشقا پۈتكۈل يەر يۈزىگە چۈشىدىغان ۋابالىق سىناقنىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە سېنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قوغداپ قالىمەن.
11 ᎬᏂᏳᏉ ᏞᎩᏳ ᏓᏥᎷᏥ; ᎠᏍᏓᏱᏳ ᏕᏣᏂᏴᏎᏍᏗ ᎾᏍᎩ ᏣᎲᎢ, ᎾᏍᎩ ᎩᎶ ᎨᏣᎾᎡᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎠᎵᏍᏚᎶ ᏣᏤᎵᎦ.
مەن پات ئارىدا كېلىمەن. تاجىڭنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ تۇتقىن.
12 ᎩᎶ ᎠᏓᏎᎪᎩᏍᎨᏍᏗ ᎦᎫᏍᏛᏗ ᏅᏓᏥᏴᏁᎵ ᏗᎦᎳᏫᎢᏍᏗᏱ ᎠᏆᏁᎳᏅᎯ ᎤᏤᎵᎦ, ᎥᏝᏃ ᎿᎭᏉ ᎢᎸᎯᏳ ᎤᏄᎪᎢᏍᏗ ᏱᎨᏎᏍᏗ; ᎠᎴ ᏓᏥᏲᏪᎶᏔᏂ ᏚᏙᎥ ᎠᏆᏁᎳᏅᎯ, ᎠᎴ ᏚᏙᎥ ᎦᏚᎲ ᎠᏆᏁᎳᏅᎯ ᎤᏤᎵᎦ, ᎾᏍᎩ ᎢᏤ ᏥᎷᏏᎵᎻ ᏥᎩ, ᎾᏍᎩ ᎦᎸᎶᎢ ᎤᏁᎳᏅᎯᏱ ᏣᏗᏓᎴᎲᏍᎦ; ᎠᎴ ᏓᏥᏲᏪᎶᏔᏂ ᎢᏤ ᏓᏆᏙᎥᎢ.
غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن ــ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.
13 ᎩᎶ ᎦᎵᎷᎨᏍᏗ ᏩᏛᎬᎦ ᎠᏓᏅᏙ ᏂᏕᎦᏪᏎᎲ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᏚᎾᏓᏡᏩᏗᏒᎢ.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»
14 ᎴᎣᏗᏏᏰᏃ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᎤᎾᏓᏡᎬ ᏗᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᏫᏲᏪᎳᏏ; ᎯᎠ ᎾᏍᎩ ᏫᏂᏪᏏ ᎠᏗᎭ ᎾᏍᎩ ᎡᎺᏅ ᏥᏚᏙᎥ, ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏄᏓᎵᏓᏍᏛᎾ ᎠᎴ ᎤᏙᎯᏳᎯᏯ ᎧᏃᎮᏍᎩ ᏥᎩ, ᏗᏓᎴᏅᏗᏍᎩ ᎤᏬᏢᏅᏅ ᎤᏁᎳᏅᎯ.
ــ لائودىكىيادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ھەقىقىي گۇۋاھچى، خۇدانىڭ كائىنىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبچىسى مۇنداق دەيدۇ:
15 ᏥᎦᏔᎭ ᏄᏍᏛ ᏕᏣᎸᏫᏍᏓᏁᎲᎢ, ᎾᏍᎩ ᏂᏣᏴᏢᎾ ᎠᎴ ᏂᏣᏗᎴᎬᎾ ᎨᏒᎢ; ᎤᏟ ᏱᏥᏰᎸᎾ ᏱᏣᏴᏜᏓᎠᎴ ᏱᏣᏗᎴᎦᏉ.
سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى بىلىمەنكى، سەن سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزىقمۇ ئەمەس. مەن سېنىڭ يا سوغۇق، يا قىزىق بولۇشۇڭنى خالايتتىم!
16 ᎾᏍᎩᏃ ᏥᏣᎦᎾᏩᏉ, ᏂᏣᏴᏢᎾ ᎠᎴ ᏂᏣᏗᎴᎬᎾ ᏥᎩ, ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᏓᎬᏯᎵᎦᏍᏔᏂ ᏥᎣᎵ ᏓᎬᏄᎪᏫᏏ.
سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن.
17 ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᎭ ᎯᎠ ᏥᏂᏪᎭ, ᎠᏇᎿᎭᎠ, ᎠᎴ ᎠᏇᏅᏨ, ᎠᎴ ᎥᏝ ᎪᎱᏍᏗ ᏯᎩᏂᎬᏎᎭ; ᏂᎦᏔᎲᎾᏃ ᎢᎩ ᎤᏲ ᏂᏣᏛᎿᎭᏕᎬᎢ, ᎠᎴ ᎤᏪᏙᎵᏍᏗ ᏂᏣᏛᎿᎭᏕᎬᎢ, ᎠᎴ ᎪᎱᏍᏗ ᏂᏣᎲᎾ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᏘᎨᏫ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᏣᏰᎸᎭ ᎨᏒᎢ,
سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە،
18 ᎬᏂᏤᎭ ᏍᎩᏩᎯᏎᏗᏱ ᎠᏕᎸ ᏓᎶᏂᎨ ᎠᏥᎸᏱ ᎬᏔᏅᎯ, ᎾᏍᎩ ᎤᏙᎯᏳᎯ ᏤᏅᎢᏍᏗᏱ; ᎠᎴ ᎤᏁᎬ ᎠᏄᏬ ᏣᏄᏬᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎤᏕᎰᎯᏍᏗ ᏣᏲᏓᎦ ᎨᏒ ᎬᏂᎨᏒ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᏂᎨᏒᎾ; ᎠᎴ ᏘᎦᏙᎵ ᏗᏣᎶᏁᏙᏗᏱ ᏗᎦᏔ-ᏗᎦᎶᏁᏗ, ᎾᏍᎩ ᎨᏣᎪᏩᏛᏗ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ.
باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن.
19 ᎾᏂᎥ ᎦᏥᎨᏳᎢ ᎨᏒ ᏕᏥᎬᏍᎪᎸᎥᏍᎪ ᎠᎴ ᏕᏥᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎪᎢ; ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎤᎵᏂᎩᏛ ᎭᏓᏅᏓᏓ ᎯᏁᏟᏴᎾ ᏣᏓᏅᏛᎢ.
مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل.
20 ᎬᏂᏳᏉ ᏥᏙᎦ ᎦᎶᎯᏍᏗᏱ ᎠᎴ ᎬᏂᎭ; ᎩᎶ ᎠᏛᎩᏍᎨᏍᏗ ᏥᏁᎬ ᎠᎴ ᎠᏍᏚᎢᏍᎨᏍᏗ ᎦᎶᎯᏍᏗᏱ, ᏓᏥᏴᎵ ᎠᏯᎥᎢ, ᎠᎴ ᏓᎦᎵᏍᏓᏴᏂ ᎠᎵᏍᏓᏴᎲᏍᎬᎢ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏛᎵᏍᏓᏴᏂ ᎦᎵᏍᏓᏴᎲᏍᎬᎢ.
مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ.
21 ᎩᎶ ᎠᏓᏎᎪᎩᏍᎨᏍᏗ ᏓᏥᏯᎵᎪᎸᏓᏁᎵ ᎤᏪᏗᏱ ᎠᏉᎸᎢ ᎠᏆᏤᎵ ᎦᏍᎩᎸᎢ, ᎾᏍᎩᏯ ᏣᏆᏓᏎᎪᎩᏒ ᎠᎴ ᏣᎩᏅ ᎡᏙᏓ ᎤᏬᎸ ᎾᏍᎩ ᎤᏪᏍᎩᎸᎢ.
غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن.
22 ᎩᎶ ᎦᎵᎷᎨᏍᏗ ᏩᏛᎬᎦ ᎠᏓᏅᏙ ᏂᏕᎦᏪᏎᎲ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᏚᎾᏓᏡᏩᏗᏒᎢ.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

< ᏣᏂ ᏄᏍᏛ ᎠᏥᎾᏄᎪᏫᏎᎸᎢ 3 >