< ᎣᏍᏛ ᎧᏃᎮᏛ ᎹᏚ ᎤᏬᏪᎳᏅᎯ 5 >

1 ᎤᏂᏣᏘᏃ ᏫᏚᎪᎲ ᎤᏌᎯᎸ ᎤᎿᎭᎷᏎᎢ, ᎤᏪᏅᏃ ᎬᏩᏍᏓᏩᏗᏙᎯ ᎬᏩᎷᏤᎴᎢ.
مۇشۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇ بىر تاغقا چىقتى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىدا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
2 ᎠᎰᎵᏃ ᎤᏍᏚᎢᏒ ᏚᏪᏲᏁ ᎯᎠ ᏄᏪᏎᎢ;
ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ــ
3 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᏲ ᎢᏳᎾᏛᎿᎭᏕᎩ ᏚᎾᏓᏅᏛᎢ; ᎤᎾᏤᎵᏰᏃ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒᎢ.
مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر.
4 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᏲ ᎤᎾᏓᏅᏔᏩᏕᎩ, ᏛᎨᏥᏄᏬᎯᏍᏔᏂᏰᏃ.
مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ.
5 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᎾᏓᏅᏘ, ᎦᏙᎯᏰᏃ ᎤᎾᏤᎵ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗ.
مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر.
6 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᏂᏲᏏᏍᎩ ᎠᎴ ᎤᏂᏔᏕᎩᏍᎩ ᎤᎾᏓᏅᏘ ᎢᏳᎾᎵᏍᏙᏗᏱ; ᏛᎨᏥᎧᎵᎵᏰᏃ.
مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ.
7 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᎾᏓᏙᎵᏣᏘ, ᏛᎨᏥᏙᎵᏥᏰᏃ.
مۇبارەك، رەھىمدىللار! چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ.
8 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᏧᏓᏅᎦᎸᏛ ᏧᏂᎾᏫ, ᎤᏁᎳᏅᎯᏰᏃ ᎤᏂᎪᏩᏛᏗ;
مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ.
9 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎠᏃᎯᏍᏗᏍᎩ, ᎤᏁᎳᏅᎯᏰᏃ ᏧᏪᏥ ᏛᎨᎪᏎᎵ.
مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
10 ᎣᏏᏳ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᏲ ᎢᎨᎬᎾᏕᎩ ᏚᏳᎪᏛ ᎨᏒ ᎤᏂᏍᏛᏗᏍᎩ, ᎤᎾᏤᎵᏰᏃ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒᎢ.
مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر.
11 ᎣᏏᏳ ᎢᏣᎵᏍᏓᏁᏗ ᎢᏳᏃ ᏴᏫ ᎤᏐᏅ ᏂᎨᏥᏪᏎᎮᏍᏗ ᎠᎴ ᎤᏲ ᏂᎨᏨᏁᎮᏍᏗ, ᎠᎴ ᏂᎦᎥ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᎤᏐᏅ ᎦᏰᎪᎩ ᎨᏥᏃᎮᏍᎨᏍᏗ ᎠᏴ ᎨᏒ ᎢᏥᏍᏛᏗᏍᎨᏍᏗ.
مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛
12 ᎢᏣᎵᎮᎵᎨᏍᏗ ᎠᎴ ᎤᏣᏔᏅᎯ ᎣᏍᏛ ᎢᏣᏓᏅᏖᏍᏗ, ᎤᏣᏘᏰᏃ ᎡᏣᎫᏴᎡᏗ ᎦᎸᎳᏗ; ᎾᏍᎩᏯᏰᏃ ᎤᏥ ᏂᏚᏅᏁᎸᎩ ᎠᎾᏙᎴᎰᏍᎩ ᎢᎬᏱ ᏥᏂᎨᏤᏅᎡᎸ.
شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.
13 ᏂᎯ ᎠᎹ ᎡᎶᎯ ᎤᏤᎵᎦ; ᎢᏳᏍᎩᏂ ᎠᎹ ᏳᏥᏍᎪᎸ ᎦᏙ ᏱᎦᎵᏍᏙᏓ ᎠᎹ ᏯᏙᏢᎾ; ᎥᏝ ᎿᎭᏉ ᎪᎱᏍᏗ ᎬᏙᏗ ᏱᎦᎩ, ᎠᏗᏅᏗᏉ ᎤᏩᏒ, ᎠᎴ ᏴᏫᏉ ᎤᎾᎳᏍᏓᎡᏗ.
سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ، تاشلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ.
14 ᏂᎯ ᎢᎦ ᎢᏣᏘᏍᏗᏍᎩ ᎡᎶᎯ. ᎦᏚᎲ ᎤᏌᎯᎸ ᏥᎦᎧᎰᎢ ᎥᏝ ᏰᎵ ᏴᎦᏰᎬᏍᎦᎸᎦ.
سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ.
15 ᎥᏝ ᎠᎴ ᏴᏫ ᎠᏂᏨᏍᏛᎦ ᎠᏨᏍᏙᏗ ᎠᏟᎶᏍᏗ ᏯᏄᏢᏗᏍᎪᎢ, ᎦᎪᏗᏱᏍᎩᏂ ᎠᏂᎧᎲᏍᎪᎢ, ᎢᎦᏃ ᎤᎾᏘᏍᏓᏁᎰ ᏂᎦᏛ ᎦᎵᏦᏕ ᎠᏂᏯᎢ.
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرگە يورۇقلۇق بېرىدۇ.
16 ᎢᎦ ᎢᏣᏘᏍᏗᏍᎬ ᏚᏂᎸᏌᏓᏕᎮᏍᏗ ᏴᏫ, ᎾᏍᎩᏃ ᎣᏍᏛ ᏕᏥᎸᏫᏍᏓᏁᎲ ᎠᏂᎪᏩᏘᏍᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᎠᏂᎸᏉᏗᏍᎨᏍᏗ ᎢᏥᏙᏓ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ.
شۇ تەرىقىدە، سىلەر نۇرۇڭلارنى ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىتىڭلاركى، ئۇلار ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن.
17 ᏞᏍᏗ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ ᎠᎴ ᎠᎾᏙᎴᎰᏍᎩ ᏚᏲᏍᏔᏂᎸ ᏱᏍᎩᏰᎵᏎᎮᏍᏗ; ᎥᏝᏍᎩᏂ ᏱᏓᎩᏲᏍᏔᏂᎸ, ᏓᎩᎧᎵᎵᎸᏍᎩᏂ.
مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم.
18 ᎤᏙᎯᏳᎯᏯᏰᏃ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ, ᎬᏂ ᎦᎸᎶᎢ ᎠᎴ ᎡᎶᎯ ᎠᏂᎶᏐᏅᎭ ᏌᏉ ᎤᏍᏗ ᎠᎴ ᏌᏉ ᏭᏍᏗᎬ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ ᎥᏝ ᏴᎦᎶᎯ ᎬᏂ ᏂᎦᏗᏳ ᎠᎧᎵᏨᎭ.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.
19 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎩᎶ ᎠᏲᏍᏗᏍᎨᏍᏗ ᏌᏉ ᎯᎠ ᎤᏍᏗᎧᏂ ᎤᎵᏁᏨᎢ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏄᏍᏕᏍᏗ ᏴᏫ ᏕᎨᏲᎲᏍᎨᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎤᏍᏗᎧᏂ ᎠᎪᏎᎮᏍᏗ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒᎢ; ᎩᎶᏍᎩᏂ ᏓᎧᎿᎭᏩᏕᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏄᏍᏕᏍᏗ ᏓᏕᏲᎲᏍᎨᏍᏗ, ᎦᎸᏉᏗᏳ ᎠᎪᏎᎮᏍᏗ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒᎢ.
شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.
20 ᎯᎠᏰᏃ ᏂᏨᏪᏎᎭ, ᎢᏨᏃ ᎾᏍᎩ ᎢᏣᏓᏅᏘ ᎨᏒ ᏂᏗᏥᎪᎾᏛᏔᏅᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ ᏗᏃᏪᎵᏍᎩ ᎠᎴ ᎠᏂᏆᎵᏏ, ᎥᏝ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒ ᏴᎨᏥᏴᎭ.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر.
21 ᎢᏣᏛᎦᏅᎯ ᎢᎩ ᎯᎠ ᏥᏂᎨᏥᏪᏎᎴ ᎡᏘ ᏣᏁᎮᎢ; ᏞᏍᏗ ᏣᏓᎸᎩ; ᎠᎴ ᎩᎶ ᎠᏓᎯᎮᏍᏗ ᎬᏩᏍᏛᏗᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ ᏗᏄᎪᏗᏍᎩᏱ.
بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر.
22 ᎠᏎᏃ ᎠᏴ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ; ᎩᎶ ᏗᎾᏓᏅᏟ ᎠᏍᎦᎨᏍᏗ ᎪᎱᏍᏗ ᏄᏍᏛᏗᏍᎬᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎬᏩᏍᏛᏗᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ ᏗᏄᎪᏗᏍᎩᏱ; ᎩᎶᏃ ᏗᎾᏓᏅᏟ ᏂᏣᏓᏅᏛᎾ ᎢᎪᏎᎮᏍᏗ, ᏕᎦᎳᏫᎥ ᎬᏩᏍᏛᏗᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ; ᎩᎶᏃ ᏣᏁᎫ ᎢᎪᏎᎮᏍᏗ, ᎬᏩᏍᏛᏗᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ ᏨᏍᎩᏃ ᎠᏥᎸᏱ. (Geenna g1067)
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. (Geenna g1067)
23 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎢᏳᏃ ᎠᏥᎸᎨᎳᏍᏗᏱ ᎯᏲᎯᎮᏍᏗ ᏣᏓᏁᏗ, ᎾᎿᎭᏃ ᎢᎭᏅᏓᏗᏍᎨᏍᏗ ᏗᏍᏓᏓᏅᏟ ᎪᎱᏍᏗ ᏤᎵᏎᎲᎢ,
شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ [خۇداغا] ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە،
24 ᎾᎿᎭᎠᏥᎸ-ᎨᎳᏍᏗᏱ ᎯᎯᏯᏍᎨᏍᏗ ᏣᏓᏁᏗ ᎠᎴ ᎭᏓᏅᏍᎨᏍᏗ, ᎢᎬᏱ ᎣᏍᏛ ᏂᏍᏛᏁᎮᏍᏗ ᏗᏍᏓᏓᏅᏟ; ᎩᎳᏃ ᎯᎷᎨᏍᏗ ᎭᎵᏍᎪᎸᏗᏍᎨᏍᏗ ᏣᏓᏁᏗ.
ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا.
25 ᏄᎳᏉ ᎣᏍᏛ ᏂᏍᏛ ᏣᏱᎵᏙᎯ, ᎠᏏᏉ ᎢᏍᏓᎢᏒᎢ, ᏗᎫᎪᏗᏍᎩᏱᎾᏏ ᏫᏱᏣᎧᎲᎦ ᏣᏱᎵᏙᎯ, ᏗᎫᎪᏗᏍᎩᏃ ᏗᏓᏂᏱᏍᎩᏱ ᏫᏱᏣᎧᎲᎦ, ᎠᎴ ᏗᏓᏍᏚᏗᏱ ᏱᏪᏣᏴᏓ.
ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن.
26 ᎤᏙᎯᏳᎯᏯ ᎯᎠ ᏂᎬᏪᏎᎭ, ᎥᏝ ᏴᏛᎦᎯᏄᎪᎢ, ᎬᏂ ᎤᎵᏍᏆᎸᏗ ᎠᏰᎵᎢᏯᏓᏅᏖᏗ ᎭᎫᏴᎲᎭ.
مەن ساڭا شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن چىقالمايسەن.
27 ᎢᏣᏛᎦᏅᎯ ᎢᎩ ᎯᎠ ᏥᏂᎨᏥᏪᏎᎴ ᎡᏘ ᏣᏁᎮᎢ; ᏞᏍᏗ ᏣᏓᏲᏁᎸᎩ.
سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر.
28 ᎠᏎᏃ ᎠᏴ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ; ᎩᎶ ᎠᎨᏴ ᏓᎧᏂᏍᎨᏍᏗ ᏧᎾᏂᏏᏗᏱ ᎤᏚᎵᏍᎨᏍᏗ, ᎦᏳᎳ ᎤᏓᏲᏁᎸᎯ ᎨᏎᏍᏗ ᏧᏓᏅᏛᎢ.
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي نىيەت بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن ئاللىقاچان زىنا قىلغان بولىدۇ.
29 ᎢᏳᏃ ᎯᎦᏙᎵ ᎯᎦᏘᏏ ᏕᏦᏕᏍᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎭᏓᎦᏖᏙᎢᏍᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᏣᏕᎨᏍᏗ; ᎣᏏᏳᏰᏃ ᎢᏣᎵᏍᏓᏁᏗ ᏌᏉᏉ ᏣᎵᎬᎭᎸᏛ ᏱᏣᏲᎱᏎᎭ, ᎠᏃ ᎤᏃᏍᏛ ᎯᏰᎸ ᏨᏍᎩᏃ ᏫᏰᏣᏓᎢᏁᎭ. (Geenna g1067)
ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna g1067)
30 ᎢᏳᏃ ᏦᏰᏂ ᎯᎦᏘᏏ ᏕᏦᏕᏍᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎯᏍᏆᎵᏍᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᏣᏕᎨᏍᏗ; ᎣᏏᏳᏰᏃ ᎢᏣᎵᏍᏓᏁᏗ ᏌᏉᏉ ᏣᎵᎬᎭᎸᏛ ᏱᏣᏲᎱᏎᎭ, ᎠᏃ ᎤᏃᏍᏛ ᎯᏰᎸ ᏨᏍᎩᏃ ᏫᏰᏣᏓᎢᏁᎭ. (Geenna g1067)
ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna g1067)
31 ᎯᎠ ᎢᎦᏪᏛ ᎢᎩ; ᎩᎶ ᎤᏓᎵᎢ ᎢᎦᎧᎲᏍᎨᏍᏗ, ᎦᏅᏁᎮᏍᏗ ᎪᏪᎵ ᎾᏍᎩ ᏚᎾᎦᎴᏅᎲᎢ.
يەنە: ــ «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان.
32 ᎠᏎᏃ ᎠᏴ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ; ᎩᎶ ᎤᏓᎵᎢ ᎢᎦᎧᎲᏍᎨᏍᏗ, ᏧᏂᏏᏅᎯᏍᎩᏂᏃᏅ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎤᏓᏲᏁᏗᏱᏉ ᏂᎬᏂᏌᏁᎮᏍᏗ; ᎩᎶᏃ ᎠᏥᎧᏅᎯ ᎠᏓᏰᎨᏍᏗ ᎠᏓᏲᏁᎮᏍᏗ.
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا [ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ] ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.
33 ᎠᎴ ᎢᏣᏛᎦᏅᎯ ᎢᎩ ᎯᎠ ᏥᏂᎨᏥᏪᏎᎴ ᎡᏘ ᏣᏁᎮᎢ; ᏞᏍᏗ ᏣᏲᏍᏔᏅ ᏣᏎᎵᏔᏅᎢ, ᏱᎰᏩᏍᎩᏂ ᏂᏯᏛᏁᎮᏍᏗ ᏄᏍᏛ ᏣᏁᏨᎢ.
سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر.
34 ᎠᏎᏃ ᎠᏴ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ; ᏞᏍᏗ ᏱᏣᏎᎵᏔᏁᏍᏗ ᏱᏣᏁᎢᏍᏔᏁᏍᏗ ᎪᎱᏍᏗ, ᏞᏍᏗ ᎦᎸᎳᏗ ᏱᏣᏁᎢᏍᏔᏁᏍᏗ, ᎤᏁᎳᏅᎯᏰᏃ ᎤᏪᏗᏱ ᎾᏍᎩ;
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛
35 ᏞᏍᏗ ᎠᎴ ᎡᎶᎯ, ᏧᎳᏏᏗᏱᏰᏃ ᎾᏍᎩ; ᎠᎴ ᏥᎷᏏᎵᎻ, ᎾᏍᎩᏰᏃ ᎠᏥᎸᏉᏗ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎤᏤᎵ ᎦᏚᎲᎢ;
ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر.
36 ᏞᏍᏗ ᎠᎴ ᎯᏍᎪᎵ ᏱᏣᏁᎢᏍᏔᏁᏍᏗ, ᏝᏰᏃ ᏰᎵ ᏌᏉ ᎩᏢ ᎤᏁᎬ ᎠᎴ ᎬᎿᎭᎨ ᏱᏅᎦᎲᎦ.
ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ.
37 ᎢᏥᏁᎬᏍᎩᏂ ᎯᎠ ᏄᏍᏕᏍᏗ, ᎥᎥ, ᎥᎥ; ᎥᏝ, ᎥᏝ; ᎤᏟᏰᏃ ᏥᏂᎦᎣ ᎤᏲᏉ ᎨᏒ ᏗᏓᎴᏂᏍᎪᎢ.
پەقەت دېگىنىڭلار «بولىدۇ»، «بولىدۇ»، ياكى «ياق، ياق، بولمايدۇ» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ.
38 ᎢᏣᏛᎦᏅᎯ ᎢᎩ ᎯᎠ ᎢᎦᏪᏛ ᎨᏒᎢ, ᎠᎦᏔ ᎠᎦᏔᏉ ᏓᎬᏩᎸᏍᎨᏍᏗ, ᎧᏳᎦᏃ ᎧᏳᎦᏉ ᏓᎬᏩᎸᏍᎨᏍᏗ.
سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغىنىنى ئاڭلىغانسىلەر.
39 ᎠᏎᏃ ᎠᏴ ᎯᎠ ᏂᏣᏪᏎᎭ; ᏞᏍᏗ ᏱᏣᏞᎨᏍᏗ ᎤᏐᏅ ᏁᏨᏁᎸᎢ; ᎩᎶᏍᎩᏂ ᎯᎦᏘᏏ ᏣᎪᏇᎷᎲᏍᎨᏍᏗ, ᏐᎢ ᎾᏍᏉ ᎯᏯᎵᏍᎪᎸᏓᏁᎮᏍᏗ.
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛
40 ᎩᎶᏃ ᎤᏚᎵᏍᎨᏍᏗ ᏣᏱᎵᏓᏍᏗᏱ, ᎠᎴ ᏣᎾᎡᏗᏱ ᎭᏫᏂ ᏣᏄᏬ, ᎤᏛᏃᎯ ᎾᏍᏉ ᎯᏅᏁᎮᏍᏗ.
ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر.
41 ᎩᎶᏃ ᏑᏟᎶᏛ ᎢᏍᏕᏅᏍᏗᏱ ᏂᏨᏁᎮᏍᏗ, ᏔᎵ ᎢᏳᏟᎶᏛ ᎢᏍᏕᎨᏍᏗ.
بىرسى ساڭا [يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ] مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ.
42 ᏣᏔᏲᏎᎯ ᎯᏁᎮᏍᏗ, ᏣᏙᎸᎡᏗᏱᏃ ᎤᏚᎵᏍᎩ ᏞᏍᏗ ᎢᏴᏛ ᎢᎯᏯᏛᏁᎸᎩ.
بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما.
43 ᎢᏣᏛᎦᏅᎯ ᎢᎩ ᎯᎠ ᎢᎦᏪᏛ ᎨᏒᎢ; ᎯᎨᏳᏎᏍᏗ ᎾᎥ ᎢᏗᏍᏓᏓᎳ, ᎯᏍᎦᎨᏍᏗᏃ ᏣᏍᎦᎩ.
سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان.
44 ᎠᏎᏃ ᎠᏴ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ; ᏕᏥᎨᏳᏎᏍᏗ ᎨᏥᏍᎦᎩ; ᎣᏍᏛ ᏕᏥᏁᏤᎮᏍᏗ ᎨᏥᏍᎩᏅᏗᏍᎩ, ᎣᏍᏛ ᏂᏕᏣᏛᏁᎮᏍᏗ ᎨᏥᏂᏆᏘᎯ, ᎠᎴ ᎣᏍᏛ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᏗᏱ ᎢᏣᏓᏙᎵᏍᏗᏍᎨᏍᏗ ᎦᏰᎪᎩ ᎨᏥᏃᎮᏍᎩ ᎠᎴ ᎤᏲ ᎢᎨᏨᏁᎯ.
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.
45 ᎾᏍᎩᏃ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎢᏥᏙᏓ ᏧᏪᏥ ᏂᏣᎵᏍᏗᏍᎨᏍᏗ; ᎾᏍᎩᏰᏃ ᎤᏤᎵ ᏅᏙ ᏕᎦᎾᏄᎪᏫᏎᎰ ᎤᏂᏲ ᎠᎴ ᎠᏃᏍᏛ, ᎠᎴ ᏓᎦᏅᏓᏁᎰ ᎤᎾᏓᏅᏘ ᎠᎴ ᎤᏂᏁᎫᏥᏛ.
شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.
46 ᎢᏳᏰᏃ ᏱᏗᏥᎨᏳᎭ ᎨᏥᎨᏳᎯ, ᎦᏙ ᏰᏣᎫᏴᏓᏏ? ᏝᏍᎪ ᎾᏍᎩ ᏱᎾᎾᏛᏁᎰ ᎠᏰᎵ-ᎠᏕᎸ ᎠᏂᎩᏏᏙᎯ?
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟
47 ᎢᏳ ᎠᎴ ᎢᏣᏓᏅᏟᏉ ᎤᏅᏒ ᏱᏗᏥᏲᎵᎭ, ᎦᏙ ᎢᏣᏛᏁᎲ ᏕᏥᎪᎾᏛᏗ ᎠᏂᏐᎢ? ᏝᏍᎪ ᎾᏍᎩ ᏱᎾᎾᏛᏁᎰ ᎠᏰᎵ-ᎠᏕᎸ ᎠᏂᎩᏏᏙᎯ?
ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
48 ᏂᎯᏍᎩᏂ ᏂᏥᏍᎦᏅᎾ ᎨᏎᏍᏗ ᎾᏍᎩᏯ ᎢᏥᏙᏓ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎾᏍᎦᏅᎾ ᏥᎩ.
شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار.

< ᎣᏍᏛ ᎧᏃᎮᏛ ᎹᏚ ᎤᏬᏪᎳᏅᎯ 5 >