< ᎣᏍᏛ ᎧᏃᎮᏛ ᎹᏚ ᎤᏬᏪᎳᏅᎯ 10 >

1 ᏫᏚᏯᏅᎲᏃ ᏔᎳᏚ ᎢᏯᏂᏛ ᎬᏩᏍᏓᏩᏗᏙᎯ, ᏚᏁᎸ ᎠᏂᏍᎩᎾ ᏧᏂᏄᎪᏫᏍᏗᏱ, ᎠᎴ ᏧᎾᏓᏅᏬᏗᏱ ᏂᎦᎥ ᏚᏂᏢᎬ, ᎠᎴ ᏂᎦᎥ ᎥᏳᎩ.
ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.
2 ᎯᎠᏃ ᎾᏍᎩ ᏄᏍᏗ ᏚᎾᏙᎥ ᏔᎳᏚ ᎢᏯᏂᏛ ᎨᏥᏅᏏᏛ. ᎢᎬᏱᏱ ᏌᏩᏂ ᏈᏓ ᏣᏃᏎᎰᎢ, ᎡᏂᏗᏃ ᎾᏍᎩᏉ ᎤᏅᏟ, ᏥᎻᏃ ᏤᏈᏗ ᎤᏪᏥ, ᏣᏂᏃ ᎾᏍᎩᏉ ᎤᏅᏟ.
ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا،
3 ᏈᎵᎩᏃ, ᏩᏓᎳᎻᏃ, ᏓᎻᏃ, ᎹᏚᏃ ᎠᏕᎸ ᎠᎩᏏᏙᎯ, ᏥᎻᏃ ᎡᎵᏈ ᎤᏪᏥ, ᎴᏈᏯᏃ ᏓᏗᏯ ᏣᏃᏎᎰᎢ,
فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي،
4 ᏌᏩᏂᏃ ᎠᎨᎾᏂᏗ, ᏧᏓᏏᏃ ᎢᏍᎦᎳᏗ ᎾᏍᎩ ᏥᏌ ᏧᎶᏄᎮᎸᎩ.
مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.
5 ᎾᏍᎩ ᎯᎠ ᏔᎳᏚ ᎢᏯᏂᏛ ᏥᏌ ᏚᏅᏒᎩ ᏚᏁᏤᎸᏃ ᎯᎠ ᏂᏚᏪᏎᎸᎩ; ᏧᎾᏓᎴᏅᏛ ᏴᏫ ᏗᏁᎲ ᎢᏗᏢ ᏞᏍᏗ ᏫᏥᎶᏒᎩ, ᎠᎴ ᏌᎺᎵ ᎠᏁᎯ ᏚᏂᏚᎲ ᏞᏍᏗ ᎢᏥᏴᎸᎩ
ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى [خەلقنىڭ ئارىسىغا] مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ يات ئەللىكلەرنىڭ يوللىرىغا چىقماڭلار، ياكى سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ كىرمەڭلار،
6 ᎠᏫᏍᎩᏂ ᎤᎾᎴᎾᎯᏛ ᎢᏏᎵ ᏏᏓᏁᎸ ᎨᏒ ᏗᏥᏩᏛᎱᎦ.
بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار.
7 ᎢᏣᎢᏒᏃ ᎢᏣᎵᏥᏙᎲᏍᎨᏍᏗ, ᎯᎠ ᏂᏥᏪᏍᎨᏍᏗ; ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒ ᎡᏍᎦᏂᏳ ᏓᏯᎢ.
بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار.
8 ᏧᏂᏢᎩ ᏕᏥᏅᏫᏍᎨᏍᏗ, ᎠᏓᏰᏍᎩ ᏧᏂᏢᎩ ᏕᏥᏅᎦᎵᏍᎨᏍᏗ, ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ ᏕᏣᎴᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎠᏂᏍᎩᎾ ᏕᏥᏄᎪᏫᏍᎨᏍᏗ. ᎠᏎᏉ ᎡᏥᏁᎸᎯ, ᎠᏎᏉ ᎢᏣᏓᏁᎮᏍᏗ.
ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار.
9 ᏞᏍᏗ ᏕᏣᏓᏠᎲ ᏱᏣᏓᏁᎴᏍᏗ ᏓᎶᏂᎨ ᎠᏕᎸ ᎠᎴ ᎤᏁᎬ ᎠᏕᎸ ᎠᎴ ᎥᏣᏱ,
بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار.
10 ᎠᎴ ᏕᎦᎶᏗ, ᎠᎴ ᏔᎵ ᏗᏣᏄᏬ, ᎠᎴ ᏗᎳᏑᎶ, ᎠᎴ ᏗᏙᎳᏅᏍᏗ; ᏧᎸᏫᏍᏓᏁᎯᏰᏃ ᎤᏩᏛᏗ ᎨᏐ ᎤᎵᏍᏓᏴᏗ.
سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر.
11 ᎢᎸᎯᏢᏃ ᎤᏛᎾ ᎦᏚᎲ ᎠᎴ ᎤᏍᏗ ᎦᏚᎲ ᎢᏥᎷᎨᏍᏗ, ᎢᏣᏓᏛᏛᎲᏍᎨᏍᏗ ᎩᎶ ᎡᎲ ᎤᏓᏅᏘ, ᎾᎿᎭᏃ ᎢᏥᏁᏍᏗ ᎬᏂ ᎥᏣᏂᎩ.
ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار.
12 ᎠᏓᏁᎸᏃ ᎢᏥᏴᎭ ᎢᏥᏲᎵᎮᏍᏗ.
بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار.
13 ᎢᏳᏃ ᎾᎿᎭᎠᏂᏁᎳ ᎤᏩᏙᎯᏯᏛ ᏗᎬᏩᎾᏓᏂᎸᎢᏍᏗ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎤᏩᏙᎯᏯᏛ ᎢᏣᏤᎵ ᎤᏂᎷᏤᏗ ᎨᏎᏍᏗ; ᎢᏳᏃ ᏗᎬᏩᎾᏓᏂᎸᎢᏍᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᏅᏩᏙᎯᏯᏛ ᎢᏨᏒᏉ ᎢᏥᎷᏤᏗ ᎢᎨᏎᏍᏗ.
ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر [ھۆرمەتكە] لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن.
14 ᎢᏳᏃ ᎩᎶ ᏂᏗᏣᏓᏂᎸᎬᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎠᎴ ᎢᏥᏁᎬ ᎾᏛᎩᏍᎬᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎾᎿᎭᎦᎵᏦᏕ ᎠᎴ ᎦᏚᎲ ᎢᏥᏄᎪᎩ, ᏕᏥᏅᎪᎥᏗᏍᎨᏍᏗ ᎦᏓ ᏗᏣᎳᏏᏕᏂ.
سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار.
15 ᎤᏙᎯᏳᎯᏯ ᎯᎠ ᏂᏨᏳᏪᏎᎭ, ᎡᏍᎦᏉ ᎢᎦᎢ ᎤᏂᎩᎵᏲᎢᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ ᏐᏓᎻ ᎠᎴ ᎪᎹᎵ, ᏗᎫᎪᏙᏗᏱ ᎢᎦ ᎨᏎᏍᏗ, ᎤᏟᎯᏳ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎦᏚᎲᎢ.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.
16 ᎬᏂᏳᏉ ᎢᏨᏅᎵ ᎠᏫ ᎤᏂᏃᏕᎾ ᏣᏁᎳᏗᏙᎰ ᏩᏲᎯ ᎾᏍᎩᏯᎢ; ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎢᎾᏛ ᎢᎨᏥᏏᎾᏌᏂ ᎨᏌᏍᏗ, ᎠᎴ ᎫᎴ-ᏗᏂᏍᎪᏂᎯ ᎢᎨᏣᏓᏅᏘ ᎨᏎᏍᏗ.
مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار.
17 ᏕᏤᏯᏙᏤᎮᏍᏗ ᎠᏗᎾ ᏴᏫ, ᏕᎦᎳᏫᎥᏰᏃ ᏙᏓᎨᏣᏘᏃᎵ, ᏧᏂᎳᏫᎢᏍᏗᏱᏃ ᏙᏓᎨᏥᎵᎥᏂᎵ.
ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ.
18 ᎠᎴ ᎠᏴ ᎨᏒ ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎨᏍᏗ ᏄᏂᎬᏫᏳᏌᏕᎩ ᎠᎴ ᎤᏂᎬᏫᏳᎯ ᏚᏃᎸ ᎢᎬᏱᏗᏢ ᏕᏣᏘᏃᎯᎮᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎤᏅᏒ ᎠᎴ ᏧᎾᏓᎴᏅᏛ ᏴᏫ ᎤᎾᏙᎴᎰᎯᏍᏙᏗ.
ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر.
19 ᎠᏎᏃ ᎿᎭᏉ ᏕᎨᏣᏘᏃᎯᎮᏍᏗ ᏞᏍᏗ ᏱᏤᎵᎯᏍᎨᏍᏗ ᎢᏳᏍᏗ ᎢᏥᏁᎢᏍᏗᏱ ᎠᎴ ᎢᏥᏪᏍᏗᏱ; ᎾᎯᏳᏉᏰᏃ ᎡᏥᏁᏗ ᎨᏎᏍᏗ ᎢᏥᏪᏍᏗᏱ.
لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.
20 ᎥᏝᏰᏃ ᏂᎯ ᏱᏥᏁᎪᎢ, ᎢᏥᏙᏓᏍᎩᏂ ᎤᏓᏅᏙ ᎧᏁᎪᎢ ᏂᎯ ᎢᏨᏗᏍᎪᎢ.
چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
21 ᎠᏍᎦᏯᏃ ᏙᏓᏳᏲᏏ ᎤᏲᎱᎯᏍᏗᏱ ᏗᎾᏓᏅᏟ, ᎠᎦᏴᎵᎨᏃ ᎤᏪᏥ ᏙᏓᏳᏲᏏ, ᎠᎴ ᎣᏂ ᏧᎾᏛᏒᎯ ᏙᏛᎾᏡᏔᏂ ᏧᏂᎦᏴᎵᎨᎢ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏅᏛᏅᏂᏌᏂ ᏗᎨᏥᎢᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ.
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ.
22 ᎠᎴ ᎾᏂᎥᏉ ᏴᏫ ᎨᏥᏍᎦᎩ ᎨᏎᏍᏗ ᎠᏴ ᏓᏆᏙᎥ ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎨᏍᏗ; ᎠᏎᏃ ᎾᏍᎩ ᎬᎵᏍᏆᏗᏍᎩ ᎠᏟᏂᎬᏁᎯ ᎠᏥᏍᏕᎸᏗ ᎨᏎᏍᏗ.
شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ.
23 ᎠᎴ ᎿᎭᏉ ᎤᏲ ᏂᎨᏨᎿᎭᏕᎨᏍᏗ ᎢᎸᎯᏢ ᎦᏚᎲᎢ, ᎢᎶᎵᏍᎨᏍᏗ ᏅᏩᎵᎴ ᏗᎦᏚᎲ ᏫᏥᎶᏍᎨᏍᏗ. ᎤᏙᎯᏳᎯᏯᏰᏃ ᎯᎠ ᏂᏨᏪᏎᎭ, ᎥᏝ ᎢᏏᎵᏱ ᏕᎦᏚᎲᎢ ᏱᎨᏤᏙᏁᏍᏗ ᎿᎭᏉ ᏴᏫ ᎤᏪᏥ ᏓᎦᎷᏥ.
ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش [ۋەزىپىڭلار] تۈگىمەيدۇ.
24 ᏗᏕᎶᏆᏍᎩ ᎥᏝ ᎤᏟ ᏱᎾᏥᎸᏉᏙᎢ ᎡᏍᎦᏉ ᏧᏪᏲᎲᏍᎩ, ᎠᎴ ᎠᏥᏅᏏᏓᏍᏗ ᎥᏝ ᎤᏟ ᏱᎾᏥᎸᏉᏙᎢ ᏒᏍᎦᏉ ᎤᏅᏏᏙᎯ.
مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.
25 ᏰᎵᏉᏰᏃ ᏗᏕᎶᏆᏍᎩ ᏧᏪᏲᎲᏍᎩ ᎢᏧᎳᎭᏉ ᏱᎩ, ᎠᎴ ᎠᏥᏅᏏᏓᏍᏗ ᎤᏅᏏᏙᎯ ᎢᏧᎳᎭᏉ ᏱᎩ. ᎢᏳᏰᏃ ᏧᏓᏘᎿᎭᎢ ᎠᏓᏁᎸ ᏇᎵᏥᏆ ᏳᏃᏎᎸ, ᎤᏟ ᎠᎯᏗᏳ ᎾᏍᎩ ᎢᏧᏂᏪᏎᏗᏱ ᏚᏓᏘᎿᎭᎥᎢ.
مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟
26 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᏞᏍᏗ ᏱᏗᏥᏍᎦᎢᎮᏍᏗ. ᎥᏝᏰᏃ ᎪᎱᏍᏗ ᏱᎬᏍᎦᎳ ᎾᏍᎩ ᎬᏂᎨᏒ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒᎢ, ᎥᏝ ᎠᎴ ᎪᎱᏍᏗ ᎤᏕᎵᏛ ᏱᎩ ᎾᏍᎩ ᎠᏙᎴᎰᎯᏍᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒᎢ.
شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ.
27 ᎤᎵᏏᎬ ᎢᏨᏁᏤᎸᎢ ᎢᎦᎦᏛ ᎢᏥ ᏁᎨᏍᏗ; ᎡᏣᏙᏅᎡᎸᏃ ᎨᏒ ᎦᏌᎾᎵ ᎢᏣᎵᏥᏙᎲᏍᎨᏍᏗ.
مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار.
28 ᎠᎴ ᏞᏍᏗ ᏱᏗᏥᏍᎦᎢᎮᏍᏗ ᎠᏰᎸᎢ ᎠᏂᎯᎯ, ᎠᏎᏃ ᎠᏓᏅᏙ ᎬᏩᏂᎯᏍᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᏥᎩ. ᎤᎬᏫᏳᏎᏍᏗᏍᎩᏂ ᎡᏥᏍᎦᎢᎮᏍᏗ ᎾᏍᎩ ᏗᎬᏩᎯᏍᏗ ᏥᎩ ᎠᏰᎸᎢ ᎠᎴ ᎠᏓᏅᏙ ᎢᏧᎳ ᏨᏍᎩᏃᎢ. (Geenna g1067)
تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. (Geenna g1067)
29 ᏝᏍᎪ ᎠᏂᏔᎵ ᏥᏍᏆᏯ ᏌᏉ ᎢᏯᏓᏅᏖᏗ ᏧᎾᎬᏩᎶᏗ ᏱᎩ, ᎠᏎᏃ ᎥᏝ ᏌᏉ ᎡᎳᏗ ᎤᏅᎢᏍᏗ ᏱᎩ ᎢᏥᏙᏓ ᎤᏓᏅᏖᎸᎯ ᏂᎨᏒᎾ.
ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ.
30 ᎾᏍᏉᏍᎩᏂ ᎢᏥᏍᏘᏰᎬ ᎢᏥᏍᎪᎵ ᏂᎦᏗᏳ ᏗᏎᎸᎯ.
ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر.
31 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᏞᏍᏗ ᏱᏥᏍᎦᎢᎮᏍᏗ; ᎤᏟᏰᏃ ᏂᎦᎥ ᏗᏣᎬᏩᎶᏗ ᏂᎯ ᎡᏍᎦᏉ ᎤᏂᏣᏘ ᏥᏍᏆᏯ.
شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر!
32 ᎩᎶᏰᏃ ᎬᏂᎨᏒ ᎾᏋᏁᎮᏍᏗ ᏴᏫ ᎠᏂᎦᏔᎲᎢ, ᎾᏍᏉ ᎠᏴ ᎾᏍᎩ ᎬᏂᎨᏒ ᎤᏓᏥᏴᏁᎵ ᎡᏙᏓ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎠᎦᏔᎲᎢ.
شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛
33 ᎩᎶᏍᎩᏂ ᎢᎠᏆᏓᏱᎮᏍᏗ ᏴᏫ ᎠᏂᎦᏔᎲᎢ, ᎾᏍᏉ ᎠᏴ ᎾᏍᎩ ᏓᏥᏯᏓᏱᎵ ᎡᏙᏓ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ ᎠᎦᏔᎲᎢ.
بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن.
34 ᏞᏍᏗ ᏙᎯᏱ ᎤᎾᏄᎪᏫᏏᎸ ᎡᎶᎯ, ᏱᏍᎩᏰᎵᏎᎮᏍᏗ; ᎥᏝᏍᎩᏂ ᏙᎯᏱ ᏯᎩᎾᏄᎪᏫᏏᎸ, ᎠᏰᎳᏍᏗᏍᎩᏂ ᎦᏅᎯᏛ.
مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم.
35 ᎠᏴᏰᏃ ᎠᎩᎷᏥᎸ, ᏗᎾᏓᏍᎦᎩ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎠᏍᎦᏯ ᎤᏙᏓᏃ, ᎠᎴ ᎠᎦᏅᎩ ᎠᎨᏴ ᎤᏥᏃ, ᎠᎴ ᎤᏓᏦᎯᏯ ᎤᏦᎯᏃ;
چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ.
36 ᎩᎶᏃ ᎤᏩᏒᏉ ᏚᏓᏘᎿᎭᎥ ᎬᏩᏍᎦᎩ ᎨᏎᏍᏗ.
شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ».
37 ᎩᎶᏃ ᎤᏟ ᏄᎨᏳᏎᏍᏗ ᎤᏙᏓ ᎠᎴ ᎤᏥ ᎡᏍᎦᏉ ᎠᏴ ᎾᎩᎨᏳᏎᏍᏗ, ᎥᏝ ᏰᎵ ᎾᏍᎩ ᎠᏴ ᎠᏆᏤᎵ ᎢᎬᏩᎵᏍᏙᏗ ᏱᎨᏎᏍᏗ. ᎩᎶᏃ ᎤᏟ ᏄᎨᏳᏎᏍᏗ ᎤᏪᏥ ᎠᏍᎦᏯ ᎠᎴ ᎤᏪᏥ ᎠᎨᏴ ᎡᏍᎦᏉ ᎠᏴ ᎾᎩᎨᏳᏎᏍᏗ, ᎥᏝ ᏰᎵ ᎾᏍᎩ ᎠᏴ ᎠᏆᏤᎵ ᎢᎬᏩᎵᏍᏙᏗ ᏱᎨᏎᏍᏗ.
ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.
38 ᎩᎶ ᎾᏱᏍᎬᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ ᎤᏤᎵ ᏧᏓᎿᎭᏩᏛ ᎠᎴ ᎾᎩᏍᏓᏩᏕᎬᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎥᏝ ᏰᎵ ᎠᏴ ᎠᏆᏤᎵ ᎢᎬᏩᎵᏍᏙᏗ ᏱᎨᏎᏍᏗ.
ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.
39 ᎩᎶᏃ ᎬᏅ ᎢᎠᏩᏘᏍᎨᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎤᏲᎱᏎᏗ ᎨᏎᏍᏗ; ᎩᎶᏃ ᎢᎤᏲᎱᏎᎮᏍᏗ ᎬᏅ ᎠᏴ ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎤᏩᏛᏗ ᎨᏎᏍᏗ.
ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
40 ᎩᎶᏃ ᏕᏣᏓᏂᎸᎨᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎠᏴ ᏓᏆᏓᏂᎸᎨᏍᏗ; ᎩᎶᏃ ᎠᏴ ᏓᏆᏓᏂᎸᎨᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᏓᏓᏂᎸᎨᏍᏗ ᏅᏛᎩᏅᏒᎯ
سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
41 ᎩᎶᏃ ᏓᏓᏂᎸᎨᏍᏗ ᎠᏙᎴᎰᏍᎩ ᎠᏙᎴᎰᏍᎩ ᎨᏒ ᎤᏗᎦᎵᏍᏙᏗᎨᏍᏗ, ᎠᏙᎴᎰᏍᎩ ᎠᎦᎫᏴᏓᏁᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ ᎠᎦᎫᏴᏓᏁᎮᏍᏗ; ᎩᎶᏃ ᏓᏓᏂᎸᎨᏍᏗ ᎤᏓᏅᏘ ᎠᏍᎦᏯ ᎤᏓᏅᏘ ᎨᏒ ᎤᏗᎦᎵᏍᏙ ᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎤᏓᏅᏘ ᎠᏍᎦᏯ ᎠᎦᎫᏴᏓᏁᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ ᎠᎦᎫᏴᏓᏁᎮᏍᏗ.
بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ.
42 ᎩᎶᏃ ᏌᏉ ᎯᎠ ᏧᎾᏍᏗ ᎨᏒᎢ ᎤᎵᏍᏈᏗᏉ ᎠᎧᎵᎢ ᎤᏴᏜᏓᎠᎹ ᎠᎱᎥᏍᎨᏍᏗ ᎠᎩᏍᏓᏩᏗᏙᎯ ᎨᏒ ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎤᏙᎯᏳᎯᏯ ᏂᏨᏪᏎᎭ, ᎥᏝ ᎾᏍᎩ ᎤᏲᎱᏎᏗ ᏱᎨᏎᏍᏗ ᎠᎦᎫᏴᎡᏗ ᎨᏒᎢ.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ.

< ᎣᏍᏛ ᎧᏃᎮᏛ ᎹᏚ ᎤᏬᏪᎳᏅᎯ 10 >