< ᏉᎳ ᎠᏂᏈᎷ ᏧᏬᏪᎳᏁᎸᎯ 2 >

1 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎤᏟ ᎢᎦᎢ ᎢᎦᎦᏌᏯᏍᏙᏗ ᏱᏂᎦᎵᏍᏓ ᏄᏍᏛ ᎢᎦᏛᎦᏅᎢ, ᎾᏍᎩ ᎢᎸᎯᏳ ᏗᎬᏍᎦᎶᎢᏍᏗᏱ ᏂᎨᏒᎾ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ.
بۇ سەۋەبتىن، ئاللىقانداق يول بىلەن [ھەقىقىي يولدىن] تېيىلىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار قىلىشىمىز لازىم.
2 ᎢᏳᏰᏃ ᎧᏃᎮᏛ ᏗᏂᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᎬᏂᎨᏒ ᎢᏳᏅᏁᎸᎯ ᎨᏒ ᎤᎵᏂᎩᏗᏳ ᏱᎩ, ᎠᎴ ᏄᏓᎴᏒ ᎠᏍᎦᏅᏨᎯ ᎨᏒ ᎠᎴ ᏄᏃᎯᏳᏒᎾ ᎨᏒ ᏚᏳᎪᏛ ᎨᏥᏍᏛᏗᏔᏅᎯ ᏱᎩ;
چۈنكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆز-كالامنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەربىر بويسۇنماسلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىش تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان يەردە،
3 ᎦᏙ ᏱᎦᎵᏍᏙᏓ ᏱᏓᏚᏓᎳᎩ, ᎢᏳᏃ ᏂᎦᎦᏌᏯᏍᏔᏅᎾ ᏱᎩ ᎾᏍᎩ ᎢᎦᎸᏉᏗ ᎠᎵᏍᏕᎸᏙᏗ; ᎾᏍᎩ ᎢᎬᏱ ᏧᎴᏅᎲ ᏧᏃᎮᎴ ᎤᎬᏫᏳᎯ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎠᏴ ᏥᎨᎩᏍᏓᏱᏕᎸᎩ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎬᏩᏛᎦᏁᎸᎯ;
شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇش-نىجاتقا ئېتىبار بەرمىسەك، بىز قانداقمۇ [جازادىن] قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! چۈنكى بۇ نىجاتنىڭ خەۋىرى دەسلەپتە رەب ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان، ھەم ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلارمۇ بىزگە تەستىقلىغان؛
4 ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎾᏍᏉ ᏕᎪᎯᏳᏓᏁᎲᎩ, ᏕᎬᏗᏍᎬᎩ ᎤᏰᎸᏛ ᎠᎴ ᎤᏍᏆᏂᎪᏗ, ᎠᎴ ᎤᏍᏆᏂᎪᏗ ᏗᎦᎸᏫᏍᏓᏁᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎦᎸᏉᏗᏳ ᎠᏓᏅᏙ ᎤᏓᏁᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩᏯ ᎤᏩᏒ ᎣᏏᏳ ᎤᏰᎸᏗ ᎨᏒᎢ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن.
5 ᏗᏂᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯᏰᏃ ᎥᏝ ᏄᏂᎬᏫᏳᏌᏕᎩ ᏱᏂᏚᏩᏁᎸ ᎾᏍᎩ ᎾᎿᎭᎡᎶᎯ ᎤᎵᏰᎢᎶᎯᏍᏗ ᏥᎨᏒᎩ, ᎾᏍᎩ ᏥᏗᏁᎢᏍᏗᎭ.
بىز دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق؛
6 ᎠᏏᏴᏫᏍᎩᏂ ᎢᎸᎯᏢ ᎤᏁᏤ, ᎯᎠ ᏄᏪᏎᎢ, ᎦᏙ ᏴᏫ ᎾᏍᎩ ᏥᏯᏓᏅᏖᏍᎪᎢ? ᎠᎴ ᏴᏫ ᎤᏪᏥ, ᎾᏍᎩ ᏥᏯᎦᏔᏂᎯᎰᎢ?
بەلكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] بىر يېرىدە بىرەيلەن مۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەندۇر: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسان دېگەن نېمىدى، سەن ئۇنى سېغىنىدىكەنسەن؟ ئادەم بالىسى نېمىدى، سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن؟
7 ᎤᏍᏗᎩᏛᏉᏰᏃ ᎡᏍᎦ ᏂᏴᏁᎸ ᏂᎩᏴᏁᎸ ᏗᏂᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ; ᏗᎬᏩᎸᏌᏓ ᎠᎴ ᎦᎸᏉᏗᏳ ᎨᏒ ᎯᏍᏚᎶᏔᏅ, ᎠᎴ ᎤᎬᏫᏳᏌᏕᎩ ᏂᏴᏁᎸ ᎪᎱᏍᏗ ᏦᏢᏅᏅᎯ ᎨᏒᎢ.
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ كىيدۈردۈڭسەن؛ ئۇنى قولۇڭ ياسىغانلارنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛
8 ᏄᏓᎴᏒ ᎪᎱᏍᏗ ᏧᎳᏏᏕᏂ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᏂᏕᏨᏁᎸ. ᎾᏍᎩᏰᏃ ᏂᎦᏛ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᏥᏄᏩᏁᎴᎢ, ᎥᏝ ᎪᎱᏍᏗ ᏳᏃᎯᏰ ᎾᏍᎩ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᏄᏩᏁᎸᎾ ᎨᏒᎢ. ᎠᏎᏃ ᎪᎯ ᎨᏒ ᎥᏝ ᏱᏗᎪᏩᏘᎭ ᏂᎦᏛ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᏱᎾᎬᏁᎸ.
سەن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن». ئەمدى «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بويسۇندۇرغانسەن» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىققا قالدۇرۇلمىغان، دېگەنلىكتۇر. بىراق، ھازىرچە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇنىڭغا بويسۇنغانلىقىنى تېخى كۆرمەيۋاتىمىز.
9 ᏥᏌᏍᎩᏂ ᎡᏗᎪᏩᏘᎭ ᎾᏍᎩ ᎤᏍᏗᎩᏛ ᎡᏍᎦ ᎢᏯᎬᏁᎸᎯ ᏗᏂᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᎨᏒ ᏂᎨᎬᏁᎸᎢ, ᎾᏍᎩ ᎤᏲᎱᎯᏍᏗᏱ, ᏗᎬᏩᎸᏌᏛ ᎠᎴ ᎦᎸᏉᏗᏳ ᎨᏒ ᎠᏥᏍᏕᎶᏔᏅ; ᎾᏍᎩ ᏅᏓᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎬᏩᎦᏘᏯ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎨᏒ ᎬᏗᏍᎬ ᎾᏂᎥ ᏴᏫ ᏧᏲᎱᏎᏗᏱ.
لېكىن بىز ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن «ئازغىنە ۋاقىت تۆۋەن قىلىنغان»، ئۆلۈم ئازابلىرىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرگۈچى بولدۇق؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
10 ᎠᏎᏰᏃ ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏛᏁᏗ ᎨᏎᎢ, ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏄᏓᎴᏒ ᎪᎱᏍᏗ ᎠᎪᏢᎾᏁᎸᎯ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᏄᏓᎴᏒ ᎪᎱᏍᏗ ᎪᏢᏅᎯ ᏥᎩ, ᎾᏍᎩ ᏗᎬᏩᎸᏌᏛ ᏗᎨᏒ ᏫᏓᏘᏃᎯᎲ ᎤᏂᏣᏘ ᏧᏪᏥ, ᎾᏍᎩ ᎤᎾᎵᏍᏕᎸᏙᏗ ᏗᏩᏛᎡᎯ, ᏂᎦᎷᎶᎬᎾ ᎢᏯᎬᏁᏗᏱ ᎠᎩᎵᏲᎬᎢ.
چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھەم ئۆزى ئارقىلىقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇداغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئوغۇللارنى شان-شەرەپكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ نىجاتىنىڭ يول باشلىغۇچىسىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشكە لايىق كەلدى.
11 ᎢᏧᎳᏰᏃ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏗᎦᏅᎦᎵᏍᎩ ᎨᏒ ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎨᏥᏅᎦᎵᏍᎩ ᎨᏒ ᎤᏂᏠᏱᏉ; ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎥᏝ ᎤᏕᎰᎯᏍᏗ ᏳᏰᎸᎭ ᎣᏣᎵᏅᏟ ᏧᏬᏎᏗᏱ;
چۈنكى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى بىلەن پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دەرۋەقە ئوخشاش بىرسىدىن كەلگەندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلمايدۇ.
12 ᎯᎠ ᏥᏄᏪᏎᎢ, ᏕᏣᏙᎥ ᎬᏂᎨᏒ ᏅᏓᎦᏥᏴᏁᎵ ᎣᏣᎵᏅᏟ; ᏧᎾᏁᎶᏗ ᎤᎾᏓᏡᎬ ᎠᏰᎵ ᏙᏓᎬᏃᎩᏍᏔᏂ.
خۇددى ئۇ [خۇداغا (مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك)]: «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەت ئىچىدە سېنى ناخشىلاردا كۈيلەيمەن» دېگەن.
13 ᎠᎴ ᏔᎵᏁᎢ, ᎾᏍᎩ ᏓᏥᏯᎵᏍᎦᏍᏙᏔᏂ. ᎠᎴᏬ, ᎬᏂᏳᏉ ᎠᏴ ᎠᎴ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏗᏂᏲᎵ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᏗᎩᎧᏁᎸᎯ ᎨᏒᎢ.
ئۇ يەنە: «مەن ساڭا تايىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن.
14 ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏗᏂᏲᎵ ᎤᏂᏇᏓᎵ ᎠᎴ ᎩᎬ ᎤᏂᏁᎯ ᏥᎩ, ᎤᏩᏒ ᎾᏍᏉ ᎾᏍᎩ ᎤᏠᏯᏍᏔᏁ ᎤᎩᏎᎢ; ᎾᏍᎩ ᎠᏲᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒ ᎢᏳᏩᏂᏐᏗᏱ ᎠᏎᏉᏉ ᎢᏳᏩᏁᏗᏱ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎠᏲᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒ ᎤᎵᏂᎬᎬ ᎤᎯ, ᎾᏍᎩ ᎠᏍᎩᎾ ᏥᎩ.
پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،
15 ᎠᎴ ᏧᏭᏓᎴᏍᏗᏱ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎠᏲᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒ ᎠᏂᎾᏰᏍᎬ ᏥᏅᏗᎦᎵᏍᏗᏍᎨ ᏓᏅᏅ ᎢᎪᎯᏛ ᏧᎾᏓᏲᏒᎯ ᏥᎨᏒ ᏕᎨᏥᎾᏝᎥᎢ.
ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىدىن قۇللۇققا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى.
16 ᎤᏙᎯᏳᎯᏰᏃ ᎥᏝ ᏗᏂᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎯ ᏱᏚᏬᏯᏁᏎᎢ, ᎡᏆᎭᎻᏍᎩᏂ ᎤᏁᏢᏔᏅᏛ ᎨᏒ ᏚᏬᏯᏁᏎᎢ.
چۈنكى ئۇ دەرۋەقە پەرىشتىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۇتىشىدۇ؛
17 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᏚᏳᎪᏛᎩ ᏂᎦᎥ ᏄᏛᏅᏅ ᎠᎾᎵᏅᏟ ᎾᏍᎩᏯ ᏄᎾᏍᏛ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ, ᎾᏍᎩ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎠᎴ ᏄᏓᎵᏍᏛᎾ ᏄᎬᏫᏳᏒ ᎠᏥᎸ-ᎨᎶᎯ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏤᎵ ᎤᎬᏩᎵ, ᎾᏍᎩ ᎠᎵᏍᎪᎸᏔᏅᎯ ᎠᎫᏴᏙᏗ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎤᏂᏍᎦᏅᏨ ᏴᏫ;
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
18 ᎾᏍᎩᏰᏃ ᎤᏩᏒ ᎤᎩᎵᏲᏨᎯ ᏥᎩ, ᎾᏍᎩ ᎠᏥᎪᎵᏰᏍᎬᎢ ᏰᎵᏉ ᏗᎬᏩᏍᏕᎸᏗ ᏄᎵᏍᏔᏅ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎨᏥᎪᎵᏰᏍᎩ.
چۈنكى ئۆزى سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولغاچقا، ئۇ سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.

< ᏉᎳ ᎠᏂᏈᎷ ᏧᏬᏪᎳᏁᎸᎯ 2 >