< ᎪᎵᏂᏗᏱ ᎠᏁᎯ ᎢᎬᏱᏱ ᎨᎪᏪᎳᏁᎸᎯ 15 >

1 ᎠᎴᏬ ᎢᏓᎵᏅᏟ, ᎬᏂᎨᏒ ᏂᏨᏴᏁᎭ ᎣᏍᏛ ᎧᏃᎮᏛ, ᎾᏍᎩ ᏥᏨᏯᎵᏥᏙᏁᎸᎩ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎾᏍᏉ ᏥᏕᏣᏓᏂᎸᏨ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎤᎵᏂᎩᏛ ᏥᏕᏥᏂᏴᎭ;
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛
2 ᎾᏍᎩ ᎾᏍᏉ ᏥᏣᎵᏍᏕᎸᏙᏗ, ᎢᏳᏃ ᎠᏍᏓᏯ ᏱᏗᏥᏂᏴ ᎾᏍᎩ ᏥᏨᏯᎵᏥᏙᏁᎸᎩ, ᎢᏳᏍᎩᏂᏃᏅ ᎠᏎᏉᏉ ᏱᎩ ᎢᏦᎯᏳᏒᎢ.
مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر.
3 ᎢᎬᏱᏱᏰᏃ ᎨᏒ ᏕᏣᏲᎯᏎᎸᎩ ᎾᏍᎩ ᎾᏍᏉ ᎠᏴ ᏨᎩᏲᎯᏎᎸᎩ, ᎾᏍᎩ ᎦᎶᏁᏛ ᎠᏴ ᎢᎩᏍᎦᏅᏨ ᎢᎩᏲᎱᎯᏎᎸᎢ, ᎾᏍᎩᏯ ᏂᎬᏅ ᎪᏪᎵᎯ;
چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛
4 ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎠᏥᏂᏌᏅᎢ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏦᎢᏁ ᎢᎦ ᏙᎤᎴᎯᏌᏅ ᎾᏍᎩᏯ ᏂᎬᏅᎪᏪᎵᎯ;
ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛
5 ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏏᏆᏏ ᎤᎪᎲᎢ, ᎿᎭᏉᏃ ᏔᎳᏚ ᎢᏯᏂᏛ.
ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛
6 ᎣᏂᏃ ᎯᏍᎩᏧᏈ ᎤᎶᏒᏍᏗ ᎢᏯᏂᏛ ᎠᎾᎵᏅᏟ ᎢᏧᎳᎭ ᎬᏩᎪᎮᎢ; ᎾᏍᎩᏃ [ ᎬᏩᎪᎲᎯ ] ᎤᏟ ᎢᏯᏂᏛ ᎠᎾᎴᏂᏙ ᎠᏏ ᎪᎯ ᎨᏒᎢ, ᎢᎦᏛᏍᎩᏂᏃᏅ ᏚᏂᎵᏅᏨ.
ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛
7 ᎣᏂᏃ ᏥᎻ ᎤᎪᎮᎢ; ᎿᎭᏉᏃ ᏂᎦᏛ ᎨᏥᏅᏏᏛ [ ᎢᎬᏩᎪᎮᎢ.]
ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛
8 ᎣᏂᏱᏃ ᎾᏍᏉ ᎠᏴ ᎥᏥᎪᎥᎩ, ᎾᏍᎩᏯ ᎩᎶ ᎤᏕᏗᏱ ᏄᏍᏆᎸᎲᎾᏉ ᏣᏕᎲᏍᎪ ᏣᏓᎪᏩᏘᏍᎪᎢ.
ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى.
9 ᎠᏴᏰᏃ ᎠᏆᏍᏗᎧᏂ ᎣᎩᏅᏏᏛ ᎨᏒᎢ, ᎾᏍᎩ ᎥᏝ ᏰᎵ ᎠᏥᏅᏏᏛ ᎦᏴᏉᏎᏗ ᏱᎩ, ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᎭ ᎤᏲ ᏂᎦᏥᏴᏁᎸ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᎤᎾᏓᏡᎬ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏤᎵᎦ.
چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن.
10 ᎠᏎᏃ ᎬᏩᎦᏘᏯ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎨᏒ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᎠᏴ ᎾᏆᏍᏛ ᎾᏆᏍᏗ; ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎬᏩᎦᏘᏯ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎨᏒ ᎥᎩᏁᎸᎯ ᏥᎩ, ᎥᏝ ᎠᏎᏉᏉ ᏱᏄᎵᏍᏔᏅ; ᎤᏟᏰᏃ ᎢᎦᎢ ᏓᎩᎸᏫᏍᏓᏁᎲ ᎡᏍᎦᏉ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎾᏂᎥᎢ; ᎥᏝᏍᎩᏂᏃᏅ ᎠᏴ, ᎤᏁᎳᏅᎯᏍᎩᏂ ᎬᏩᎦᏘᏯ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎨᏒ ᏗᎩᎧᎿᎭᏩᏗᏙᎸᎯ.
لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن [خۇدانىڭ خىزمىتىدە] بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر.
11 ᎠᏗᎾ ᎢᏳᏃ ᎠᏴ ᏱᎩ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏱᎩ, ᎾᏍᎩ ᏃᏥᏪᎭ ᎣᏣᎵᏥᏙᎲᏍᎦ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏄᏍᏗ ᎢᏦᎯᏳᏅ.
دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا [روسۇللار] بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.
12 ᎾᏍᎩᏃ ᎢᏳ ᎦᎶᏁᏛ ᎤᏲᎱᏒᎯ ᏕᎤᎴᎯᏌᏅ ᏯᎦᎵᏥᏙᎲᏍᎦ, ᎦᏙᏃ ᎢᎦᏛ ᎨᏣᏓᏑᏴ ᎯᎠ ᏂᎠᏂᏪᎭ, ᎥᏝ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᏱᎩ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ?
ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟
13 ᎢᏳᏃ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᏱᎩ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ, ᎿᎭᏉ ᎦᎶᏁᏛ ᎥᏝ ᏧᎴᎯᏌᏅᎯ ᏱᎩ.
ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى.
14 ᎢᏳ ᎠᎴ ᎦᎶᏁᏛ ᏧᎴᎯᏌᏅᎯ ᏂᎨᏒᎾ ᏱᎩ, ᎿᎭᏉ ᎣᏣᎵᏥᏙᎲᏍᎬ ᎠᏎᏉᏉ ᏂᎦᎵᏍᏗᎭ, ᎠᎴ ᎢᏦᎯᏳᏒ ᎾᏍᏉ ᎠᏎᏉᏉ ᏂᎦᎵᏍᏗᎭ.
شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى.
15 ᎠᎴ ᎾᏍᏉ ᎬᏂᎨᏒ ᏂᎦᎵᏍᏗᎭ ᎦᏰᎪᎩ ᎣᏥᏃᎮᏍᎩ ᎨᏒ ᎤᏁᎳᏅᎯ; ᎣᏥᏃᎮᎸᏰᏃ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎾᏍᎩ ᎤᏲᎱᏒ ᏕᎤᎴᏔᏅ ᎦᎶᏁᏛ; ᏧᎴᎳᏅᎯ ᏂᎨᏒᎾ ᏥᎩ, ᎢᏳᏃ ᎰᏩ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᏱᎩ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ.
ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى.
16 ᏧᏂᏲᎱᏒᎯᏰᏃ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᏱᎩ, ᎿᎭᏉ ᎦᎶᏁᏛ ᎥᏝ ᏧᎴᎯᏌᏅᎯ ᏱᎩ.
چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى.
17 ᎢᏳ ᎠᎴ ᎦᎶᏁᏛ ᏧᎴᎯᏌᏅᎯ ᏂᎬᏒᎾ ᏱᎩ, ᎢᏦᎯᏳᏒ ᎠᏎᏉᏉ ᏂᎦᎵᏍᏗᎭ; ᎠᏏᏉ ᎢᏥᏍᎦᏅᏨ ᎢᏣᏚᏓᎳ.
مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار،
18 ᎠᎴ ᎾᏍᏉ Ꮎ ᎦᎶᏁᏛ ᎤᏃᎯᏳᎯ ᎤᏂᎵᏅᏨᎯ ᏥᎩ ᎬᏩᏂᏲᏥᏙᎸᏉ.
شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى.
19 ᎢᏳᏃ ᎠᏂᏉ ᎢᏕᎲ ᎤᏩᏒ ᎤᏚᎩ ᏱᎬᎭ ᎦᎶᏁᏛ ᎢᎩᏍᏕᎸᏗᏱ, ᎾᏂᎥ ᏴᏫ ᏕᏗᎪᎾᏛᏗ ᎤᏲ ᏂᎦᏛᏅᎢ.
ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز.
20 ᎠᏎᏃ ᎦᎶᏁᏛ ᏕᎤᎴᎯᏌᏅ ᎤᏲᎱᏒᎢ, ᎠᎴ ᏧᏓᎴᏅᏔᏅᎯ ᏄᎵᏍᏔᏅ ᎾᏍᎩ ᎤᏂᎵᏅᏨᎯ ᏥᎨᏒᎩ.
ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛
21 ᎾᏍᎩᏰᏃ ᏴᏫ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᏥᎩ ᎠᎰᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒ ᏤᎭ, ᏴᏫ ᎾᏍᏉ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᎠᏲᎱᏒ ᏗᎴᎯᏐᏗ ᏥᎩ.
چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم [ئالەمدە] پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق [ئالەمدە] پەيدا بولدى.
22 ᎠᏓᏫᏰᏃ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᏂᎦᏗᏳ ᏥᏓᏂᏲᎱᏍᎦ, ᎾᏍᎩᏯ ᎾᏍᏉ ᎦᎶᏁᏛ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᏂᎦᏗᏳ ᏗᏅᏃᏛ ᏅᏛᎨᎬᏁᎵ.
ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
23 ᎠᏎᏃ ᎾᏂᎥ ᎤᎾᏤᎵᏛᎭ; ᎦᎶᏁᏛ ᏧᏓᎴᏅᏔᏅᎯ; ᎣᏂᏃ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎦᎶᏁᏛ ᏧᏤᎵ ᎨᏒ ᎾᎯᏳ ᎦᎷᏨᎭ.
ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار.
24 ᎿᎭᏉ ᏛᎵᏍᏆᏗ, ᎾᎯᏳ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒ ᏧᏲᎯᏎᎸᎯ ᎨᏎᏍᏗ ᎤᏁᎳᏅᎯ, ᎾᏍᎩ ᎠᎦᏴᎵᎨᎢ; ᎾᎯᏳ ᎠᏛᏔᏃᏅᎭ ᏂᎦᏗᏳ ᎤᏂᎬᏫᏳᏌᏕᎩ ᎨᏒ ᎠᎴ ᏂᎦᏗᏳ ᏗᎨᎦᏁᎶᏗ ᎨᏒ, ᎠᎴ ᏚᎾᎵᏂᎬᎬᎢ.
ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ.
25 ᎠᏎᏰᏃ ᏅᏩᏍᏕᏍᏗᏉ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎨᏒᎢ, ᎬᏂ ᏂᎦᏛ ᎬᏩᏍᎦᎩ ᏚᎳᏍᎬ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᏂᏕᎬᏁᎸᎭ.
چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى [مەغلۇپ قىلىپ] ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛
26 ᎠᏲᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ ᎤᎵᏍᏆᎸᏗ ᎤᏍᎦᎩ ᎠᏥᏛᏙᏗ ᎨᏒᎢ.
ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر.
27 ᏂᎦᏗᏳᏰᏃ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᏚᎳᏍᎬ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᎢᎬᏁᎸᎯ. ᎠᏎᏃ, ᏂᎦᏗᏳ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᎢᏯᎬᏁᎸᎯ ᏣᏗᎭ, ᎬᏂᎨᏒ ᏂᎦᎵᏍᏗᎭ ᎾᎦᏠᏯᏍᏛᎾ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏂᎦᏛ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᎢᏳᏩᏁᎸᎯ.
چۈنكى [زەبۇردا] «[خۇدا] پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» [دەپ پۈتۈكلۈكتۇر]. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر.
28 ᎾᎯᏳᏃ ᏂᎦᏗᏳ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᎢᏯᎬᏁᎸᎯ ᎨᏎᏍᏗ, ᎿᎭᏉ ᎾᏍᏉ ᎤᏪᏥ ᎤᏩᏒ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᏅᏛᏛᏁᎵ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏂᎦᏛ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᎭᏫᏂᏗᏢ ᎢᏳᏩᏁᎸᎯ, ᎾᏍᎩ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᏂᎦᎥ ᎢᎬᏂᏏᏍᎩ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎾᏂᎥ ᎠᏁᎲᎢ.
ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.
29 ᎢᏳᏃ ᎾᏍᎩ ᏄᏍᏛᎾ ᏱᎩ, ᎦᏙ ᏛᎾᏛᏁᎵ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ ᏥᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎪ ᏥᏕᎨᎦᏬᏍᎪᎢ? ᎢᏳᏃ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ ᎠᏎ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎢᎨᏎᏍᏗ, ᎦᏙᏃ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ ᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᏍᎪ ᏙᎨᎦᏬᏍᎪᎢ?
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟
30 ᎠᎴ ᎦᏙᏃ ᎤᎾᏰᎯᏍᏗ ᏂᎦᏛᎿᎭᏕᎦ ᏂᎪᎯᎸᎢ?
بىزلەر نېمە دەپ [ھەر كۈنى] ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟
31 ᏥᏁᎢᏍᏗᎭ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎤᎵᎮᎵᏍᏗ ᏣᎩᎭ ᏂᎯ ᏥᏅᏗᎦᎵᏍᏙᏗᎭ, ᎾᏍᎩ ᏥᏌ ᎦᎶᏁᏛ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎣᎦᏤᎵ ᏨᏗᏓᎴᎲᏍᎦ, ᏥᏲᎱᏍᎪ ᏂᏚᎩᏨᏂᏒᎢ.
رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، [ئى قېرىنداشلىرىم]، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن.
32 ᎢᏳᏃ ᏴᏫ ᎢᏳᎾᏛᏁᏗ ᎢᏯᏆᏛᏁᎸᎯ ᏱᎩ, ᏅᎩ ᏗᏂᏅᏌᏗ ᎤᏂᏍᎦᏎᏗ ᎣᎦᎵᎸᎯ ᏱᎩ ᎡᏈᏌ ᎦᏚᎲᎢ, ᎦᏙ ᎬᎩᏁᏉᏤᏗ ᎣᏍᏛ ᎨᏒ, ᎢᏳᏃ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᏱᎩ? ᎢᏓᎵᏍᏓᏴᎲᏍᎨᏍᏗ, ᎠᎴ ᎢᏓᏗᏔᏍᎨᏍᏗ; ᏑᎾᎴᏉᏰᏃ ᏙᏓᏗᏲᎱᏏ.
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟
33 ᏞᏍᏗ ᎡᏥᎵᏓᏍᏔᏅᎩ; ᎾᏲ ᏗᎵᏃᎮᎵᏓᏍᏗ ᎨᏒ ᎠᏲᏍᏗᏍᎪ ᎣᏍᏛ ᏗᎦᎸᏫᏍᏓᏁᏗ ᎨᏒᎢ.
ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ».
34 ᎢᏥᏰᎩ ᏚᏳᎪᏛ ᎢᏣᏛᏁᏗᏱ, ᎠᎴ ᏞᏍᏗ ᏱᏥᏍᎦᏅᎨᏍᏗ; ᎢᎦᏛᏰᏃ ᎥᏝ ᏯᏂᎦᏔᎭ ᎤᏁᎳᏅᎯ; ᎤᏕᎰᎯᏍᏗᏳ ᎢᏨᏃᎮᎭ ᎾᏍᎩ ᎯᎠ ᏥᏂᏥᏪᎭ.
ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟
35 ᎠᏎᏃ ᎩᎶ ᎯᎠ ᏱᏅᎦᏫ, ᎦᏙ ᏓᎨᎬᏁᎵ ᏙᏓᎨᎦᎴᏔᏂ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ? ᎠᎴ ᎦᏙ ᎤᏍᏕᏍᏗ ᎤᏙᏢᏒ ᏗᏂᏰᎸ ᎠᏂᎷᏨᎭ?
بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن.
36 ᏣᏁᎫ! ᎾᏍᎩ ᏥᏫᏍᎪᎢ ᎥᏝ ᏴᎬᎵᏰᎲᎦ ᎬᏂ ᎤᎪᎯ;
ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ.
37 ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏥᏫᏍᎪᎢ, ᎥᏝ ᎾᏍᎩ ᎠᏰᎸ ᎤᏙᏢᏗ ᎨᏒ ᏱᏫᏍᎪᎢ, ᎤᎦᏔᎭᏉᏍᎩᏂ, ᎤᏣᎴᏍᏗᏉ ᏱᎩ, ᎠᎴ ᎪᎱᏍᏗᏉ ᎤᏍᏗ ᏅᏩᏓᎴ ᏱᎩ;
ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس.
38 ᎤᏁᎳᏅᎯᏍᎩᏂ ᎠᏁᎰ ᎠᏰᎸ ᎾᏍᎩᏯ ᎣᏏ ᎤᏰᎸᏅᎢ, ᎠᎴ ᏄᏓᎴᏒ ᎤᎦᏔ ᎤᏤᎵᎦᏯ ᎠᏰᎸᎢ.
ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ.
39 ᏂᎦᏛ ᎤᏇᏓᎵ ᎨᏒ ᎥᏝ ᎤᏠᏱᎭ ᏱᎩ; ᏴᏫᏰᏃ ᎤᏂᏇᏓᎸ ᏑᏓᎴᎩ; ᏅᏩᏓᎴᏃ ᏅᎩ ᏗᏂᏅᏌᏗ ᎤᏂᏇᏓᎸᎢ, ᏅᏩᏓᎴᏃ ᎠᏣᏗ, ᏅᏩᏓᎴᏃ ᏥᏍᏆ.
جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار.
40 ᎠᎴ ᎾᏍᏉ ᎦᎸᎳᏗ ᎠᏁᎭ ᏗᎪᏢᏅᎯ, ᎠᎴ ᎡᎶᎯ ᎠᏁᎭ ᏗᎪᏢᏅᎯ; ᎠᏎᏃ ᏧᏬᏚᎯᏳ ᎨᏒ ᎦᎸᎳᏗ ᎠᏁᎯ ᏅᏩᏓᎴᎢ, ᎠᎴ ᏧᏬᏚᎯᏳ ᎨᏒ ᎡᎶᎯ ᎠᏁᎯ ᏅᏩᏓᎴᎢ.
ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛
41 ᏅᏙ ᎢᎦ ᎡᎯ ᎤᏤᎵᏛ ᎤᏬᏚᎯᏳ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎤᏬᏚᎯᏳ ᎨᏒ ᏅᏙ ᏒᏃᏱ ᎡᎯ ᏅᏩᏓᎴᎢ, ᎠᎴ ᏧᏃᏚᎯᏳ ᎨᏒ ᏃᏈᏏ ᏅᏩᏓᎴᎢ; ᎠᎴ ᏃᏈᏏ ᎧᎸ ᎤᏬᏚᎯᏳ ᎨᏒ ᏅᏩᏓᎴ ᏄᏍᏙ ᏃᏈᏏ ᏄᏍᏛ ᎤᏬᏚᎯᏳ ᎨᏒᎢ.
قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
42 ᎾᏍᎩᏯ ᎾᏍᏉ ᏄᏍᏗ ᏧᎾᎴᎯᏐᏗ ᎨᏒ ᏧᏂᏲᎱᏒᎯ. ᎠᏲᎩ ᎠᏫᏒᎯ ᎨᏐᎢ; ᎠᏲᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᏗᎴᏙᏗ ᎨᏎᏍᏗ.
ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. [تەن] چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛
43 ᎦᎸᏉᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎠᏫᏒᎯ ᎨᏐᎢ, ᎦᎸᏉᏗᏳ ᏗᎴᏙᏗ ᎨᏎᏍᏗ; ᎠᏩᎾᎦᎳ ᎠᏫᏒᎯ ᎨᏐᎢ, ᎤᎵᏂᎩᏛ ᏗᎴᏙᏗ ᎨᏎᏍᏗ;
ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ.
44 ᎢᏗᏫᏍᎪ ᎤᏇᏓᎵ ᎠᏰᎸ ᎠᏫᏒᎯ ᎨᏐᎢ, ᎠᏓᏅᏙ ᎤᏙᏢᏒ ᏗᎴᏙᏗ ᎨᏎᏍᏗ. ᎤᏇᏓᎵ ᎠᏰᎸ ᎡᎭ, ᎠᎴ ᎠᏓᏅᏙ ᎤᏙᏢᏒ ᎡᎭ.
ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ.
45 ᎾᏍᎩᏯᏃ ᎯᎠ ᏂᎬᏅ ᎦᏪᎳ, ᎢᎬᏱᏱ ᏴᏫ ᎠᏓᏫ ᎬᏃᏛ ᏄᎵᏍᏔᏁᎢ; ᎣᏂᏱᏃ ᎠᏓᏫ ᎠᏓᏅᏙ ᎬᏂᏛ ᏗᏁᎯ ᏄᎵᏍᏔᏁᎢ.
شۇڭا [تەۋراتتا] مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى.
46 ᎠᏎᏃ ᎥᏝ ᎢᎬᏱ ᏱᎨᏎ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎠᏓᏅᏙ ᏥᎩ, ᎾᏍᎩᏍᎩᏂ Ꮎ ᎠᏇᏓᎵ ᏥᎩ; ᎣᏂᏃ ᎢᏴᏛ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎠᏓᏅᏙ ᏥᎩ.
ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى.
47 ᎢᎬᏱᏱ ᎠᏍᎦᏯ ᎦᏙᎯ ᏅᏓᏳᏓᎴᏅᎯ, ᎦᏓᏉ ᎨᏎᎢ; ᏔᎵᏁ ᎠᏍᎦᏯ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎦᎸᎳᏗ ᏅᏓᏳᏓᎴᏅᎯ.
دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛
48 ᏄᏍᏛ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎦᏓᏉ ᎠᎪᏢᏔᏅᎯ ᏥᎩ, ᎾᏍᎩᏯ ᎾᏍᏉ ᏄᎾᏍᏗ ᎦᏓᏉ ᎨᎪᏢᏔᏅᎯ; ᎠᎴ ᏄᏍᏛ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ, ᎾᏍᎩᏯ ᎾᏍᏉ ᏄᎾᏍᏗ ᎦᎸᎳᏗ ᎠᏁᎯ.
تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، [ئۇنىڭدىن] [بولغان] «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ.
49 ᎠᎴ ᎦᏓ ᎠᎪᏢᏔᏅᎯ ᏄᏍᏛ ᎾᏍᎩᏯ ᏥᏂᎦᏍᏗ, ᎾᏍᎩᏯ ᎾᏍᏉ ᏂᎦᏍᏕᏍᏗ ᏄᏍᏛ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ.
بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز.
50 ᎾᏍᎩᏃ ᎯᎠ ᏂᏥᏪᎭ ᎢᏓᎵᏅᏟ, ᎾᏍᎩ ᎤᏇᏓᎵ ᎨᏒ ᎠᎴ ᎩᎬ ᎥᏝ ᎤᎾᏤᎵ ᎢᎬᏩᎵᏍᏙᏗ ᏱᎩ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏤᎵᎪᎯ; ᎥᏝ ᎠᎴ ᎠᏲᎩ ᎨᏒ ᎤᏤᎵ ᎢᎬᏩᎵᏍᏙᏗ ᏱᎩ ᎠᏲᎯ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒᎢ.
ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ.
51 ᎬᏂᏳᏉ, ᎢᏨᎾᏄᎪᏫᏎ ᎤᏕᎵᏛ ᎨᏒᎢ; ᎥᏝ ᏂᎦᏛ ᏴᏓᏗᎵᏅᏥ, ᏂᎦᏗᏳᏍᎩᏂ ᎡᎩᏁᏟᏴᏍᏗ ᎨᏎᏍᏗ
مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز!
52 ᎩᎳᏉ ᎢᏴᏛ, ᏥᏛᎦᏔᎾᏫᏍᏗᏉ ᎢᎪᎯᏛ, ᎤᎵᏍᏆᎸᏗ ᎠᏤᎷᎩ ᏂᎦᎵᏍᏔᏅᎭ; ᎠᏤᎷᎩᏰᏃ ᏓᏳᏃᏴᎳᏏ, ᏧᏂᏲᎱᏒᎯᏃ ᏙᏓᎨᎦᎴᏔᏂ ᎠᏂᏲᎩ ᏁᎨᏒᎾ, ᎠᏴᏃ ᏓᏰᎩᏁᏟᏴᏏ.
بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛
53 ᎯᎠᏰᏃ ᎠᏲᎩ ᎨᏒ ᎠᏲᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᏛᏄᏬᏍᏔᏂ, ᎠᎴ ᎯᎠ ᎾᏍᎩ ᎠᏲᎱᏍᎩ ᎨᏒ ᎠᏲᎱᏍᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᏛᏄᏬᏍᏔᏂ.
چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛
54 ᎾᏍᎩᏃ ᎿᎭᏉ ᎯᎠ ᎠᏲᎩ ᎨᏒ ᎠᏲᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒ ᎤᏄᏬᏍᏔᏁᏍᏗ, ᎠᎴ ᎯᎠ ᎾᏍᎩ ᎠᏲᎱᏍᎩ ᎠᏲᎱᏍᎩ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒ ᎤᏄᏬᏍᏔᏁᏍᏗ, ᎿᎭᏉ ᏄᎵᏍᏔᏁᏍᏗ ᎯᎠ ᎢᎦᏪᏛ ᎨᏒ ᏥᎪᏪᎳ, ᎠᏓᎵᏁᎯᏗᏍᎩ ᎨᏒ ᎤᎩᏐᏅ ᎠᏲᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒᎢ.
ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!».
55 ᏂᎯ ᎠᏲᎱᎯᏍᏗ ᎨᏒᎢ, ᎭᏢ ᏣᏓᏨᏯᏍᏗᎨᏒᎢ? ᏂᎯ ᏗᏓᏂᏐᏗᏱ ᎨᏒᎢ, ᎭᏢ ᏣᏓᏎᎪᎩᏍᏗ ᎨᏒᎢ? (Hadēs g86)
«ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» (Hadēs g86)
56 ᎠᏲᎱᏍᏗ ᎤᏓᏨᏯᏍᏗ ᎨᏒ, ᎾᏍᎩ ᎠᏍᎦᏂ; ᎠᏍᎦᏂᏃ ᎤᎵᏂᎪᎯᏍᏗᏍᎩ ᎾᏍᎩ ᏗᎧᎿᎭᏩᏛᏍᏗ.
ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.
57 ᎠᏎᏃ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎠᎵᎮᎵᏤᏗ ᎨᏎᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᏥᎩᏁᎭ ᎢᎦᏓᏎᎪᎩᏍᏗᏱ, ᏨᏗᏓᎴᎲᏍᎦ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎢᎦᏤᎵ ᏥᏌ ᎦᎶᏁᏛ.
لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر!
58 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ, ᎢᏨᎨᏳᎢ ᎢᏓᎵᏅᏟ, ᏗᏣᎵᏂᎩᏗᏳ ᎨᏎᏍᏗ, ᎦᏰᏥᏖᎸᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏎᏍᏗ, ᏂᎪᎯᎸ ᎤᏣᏘ ᏕᏥᎸᏫᏍᏓᏁᎮᏍᏗ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎤᏤᎵ ᏗᎦᎸᏫᏍᏓᏁᏗ ᎨᏒᎢ, ᎢᏥᎦᏔᎭᏰᏃ ᎾᏍᎩ ᎢᏣᎵᏂᎬᏁᎲ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎤᏤᎵ ᏕᏥᎸᏫᏍᏓᏁᎲ ᎠᏎᏉᏉ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒᎢ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.

< ᎪᎵᏂᏗᏱ ᎠᏁᎯ ᎢᎬᏱᏱ ᎨᎪᏪᎳᏁᎸᎯ 15 >