< ՀՌՈՎՄԱՅԵՑԻՍ 7 >

1 Միթէ չէ՞ք գիտեր, եղբայրնե՛ր, (քանի որ ես Օրէնքը գիտցողներուն կը խօսիմ, ) թէ Օրէնքը կը տիրէ մարդուն վրայ՝ այնքան ատեն որ ան կ՚ապրի:
ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟
2 Որովհետեւ ամուսին ունեցող կինը Օրէնքով կապուած է իր ամուսինին՝ քանի դեռ ան կ՚ապրի. բայց եթէ ամուսինը մեռնի, արձակուած է ամուսինին Օրէնքէն:
مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، [ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان] نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ.
3 Ուրեմն, քանի դեռ ամուսինը կ՚ապրի, շնացող պիտի կոչուի՝ եթէ ուրիշ մարդու մը կին ըլլայ. բայց եթէ ամուսինը մեռնի՝ ազատ կ՚ըլլայ այդ Օրէնքէն, այնպէս որ շնացող չ՚ըլլար՝ եթէ ուրիշ մարդու մը կին ըլլայ:
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ [نىكاھ] قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ.
4 Հետեւաբար դո՛ւք ալ, եղբայրնե՛րս, Օրէնքին մեռաք Քրիստոսի մարմինով, որպէսզի ըլլաք ուրիշի՛ մը, անոր՝ որ մեռելներէն յարութիւն առաւ, որպէսզի պտուղ արտադրենք Աստուծոյ:
خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ [قۇربانلىق] تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر.
5 Քանի որ երբ մենք մարմինով էինք, մեղքերու կիրքերը՝ որոնք կը դրդուէին Օրէնքէն՝ կը ներգործէին մեր անդամներուն մէջ, որպէսզի պտուղ արտադրենք մահուան:
چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛
6 Իսկ հիմա արձակուեցանք Օրէնքէն. որովհետեւ մենք մեռանք անոր՝ որ գերի բռնած էր մեզ, որպէսզի ծառայենք նորոգուած հոգիով, եւ ո՛չ թէ հնամաշ գիրին համաձայն:
لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا [خۇدانىڭ] قۇللۇقىدا بولىمىز.
7 Ուրեմն ի՞նչ ըսենք. Օրէնքը մե՞ղք է: Ամե՛նեւին: Նոյնիսկ ես պիտի չգիտնայի մեղքը, եթէ Օրէնքը չըլլար. նաեւ պիտի չգիտնայի ցանկութիւնը, եթէ Օրէնքը ըսած չըլլար. «Մի՛ ցանկար»:
ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.
8 Բայց մեղքը՝ առիթ առնելով պատուիրանէն՝ մէջս իրագործեց ամէն տեսակ ցանկութիւն, որովհետեւ մեղքը մեռած էր առանց Օրէնքին:
لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى.
9 Արդարեւ ես ժամանակ մը ողջ էի՝ առանց Օրէնքին. բայց երբ պատուիրանը եկաւ՝ մեղքը վերապրեցաւ,
بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى.
10 ու ես մեռայ. եւ այն պատուիրանը՝ որ կեանքի համար էր, նոյնը ինծի մահուան համար եղաւ:
ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى.
11 Որովհետեւ մեղքը՝ պատուիրանէն առիթ առնելով՝ խաբեց զիս, եւ սպաննեց անով:
چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى.
12 Հետեւաբար Օրէնքը սուրբ է, ու պատուիրանը՝ սուրբ, արդար եւ բարի:
بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.
13 Ուրեմն ինչ որ բարի է՝ մա՞հ պատճառեց ինծի: Ամե՛նեւին: Հապա մեղքն էր որ մահ իրագործեց իմ մէջս՝ բարիին միջոցով, որպէսզի մեղքը գերազանցօրէն մեղաւոր երեւնայ՝ պատուիրանին միջոցով:
ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى.
14 Արդարեւ գիտենք թէ Օրէնքը հոգեւոր է, բայց ես մարմնաւոր եմ՝ ծախուած մեղքին հպատակութեան.
تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن.
15 որովհետեւ ինչ որ կը գործադրեմ՝ չեմ ըմբռներ: Ո՛չ թէ ինչ որ կ՚ուզեմ՝ զայն կ՚ընեմ, հապա ինչ որ կ՚ատեմ՝ զայն կ՚ընեմ:
چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن.
16 Ուրեմն եթէ չուզածս կ՚ընեմ, հաւանութիւն կու տամ Օրէնքին՝ թէ բարի է:
لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن.
17 Իսկ հիմա՝ ո՛չ թէ ե՛ս կը գործադրեմ զայն, հապա մե՛ղքը՝ որ կը բնակի իմ մէջս:
شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ.
18 Քանի որ գիտեմ թէ իմ մէջս, այսինքն մարմինիս մէջ, ո՛չ մէկ բարի բան կը բնակի. որովհետեւ կամենալը քովս է, բայց չեմ գտներ բարին գործադրելը:
ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن.
19 Արդարեւ բարին որ կ՚ուզեմ՝ չեմ ըներ, հապա չարը որ չեմ ուզեր՝ զա՛յն կ՚ընեմ:
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن.
20 Իսկ եթէ կ՚ընեմ ինչ որ չեմ ուզեր, ա՛լ ո՛չ թէ ե՛ս կը գործադրեմ զայն, հապա մե՛ղքը՝ որ իմ մէջս կը բնակի:
ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر.
21 Ուրեմն ես կը գտնեմ օրէնք մը, որ երբ կամենամ բարին ընելը, չարը քովս կ՚ըլլայ:
بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
22 Որովհետեւ ներքին մարդուն համաձայն՝ կը հաւնիմ Աստուծոյ Օրէնքը.
قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛
23 բայց անդամներուս մէջ կը տեսնեմ ուրի՛շ օրէնք մը, որ կը մարտնչի միտքիս Օրէնքին դէմ եւ գերի կը դարձնէ զիս մեղքի օրէնքին՝ որ անդամներուս մէջ է:
بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ.
24 Ի՜նչ թշուառ մարդ եմ. ո՞վ պիտի ազատէ զիս այս մահկանացու մարմինէն:
نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟
25 Շնորհակալութիւն Աստուծոյ՝՝, մեր Տէրոջ՝ Յիսուս Քրիստոսի միջոցով: Ուրեմն ես ինքս միտքով կը ծառայեմ Աստուծոյ Օրէնքին, իսկ մարմինով՝ մեղքի օրէնքին:
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.

< ՀՌՈՎՄԱՅԵՑԻՍ 7 >