< ԱՌԱՋԻՆ ՊԵՏՐՈՍԻ 3 >

1 Նմանապէս դո՛ւք, կինե՛ր, հպատակեցէ՛ք ձեր ամուսիններուն, որպէսզի եթէ նոյնիսկ ոմանք չանսան խօսքին, շահուին առանց խօսքի՝ կիներուն վարքով,
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ.
2 մինչ կը տեսնեն ձեր մաքրակենցաղ ու երկիւղած վարքը:
3 Ձեր զարդարանքը թող չըլլայ դուրսէն՝ մազերու հիւսքերով, ոսկիներու շարքերով կամ շքեղ հանդերձներ հագնելով,
گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن،
4 հապա ձեր զարդը թող ըլլայ սիրտին ծածուկ մարդը, հեզ եւ հանդարտ հոգիի մը անապականութեամբ, ինչ որ թանկագին է Աստուծոյ առջեւ:
بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق [گۈزەللىك] خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
5 Որովհետեւ ժամանակին սուրբ կիներն ալ, որոնք կը յուսային Աստուծոյ, ա՛յսպէս կը զարդարէին իրենք զիրենք՝ հպատակելով իրենց ամուսիններուն,
چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق [گۈزەللىك بىلەن] ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى.
6 ինչպէս Սառա կը հնազանդէր Աբրահամի՝ տէր կոչելով զայն: Դուք անոր զաւակներն էք, քանի բարիք կը գործէք ու չէք վախնար որեւէ սարսափէ:
دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ [ساراھنىڭ] پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.
7 Նմանապէս դո՛ւք, ամուսիննե՛ր, գիտակցելո՛վ բնակեցէք անոնց հետ, պատուելով կիները իբր աւելի տկար անօթներ եւ կեանքի շնորհքին ժառանգակիցներ, որպէսզի ձեր աղօթքները չընդհատուին:
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن [خۇدا] شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.
8 Վերջապէս, բոլո՛րդ եղէք համախոհ, կարեկից, եղբայրասէր, գթած ու բարեսիրտ:
ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار.
9 Չարիքի փոխարէն չարիք մի՛ հատուցանէք, կամ հեգնանքի փոխարէն՝ հեգնանք. այլ ընդհակառակը՝ օրհնեցէ՛ք, գիտնալով թէ ատոր համար կանչուեցաք, որպէսզի օրհնութիւն ժառանգէք:
يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر.
10 Որովհետեւ «ա՛ն որ կ՚ուզէ կեանքը սիրել ու բարի օրեր տեսնել, թող դադրեցնէ իր լեզուին չարախօսութիւնը, եւ իր շրթունքը խաբէութիւն թող չխօսի:
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: ــ «كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە، تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن، لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
11 Չարութենէ թող հեռանայ ու բարիք գործէ. խաղաղութիւն թող փնտռէ եւ անոր հետամուտ ըլլայ:
يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرسۇن؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرسۇن.
12 Որովհետեւ Տէրոջ աչքերը արդարներուն վրայ են, ու իր ականջները բաց են անոնց աղերսանքին. բայց Տէրոջ երեսը չարագործներուն դէմ է»:
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».
13 Եւ ո՞վ պիտի չարչարէ ձեզ՝ եթէ դուք նմանիք բարիին:
ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلار؟
14 Բայց նոյնիսկ եթէ չարչարուիք արդարութեան համար՝ երանելի՛ էք, եւ մի՛ վախնաք անոնց ահէն, ու մի՛ վրդովիք:
لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛
15 Հապա սրբացուցէ՛ք Տէր Աստուածը ձեր սիրտերուն մէջ, եւ միշտ պատրա՛ստ եղէք հեզութեամբ ու երկիւղածութեամբ ջատագովական ներկայացնելու ամէն մէկուն՝ որ կը խնդրէ ձեզմէ ձեր մէջ եղած յոյսին պատճառը.
بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار.
16 բարի՛ խղճմտանք ունեցէք, որպէսզի՝ այն բանին համար որ կը բամբասեն ձեզ իբր չարագործներ, ամօթահար ըլլան անո՛նք՝ որ կը պախարակեն Քրիստոսով եղած ձեր բարի վարքը:
ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.
17 Որովհետեւ աւելի լաւ է չարչարուիլ - եթէ ա՛յդ է Աստուծոյ կամքը - բարի՛ք ընելով, քան թէ չարիք ընելով:
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، [ئەلۋەتتە].
18 Արդարեւ Քրիստո՛ս ալ մէ՛կ անգամ չարչարուեցաւ՝ մեղքերու համար, Արդարը՝ անարդարներուն համար, որպէսզի մօտեցնէ մեզ Աստուծոյ: Ան մարմինով մեռցուեցաւ, բայց Հոգիով կեանք ստացաւ,
چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛
19 եւ անով ալ գնաց ու քարոզեց բանտի մէջ եղած հոգիներուն:
شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، [ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى] جاكارلىدى.
20 Անոնք ժամանակին անհնազանդ եղան, երբ Աստուծոյ համբերատարութիւնը կը սպասէր անոնց՝ Նոյի օրերը, մինչ տապանը կը կերտուէր: Անոր մէջ քիչեր, այսինքն ութ անձ, փրկուեցան ջուրէն:
[سولاپ قويۇلغان] بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ [پەيغەمبەر]نىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن [كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى] كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.
21 Անոր կրկնատիպը եղող մկրտութիւնն ալ հիմա կը փրկէ մեզ, (ո՛չ թէ մարմինին աղտը լքելը, հապա Աստուծոյ հանդէպ բարի խղճմտանքի մը յանձնառութիւնը, ) Յիսուս Քրիստոսի յարութեամբ:
مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ
22 Ան երկինք գացած՝ Աստուծոյ աջ կողմն է, եւ հրեշտակները, իշխանութիւններն ու զօրութիւնները հպատակած են իրեն:
(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).

< ԱՌԱՋԻՆ ՊԵՏՐՈՍԻ 3 >

A Dove is Sent Forth from the Ark
A Dove is Sent Forth from the Ark