< ԱՌԱՋԻՆ ԿՈՐՆԹԱՑԻՍ 5 >

1 Առհասարակ կը լսուի թէ ձեր մէջ պոռնկութիւն կայ. եւ այնպիսի պոռնկութիւն՝ որ հեթանոսներուն մէջ իսկ չկայ, որպէս թէ մէկը ունենայ իր հօր կինը:
ھەرتەرەپتىن شۇ ئاڭلىنىۋاتىدۇكى، ئاراڭلاردا بۇزۇقچىلىق بار ئىكەن ــ بۇنداق بۇزۇقچىلىق ھەتتا تائىپىلەر ئارىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ بىرسىنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئايالىغا چېقىلىشتىن ئىبارەت.
2 Ու դուք հպարտացած էք, փոխանակ սգալու, որպէսզի ձեր մէջէն վերցուի ա՛ն՝ որ այս արարքը կատարեց:
ئەمما سىلەر يوغىناپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار! بۇ رەزىل ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئارىمىزدىن قوغلىۋېتىلسۇن دەپ ئۆكۈنۈشۈڭلارغا توغرا كەلمەمدۇ!؟
3 Արդարեւ ես - թէպէտ մարմինով բացակայ եմ, բայց հոգիով՝ ներկայ - արդէն իսկ դատեցի այսպիսի արարք գործողը, որպէս թէ ներկայ ըլլալով:
چۈنكى گەرچە تەندە سىلەر بىلەن بىللە بولمىساممۇ، ئەمما روھتا سىلەر بىلەن بىللە بولۇش سۈپىتىدە ئاللىقاچان شۇنداق مەن شۇ ھۆكۈمنى چىقاردىمكى،
4 Մեր Տէրոջ՝ Յիսուս Քրիստոսի անունով, երբ հաւաքուիք՝ դուք եւ իմ հոգիս, մեր Տէրոջ՝ Յիսուս Քրիստոսի զօրութեամբ,
(ھەممىڭلار رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا جەم بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ) ــ
5 մատնեցէ՛ք այդպիսի մէկը Սատանային՝ մարմինին աւերումին համար, որպէսզի հոգին փրկուի Տէր Յիսուսի օրը:
شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن.
6 Այդ ձեր պարծանքը լաւ չէ: Չէ՞ք գիտեր թէ քիչ մը խմորը՝ կը խմորէ ամբողջ զանգուածը:
سىلەرنىڭ چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ياخشى ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ» دەپ بىلمەمسىلەر؟
7 Ուրեմն մաքրուեցէ՛ք հին խմորէն՝ որպէսզի ըլլաք նոր զանգուած մը, քանի որ անխմոր էք: Որովհետեւ Քրիստոս՝ մեր զատիկը՝ զոհուեցաւ մեզի համար.
كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»[دىكى قوزىمىز] بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛
8 հետեւաբար տօ՛ն կատարենք՝ ո՛չ թէ հին խմորով, ո՛չ ալ չարամտութեան եւ չարութեան խմորով, հապա անկեղծութեան ու ճշմարտութեան անխմոր հացով:
شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى.
9 Գրեցի ձեզի նամակին մէջ, որ չյարաբերիք պոռնկողներուն հետ:
مەن [ئالدىنقى] خەتتە سىلەرگە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ يازغانىدىم؛
10 Սակայն ոչ անշուշտ այս աշխարհի պոռնկողներուն, կամ ագահներուն, կամ յափշտակողներուն, կամ կռապաշտներուն հետ. այլապէս՝ պարտաւոր պիտի ըլլայիք աշխարհէն դուրս ելլել:
ئەمما بۇ دېگىنىم بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، ياكى نەپسانىيەتچىلەر، ياكى كاززاپلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئارىلاشماڭلار دېگىنىم ئەمەس؛ ئۇنداق بولغاندا دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار؛
11 Իսկ հիմա գրեցի ձեզի որ չյարաբերիք, եթէ ոեւէ մէկը՝ որ եղբայր կը կոչուի՝՝, ըլլայ պոռնկող, կամ ագահ, կամ կռապաշտ, կամ հեգնող, կամ արբեցող, կամ յափշտակող. այդպիսի մարդու հետ մի՛ ուտէք անգամ:
ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار.
12 Որովհետեւ ի՞նչ պէտք ունիմ դատելու դուրսինները. միթէ դուք չէ՞ք դատեր ներսինները.
سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟
13 իսկ Աստուա՛ծ պիտի դատէ դուրսինները: Ուստի վերցուցէ՛ք չարը ձեր մէջէն:
لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار».

< ԱՌԱՋԻՆ ԿՈՐՆԹԱՑԻՍ 5 >