< ԱՌԱՋԻՆ ԿՈՐՆԹԱՑԻՍ 16 >

1 Ինչ կը վերաբերի սուրբերուն համար ըլլալիք հանգանակութեան, ինչպէս պատուիրեցի Գաղատացիներու եկեղեցիներուն, դո՛ւք ալ այնպէս ըրէք:
ئەمدى مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە تاپىلىغىنىمدەك قىلىڭلار.
2 Ամէն Մէկշաբթի՝ ձեզմէ իւրաքանչիւրը թող մէկդի դնէ իր քով ինչ որ յաջողած է խնայել,
ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ.
3 որպէսզի հանգանակութիւններ չըլլան երբ ես գամ: Ու երբ գամ, անոնք որ զատորոշէք՝ զիրենք պիտի ղրկեմ նամակներով՝՝, որպէսզի Երուսաղէմ տանին ձեր պարգեւները:
مەن كەلگىنىمدە، سىلەر قايسى ئادەملەرنى لايىق كۆرۈپ تاللىساڭلار، مەن شۇلارغا [تونۇشتۇرۇش] خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن.
4 Եթէ իմ երթալս ալ արժանավայել ըլլայ, անոնք պիտի երթան ինծի հետ:
مېنىڭمۇ بېرىشىم مۇۋاپىق كۆرۈلسە، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ.
5 Ուրեմն ես պիտի գամ ձեզի՝ երբ անցնիմ Մակեդոնիայէն. (քանի որ պիտի անցնիմ Մակեդոնիայէն.)
ئەمما مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا كېلىمەن ــ چۈنكى مەن ماكېدونىيەدىن ئۆتمەكچىمەن ــ
6 եւ թերեւս մնամ ձեր քով ու ձմերեմ ալ ձեզի հետ. որպէսզի դո՛ւք ուղարկէք զիս՝ ո՛ւր որ երթամ:
بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىللە بىر مەزگىل تۇرۇشۇم مۇمكىن، ھەتتا يېنىڭلاردا قىشلاپ قېلىشىممۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك ئاندىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر.
7 Որովհետեւ չեմ ուզեր տեսնել ձեզ հիմա՝ անցած ատենս, բայց կը յուսամ որ ժամանակ մը մնամ ձեր քով, եթէ Տէրը արտօնէ:
چۈنكى بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن، بەلكى رەب بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇنراق بىر مەزگىل تۇرغۇم بار.
8 Սակայն Եփեսոս պիտի մնամ մինչեւ Պենտեկոստէ.
ئەمما مەن ئەفەسۇس شەھىرىدە ئورما ھېيتىغىچە تۇرماقچىمەن.
9 որովհետեւ մեծ եւ արդիւնաւոր դուռ մը բացուած է ինծի, ու բազմաթիւ հակառակորդներ կան:
چۈنكى [مۇشۇ يەردە] ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدەك قارشى چىققۇچىلارمۇ كۆپ.
10 Ուրեմն եթէ Տիմոթէոս գայ, ուշադի՛ր եղէք որ մնայ ձեր քով առանց վախի. քանի որ ան կ՚ընէ Տէրոջ գործը, ինչպէս ե՛ս ալ:
تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قورقماي ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەبنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
11 Ուստի ո՛չ մէկը թող անարգէ զայն. հապա խաղաղութեա՛մբ ուղարկեցէք զայն՝ որ ինծի գայ, որովհետեւ անոր կը սպասեմ եղբայրներուն հետ:
شۇڭا ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن؛ بەلكى ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن ئۇزىتىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن.
12 Իսկ ինչ կը վերաբերի Ապողոս եղբօր, շատ աղաչեցի անոր՝ որ ձեզի գայ եղբայրներուն հետ, բայց բնաւ փափաք չունեցաւ որ հիմա գայ. սակայն պիտի գայ՝ երբ պատեհութիւն ունենայ:
ئەمما قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەم، ئۇنىڭدىن قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.
13 Արթո՛ւն մնացէք, հաւատքի մէջ հաստատո՛ւն կեցէք, քա՛ջ եղէք, զօրացէ՛ք:
ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار؛ مەردانە ئەردەك بولۇڭلار! قەيسەر بولۇڭلار!
14 Ձեր բոլոր բաները սիրո՛վ ըլլան:
سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن.
15 Կ՚աղաչե՛մ ձեզի, եղբայրնե՛ր, (դուք կը ճանչնաք Ստեփանասի ընտանիքը, որ Աքայիայի երախայրիքն է, եւ իրենք զիրենք նուիրեցին սուրբերուն սպասարկութեան, )
ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، ئاخايا ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقاد مېۋىسى بولغان ستىفاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا قانداق ئۆزلىرىنى ئاتىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر؛ مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە ھەربىر جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار.
16 որ հպատակիք այդպիսիներուն եւ բոլորին՝ որ կը գործակցին մեզի ու կ՚աշխատին:
17 Ուրախ եմ Ստեփանասի, Փորտունատոսի եւ Աքայիկոսի գալուստին համար, որովհետեւ իրե՛նք լրացուցին ձեր պակասը,
ئەمما [يېنىڭلاردىن] ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم؛ چۈنكى ئۇلار سىلەر تەرەپتىن كەم بولغانلىرىنى تولۇقلاپ بەردى.
18 քանի որ հանգստացուցին իմ հոգիս ու ձերը. ուրեմն ճանչցէ՛ք այդպիսիները:
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ روھىمنى ۋە ھەم سىلەرنىڭكىنىمۇ يېڭىلاندۇردى؛ شۇڭا شۇنداق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەڭلار.
19 Ասիայի եկեղեցիները կը բարեւեն ձեզ. Տէրոջմով շատ կը բարեւեն ձեզ Ակիւղաս եւ Պրիսկիղա՝ իրենց տան մէջ եղող եկեղեցիին հետ:
ئاسىيادىكى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان جامائەتتىنمۇ رەبدە سىلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ.
20 Բոլոր եղբայրները կը բարեւեն ձեզ. բարեւեցէ՛ք զիրար սուրբ համբոյրով:
قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.
21 Ես՝ Պօղոս, ի՛մ ձեռքովս կը գրեմ այս բարեւը:
مانا، مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن سالام يېزىۋاتىمەن!
22 Եթէ մէկը չի սիրեր Տէր Յիսուս Քրիստոսը, նզովեա՛լ ըլլայ երբ մեր Տէրը գայ՝՝:
ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن!
23 Տէր Յիսուս Քրիստոսի շնորհքը ձեզի հետ:
رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!
24 Իմ սէրս ձեր բոլորին հետ՝ Քրիստոս Յիսուսով: Ամէն:
مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي. ئامىن!

< ԱՌԱՋԻՆ ԿՈՐՆԹԱՑԻՍ 16 >