ذَكِّرْهُمْ أَنْ يَخْضَعُوا لِلرِّيَاسَاتِ وَٱلسَّلَاطِينِ، وَيُطِيعُوا، وَيَكُونُوا مُسْتَعِدِّينَ لِكُلِّ عَمَلٍ صَالِحٍ، | ١ 1 |
[جامائەتتىكىلەرگە] شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، |
وَلَا يَطْعَنُوا فِي أَحَدٍ، وَيَكُونُوا غَيْرَ مُخَاصِمِينَ، حُلَمَاءَ، مُظْهِرِينَ كُلَّ وَدَاعَةٍ لِجَمِيعِ ٱلنَّاسِ. | ٢ 2 |
ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. |
لِأَنَّنَا كُنَّا نَحْنُ أَيْضًا قَبْلًا أَغْبِيَاءَ، غَيْرَ طَائِعِينَ، ضَالِّينَ، مُسْتَعْبَدِينَ لِشَهَوَاتٍ وَلَذَّاتٍ مُخْتَلِفَةٍ، عَائِشِينَ فِي ٱلْخُبْثِ وَٱلْحَسَدِ، مَمْقُوتِينَ، مُبْغِضِينَ بَعْضُنَا بَعْضًا. | ٣ 3 |
چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. |
وَلَكِنْ حِينَ ظَهَرَ لُطْفُ مُخَلِّصِنَا ٱللهِ وَإِحْسَانُهُ - | ٤ 4 |
بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، |
لَا بِأَعْمَالٍ فِي بِرٍّ عَمِلْنَاهَا نَحْنُ، بَلْ بِمُقْتَضَى رَحْمَتِهِ - خَلَّصَنَا بِغُسْلِ ٱلْمِيلَادِ ٱلثَّانِي وَتَجْدِيدِ ٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ، | ٥ 5 |
(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛ |
ٱلَّذِي سَكَبَهُ بِغِنًى عَلَيْنَا بِيَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ مُخَلِّصِنَا. | ٦ 6 |
بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى. |
حَتَّى إِذَا تَبَرَّرْنَا بِنِعْمَتِهِ، نَصِيرُ وَرَثَةً حَسَبَ رَجَاءِ ٱلْحَيَاةِ ٱلْأَبَدِيَّةِ. (aiōnios g166) | ٧ 7 |
بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. (aiōnios g166) |
صَادِقَةٌ هِيَ ٱلْكَلِمَةُ. وَأُرِيدُ أَنْ تُقَرِّرَ هَذِهِ ٱلْأُمُورَ، لِكَيْ يَهْتَمَّ ٱلَّذِينَ آمَنُوا بِٱللهِ أَنْ يُمَارِسُوا أَعْمَالًا حَسَنَةً. فَإِنَّ هَذِهِ ٱلْأُمُورَ هِيَ ٱلْحَسَنَةُ وَٱلنَّافِعَةُ لِلنَّاسِ. | ٨ 8 |
بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق. |
وَأَمَّا ٱلْمُبَاحَثَاتُ ٱلْغَبِيَّةُ، وَٱلْأَنْسَابُ، وَٱلْخُصُومَاتُ، وَٱلْمُنَازَعَاتُ ٱلنَّامُوسِيةُ فَٱجْتَنِبْهَا، لِأَنَّهَا غَيْرُ نَافِعَةٍ، وَبَاطِلَةٌ. | ٩ 9 |
بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى [قۇرۇق گەپلەر]، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. |
اَلرَّجُلُ ٱلْمُبْتَدِعُ بَعْدَ ٱلْإِنْذَارِ مَرَّةً وَمَرَّتَيْنِ، أَعْرِضْ عَنْهُ. | ١٠ 10 |
ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ |
عَالِمًا أَنَّ مِثْلَ هَذَا قَدِ ٱنْحَرَفَ، وَهُوَ يُخْطِئُ مَحْكُومًا عَلَيْهِ مِنْ نَفْسِهِ. | ١١ 11 |
چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن. |
حِينَمَا أُرْسِلُ إِلَيْكَ أَرْتِيمَاسَ أَوْ تِيخِيكُسَ، بَادِرْ أَنْ تَأْتِيَ إِلَيَّ إِلَى نِيكُوبُولِيسَ، لِأَنِّي عَزَمْتُ أَنْ أُشَتِّيَ هُنَاكَ. | ١٢ 12 |
ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. |
جَهِّزْ زِينَاسَ ٱلنَّامُوسِيَّ وَأَبُلُّوسَ بِٱجْتِهَادٍ لِلسَّفَرِ حَتَّى لَا يُعْوِزَهُمَا شَيْءٌ. | ١٣ 13 |
ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. |
وَلْيَتَعَلَّمْ مَنْ لَنَا أَيْضًا أَنْ يُمَارِسُوا أَعْمَالًا حَسَنَةً لِلْحَاجَاتِ ٱلضَّرُورِيَّةِ، حَتَّى لَا يَكُونُوا بِلَا ثَمَرٍ. | ١٤ 14 |
بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. |
يُسَلِّمُ عَلَيْكَ ٱلَّذِينَ مَعِي جَمِيعًا. سَلِّمْ عَلَى ٱلَّذِينَ يُحِبُّونَنَا فِي ٱلْإِيمَانِ. اَلنِّعْمَةُ مَعَ جَمِيعِكُمْ. آمِينَ. | ١٥ 15 |
يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت. مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! |