ثُمَّ وَقَفْتُ عَلَى رَمْلِ ٱلْبَحْرِ، فَرَأَيْتُ وَحْشًا طَالِعًا مِنَ ٱلْبَحْرِ لَهُ سَبْعَةُ رُؤُوسٍ وَعَشَرَةُ قُرُونٍ، وَعَلَى قُرُونِهِ عَشَرَةُ تِيجَانٍ، وَعَلَى رُؤُوسِهِ ٱسْمُ تَجْدِيفٍ. | ١ 1 |
ئاندىن، دېڭىزدىن ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا كۇپۇرلۇق ناملىرى يېزىقلىق ئىدى. |
وَٱلْوَحْشُ ٱلَّذِي رَأَيْتُهُ كَانَ شِبْهَ نَمِرٍ، وَقَوَائِمُهُ كَقَوَائِمِ دُبٍّ، وَفَمُهُ كَفَمِ أَسَدٍ. وَأَعْطَاهُ ٱلتِّنِّينُ قُدْرَتَهُ وَعَرْشَهُ وَسُلْطَانًا عَظِيمًا. | ٢ 2 |
مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا ئۇنىڭغا ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. |
وَرَأَيْتُ وَاحِدًا مِنْ رُؤُوسِهِ كَأَنَّهُ مَذْبُوحٌ لِلْمَوْتِ، وَجُرْحُهُ ٱلْمُمِيتُ قَدْ شُفِيَ. وَتَعَجَّبَتْ كُلُّ ٱلْأَرْضِ وَرَاءَ ٱلْوَحْشِ، | ٣ 3 |
دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتكۈل دۇنيا دىۋىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ ئۇنىڭغا [ئەگەشتى]. |
وَسَجَدُوا لِلتِّنِّينِ ٱلَّذِي أَعْطَى ٱلسُّلْطَانَ لِلْوَحْشِ، وَسَجَدُوا لِلْوَحْشِ قَائِلِينَ: «مَنْ هُوَ مِثْلُ ٱلْوَحْشِ؟ مَنْ يَسْتَطِيعُ أَنْ يُحَارِبَهُ؟». | ٤ 4 |
ئەجدىھا دىۋىگە [سەلتەنەتلىك] ھوقۇق بەرگەچكە ئۇلار ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ: ــ دىۋىنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟ ــ دېدى. |
وَأُعْطِيَ فَمًا يَتَكَلَّمُ بِعَظَائِمَ وَتَجَادِيفَ، وَأُعْطِيَ سُلْطَانًا أَنْ يَفْعَلَ ٱثْنَيْنِ وَأَرْبَعِينَ شَهْرًا. | ٥ 5 |
دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز بېرىلدى؛ ئۇنىڭغا قىرىق ئىككى ئاي ئىش كۆرۈشكە ھوقۇق بېرىلدى. |
فَفَتَحَ فَمَهُ بِٱلتَّجْدِيفِ عَلَى ٱللهِ، لِيُجَدِّفَ عَلَى ٱسْمِهِ، وَعَلَى مَسْكَنِهِ، وَعَلَى ٱلسَّاكِنِينَ فِي ٱلسَّمَاءِ. | ٦ 6 |
ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ــ ئۇنىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، شۇنداقلا ئەرشنى ماكان قىلغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلغىلى ئاغزىنى ئاچتى. |
وَأُعْطِيَ أَنْ يَصْنَعَ حَرْبًا مَعَ ٱلْقِدِّيسِينَ وَيَغْلِبَهُمْ، وَأُعْطِيَ سُلْطَانًا عَلَى كُلِّ قَبِيلَةٍ وَلِسَانٍ وَأُمَّةٍ. | ٧ 7 |
ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويۇلدى؛ ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. |
فَسَيَسْجُدُ لَهُ جَمِيعُ ٱلسَّاكِنِينَ عَلَى ٱلْأَرْضِ، ٱلَّذِينَ لَيْسَتْ أَسْمَاؤُهُمْ مَكْتُوبَةً مُنْذُ تَأْسِيسِ ٱلْعَالَمِ فِي سِفْرِ حَيَاةِ ٱلْخَرُوفِ ٱلَّذِي ذُبِحَ. | ٨ 8 |
يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. |
مَنْ لَهُ أُذُنٌ فَلْيَسْمَعْ! | ٩ 9 |
قۇلىقى بارلار، بۇنى ئاڭلىسۇن! |
إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَجْمَعُ سَبْيًا، فَإِلَى ٱلسَّبْيِ يَذْهَبُ. وَإِنْ كَانَ أَحَدٌ يَقْتُلُ بِٱلسَّيْفِ، فَيَنْبَغِي أَنْ يُقْتَلَ بِٱلسَّيْفِ. هُنَا صَبْرُ ٱلْقِدِّيسِينَ وَإِيمَانُهُمْ. | ١٠ 10 |
««تۇتقۇن بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ، «قىلىچلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنلەر چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ». مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ. |
ثُمَّ رَأَيْتُ وَحْشًا آخَرَ طَالِعًا مِنَ ٱلْأَرْضِ، وَكَانَ لَهُ قَرْنَانِ شِبْهُ خَرُوفٍ، وَكَانَ يَتَكَلَّمُ كَتِنِّينٍ، | ١١ 11 |
مەن يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. |
وَيَعْمَلُ بِكُلِّ سُلْطَانِ ٱلْوَحْشِ ٱلْأَوَّلِ أَمَامَهُ، وَيَجْعَلُ ٱلْأَرْضَ وَٱلسَّاكِنِينَ فِيهَا يَسْجُدُونَ لِلْوَحْشِ ٱلْأَوَّلِ ٱلَّذِي شُفِيَ جُرْحُهُ ٱلْمُمِيتُ، | ١٢ 12 |
ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان ئاۋۋالقى دىۋىگە چوقۇندۇرىدۇ. |
وَيَصْنَعُ آيَاتٍ عَظِيمَةً، حَتَّى إِنَّهُ يَجْعَلُ نَارًا تَنْزِلُ مِنَ ٱلسَّمَاءِ عَلَى ٱلْأَرْضِ قُدَّامَ ٱلنَّاسِ، | ١٣ 13 |
ئۇ زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. |
وَيُضِلُّ ٱلسَّاكِنِينَ عَلَى ٱلْأَرْضِ بِٱلْآيَاتِ ٱلَّتِي أُعْطِيَ أَنْ يَصْنَعَهَا أَمَامَ ٱلْوَحْشِ، قَائِلًا لِلسَّاكِنِينَ عَلَى ٱلْأَرْضِ أَنْ يَصْنَعُوا صُورَةً لِلْوَحْشِ ٱلَّذِي كَانَ بِهِ جُرْحُ ٱلسَّيْفِ وَعَاشَ. | ١٤ 14 |
ئۇ ئاۋۋالقى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان ئالامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارغا «قىلىچ بىلەن يارىلانغان، لېكىن تىرىك قالغان» دېگەن ئاۋۋالقى دىۋىگە ئاتاپ بىر بۇت-ھەيكەل ياساپ تىكلەشنى تاپىلىدى. |
وَأُعْطِيَ أَنْ يُعْطِيَ رُوحًا لِصُورَةِ ٱلْوَحْشِ، حَتَّى تَتَكَلَّمَ صُورَةُ ٱلْوَحْشِ، وَيَجْعَلَ جَمِيعَ ٱلَّذِينَ لَا يَسْجُدُونَ لِصُورَةِ ٱلْوَحْشِ يُقْتَلُونَ. | ١٥ 15 |
دىۋىنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە نەپەس كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈش قۇدرىتى بېرىلدى. |
وَيَجْعَلَ ٱلْجَمِيعَ: ٱلصِّغَارَ وَٱلْكِبَارَ، وَٱلْأَغْنِيَاءَ وَٱلْفُقَرَاءَ، وَٱلْأَحْرَارَ وَٱلْعَبِيدَ، تُصْنَعُ لَهُمْ سِمَةٌ عَلَى يَدِهِمِ ٱلْيُمْنَى أَوْ عَلَى جَبْهَتِهِمْ، | ١٦ 16 |
ئۇ تۆۋەن ۋە كاتتا، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە تامغا باستۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. |
وَأَنْ لَا يَقْدِرَ أَحَدٌ أَنْ يَشْتَرِيَ أَوْ يَبِيعَ، إِلَّا مَنْ لَهُ ٱلسِّمَةُ أَوِ ٱسْمُ ٱلْوَحْشِ أَوْ عَدَدُ ٱسْمِهِ. | ١٧ 17 |
ئۇ يەنە بۇ تامغا، يەنى دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىدىكى رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايدۇ ياكى ساتالمايدۇ، دەپ بېكىتتى. |
هُنَا ٱلْحِكْمَةُ! مَنْ لَهُ فَهْمٌ فَلْيَحْسُبْ عَدَدَ ٱلْوَحْشِ، فَإِنَّهُ عَدَدُ إِنْسَانٍ، وَعَدَدُهُ: سِتُّمِئَةٍ وَسِتَّةٌ وَسِتُّونَ. | ١٨ 18 |
مانا بۇ يەردە ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ باقسۇن؛ چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمنىڭ رەقىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666دۇر. |