إِعْلَانُ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، ٱلَّذِي أَعْطَاهُ إِيَّاهُ ٱللهُ، لِيُرِيَ عَبِيدَهُ مَا لَابُدَّ أَنْ يَكُونَ عَنْ قَرِيبٍ، وَبَيَّنَهُ مُرْسِلًا بِيَدِ مَلَاكِهِ لِعَبْدِهِ يُوحَنَّا، | ١ 1 |
بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى، يەنى خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ قۇلى يۇھانناغا ئالامەتلەر بىلەن ئايان قىلدى. |
ٱلَّذِي شَهِدَ بِكَلِمَةِ ٱللهِ وَبِشَهَادَةِ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ بِكُلِّ مَا رَآهُ. | ٢ 2 |
يۇھاننا بولسا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھەمدە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى گۇۋاھلىققا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. |
طُوبَى لِلَّذِي يَقْرَأُ وَلِلَّذِينَ يَسْمَعُونَ أَقْوَالَ ٱلنُّبُوَّةِ، وَيَحْفَظُونَ مَا هُوَ مَكْتُوبٌ فِيهَا، لِأَنَّ ٱلْوَقْتَ قَرِيبٌ. | ٣ 3 |
بۇ بېشارەتنى ئوقۇپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئىتائەت قىلغۇچى بەختلىكتۇر! چۈنكى ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر. |
يُوحَنَّا، إِلَى ٱلسَّبْعِ ٱلْكَنَائِسِ ٱلَّتِي فِي أَسِيَّا: نِعْمَةٌ لَكُمْ وَسَلَامٌ مِنَ ٱلْكَائِنِ وَٱلَّذِي كَانَ وَٱلَّذِي يَأْتِي، وَمِنَ ٱلسَّبْعَةِ ٱلْأَرْوَاحِ ٱلَّتِي أَمَامَ عَرْشِهِ، | ٤ 4 |
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا [ئۆلكىسىدىكى] يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن |
وَمِنْ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ ٱلشَّاهِدِ ٱلْأَمِينِ، ٱلْبِكْرِ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ، وَرَئِيسِ مُلُوكِ ٱلْأَرْضِ: ٱلَّذِي أَحَبَّنَا، وَقَدْ غَسَّلَنَا مِنْ خَطَايَانَا بِدَمِهِ، | ٥ 5 |
ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان |
وَجَعَلَنَا مُلُوكًا وَكَهَنَةً لِلهِ أَبِيهِ، لَهُ ٱلْمَجْدُ وَٱلسُّلْطَانُ إِلَى أَبَدِ ٱلْآبِدِينَ. آمِينَ. (aiōn g165) | ٦ 6 |
ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! (aiōn g165) |
هُوَذَا يَأْتِي مَعَ ٱلسَّحَابِ، وَسَتَنْظُرُهُ كُلُّ عَيْنٍ، وَٱلَّذِينَ طَعَنُوهُ، وَيَنُوحُ عَلَيْهِ جَمِيعُ قَبَائِلِ ٱلْأَرْضِ. نَعَمْ آمِينَ. | ٧ 7 |
مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن! |
«أَنَا هُوَ ٱلْأَلِفُ وَٱلْيَاءُ، ٱلْبِدَايَةُ وَٱلنِّهَايَةُ» يَقُولُ ٱلرَّبُّ ٱلْكَائِنُ وَٱلَّذِي كَانَ وَٱلَّذِي يَأْتِي، ٱلْقَادِرُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ. | ٨ 8 |
مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا. |
أَنَا يُوحَنَّا أَخُوكُمْ وَشَرِيكُكُمْ فِي ٱلضِّيقَةِ وَفِي مَلَكُوتِ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ وَصَبْرِهِ. كُنْتُ فِي ٱلْجَزِيرَةِ ٱلَّتِي تُدْعَى بَطْمُسَ مِنْ أَجْلِ كَلِمَةِ ٱللهِ، وَمِنْ أَجْلِ شَهَادَةِ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ. | ٩ 9 |
سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھەم سىلەر بىلەن بىرگە ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار بولغان مەنكى يۇھاننا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن پاتموس دېگەن ئارالدا [مەھبۇس] بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. |
كُنْتُ فِي ٱلرُّوحِ فِي يَوْمِ ٱلرَّبِّ، وَسَمِعْتُ وَرَائِي صَوْتًا عَظِيمًا كَصَوْتِ بُوقٍ | ١٠ 10 |
«رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن، كەينىمدىن كاناي ئاۋازىدەك كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. |
قَائِلًا: «أَنَا هُوَ ٱلْأَلِفُ وَٱلْيَاءُ. ٱلْأَوَّلُ وَٱلْآخِرُ. وَٱلَّذِي تَرَاهُ، ٱكْتُبْ فِي كِتَابٍ وَأَرْسِلْ إِلَى ٱلسَّبْعِ ٱلْكَنَائِسِ ٱلَّتِي فِي أَسِيَّا: إِلَى أَفَسُسَ، وَإِلَى سِمِيرْنَا، وَإِلَى بَرْغَامُسَ، وَإِلَى ثِيَاتِيرَا، وَإِلَى سَارْدِسَ، وَإِلَى فِيلَادَلْفِيَا، وَإِلَى لَاوُدِكِيَّةَ». | ١١ 11 |
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت» دېدى. |
فَٱلْتَفَتُّ لِأَنْظُرَ ٱلصَّوْتَ ٱلَّذِي تَكَلَّمَ مَعِي. وَلَمَّا ٱلْتَفَتُّ رَأَيْتُ سَبْعَ مَنَايِرَ مِنْ ذَهَبٍ، | ١٢ 12 |
ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان |
وَفِي وَسْطِ ٱلسَّبْعِ ٱلْمَنَايِرِ شِبْهُ ٱبْنِ إِنْسَانٍ، مُتَسَرْبِلًا بِثَوْبٍ إِلَى ٱلرِّجْلَيْنِ، وَمُتَمَنْطِقًا عِنْدَ ثَدْيَيْهِ بِمِنْطَقَةٍ مِنْ ذَهَبٍ. | ١٣ 13 |
ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. |
وَأَمَّا رَأْسُهُ وَشَعْرُهُ فَأَبْيَضَانِ كَٱلصُّوفِ ٱلْأَبْيَضِ كَٱلثَّلْجِ، وَعَيْنَاهُ كَلَهِيبِ نَارٍ. | ١٤ 14 |
ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. |
وَرِجْلَاهُ شِبْهُ ٱلنُّحَاسِ ٱلنَّقِيِّ، كَأَنَّهُمَا مَحْمِيَّتَانِ فِي أَتُونٍ. وَصَوْتُهُ كَصَوْتِ مِيَاهٍ كَثِيرَةٍ. | ١٥ 15 |
پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى. |
وَمَعَهُ فِي يَدِهِ ٱلْيُمْنَى سَبْعَةُ كَوَاكِبَ، وَسَيْفٌ مَاضٍ ذُو حَدَّيْنِ يَخْرُجُ مِنْ فَمِهِ، وَوَجْهُهُ كَٱلشَّمْسِ وَهِيَ تُضِيءُ فِي قُوَّتِهَا. | ١٦ 16 |
ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى. |
فَلَمَّا رَأَيْتُهُ سَقَطْتُ عِنْدَ رِجْلَيْهِ كَمَيِّتٍ، فَوَضَعَ يَدَهُ ٱلْيُمْنَى عَلَيَّ قَائِلًا لِي: «لَا تَخَفْ، أَنَا هُوَ ٱلْأَوَّلُ وَٱلْآخِرُ، | ١٧ 17 |
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ــ قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى |
وَٱلْحَيُّ. وَكُنْتُ مَيْتًا، وَهَا أَنَا حَيٌّ إِلَى أَبَدِ ٱلْآبِدِينَ! آمِينَ. وَلِي مَفَاتِيحُ ٱلْهَاوِيَةِ وَٱلْمَوْتِ. (aiōn g165, Hadēs g86) | ١٨ 18 |
ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر! (aiōn g165, Hadēs g86) |
فَٱكْتُبْ مَا رَأَيْتَ، وَمَا هُوَ كَائِنٌ، وَمَا هُوَ عَتِيدٌ أَنْ يَكُونَ بَعْدَ هَذَا. | ١٩ 19 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەن ئىشلارنى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە بۇلاردىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. |
سِرُّ ٱلسَّبْعَةِ ٱلْكَوَاكِبِ ٱلَّتِي رَأَيْتَ عَلَى يَمِينِي، وَٱلسَّبْعِ ٱلْمَنَايِرِ ٱلذَّهَبِيَّةِ: ٱلسَّبْعَةُ ٱلْكَوَاكِبُ هِيَ مَلَائِكَةُ ٱلسَّبْعِ ٱلْكَنَائِسِ، وَٱلْمَنَايِرُ ٱلسَّبْعُ ٱلَّتِي رَأَيْتَهَا هِيَ ٱلسَّبْعُ ٱلْكَنَائِسِ». | ٢٠ 20 |
سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق ــ يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر. |