< اَلْمَزَامِيرُ 66 >

لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. تَسْبِيحَةٌ. مَزْمُورٌ اِهْتِفِي لِلهِ يَا كُلَّ ٱلْأَرْضِ! ١ 1
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، كۈي-ناخشا: ــ پۈتكۈل جاھان، خۇشاللىق بىلەن خۇداغا تەنتەنە قىلىڭلار!
رَنِّمُوا بِمَجْدِ ٱسْمِهِ. ٱجْعَلُوا تَسْبِيحَهُ مُمَجَّدًا. ٢ 2
ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناخشا قىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرىنى شەرەپلىك قىلىڭلار!
قُولُوا لِلهِ: «مَا أَهْيَبَ أَعْمَالَكَ! مِنْ عِظَمِ قُوَّتِكَ تَتَمَلَّقُ لَكَ أَعْدَاؤُكَ. ٣ 3
خۇداغا: «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛
كُلُّ ٱلْأَرْضِ تَسْجُدُ لَكَ وَتُرَنِّمُ لَكَ. تُرَنِّمُ لِٱسْمِكَ». سِلَاهْ. ٤ 4
بارلىق يەر يۈزىدىكىلەر ساڭا سەجدە قىلىپ، سېنى كۈيلەپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ؛ ئۇلار نامىڭنى كۈيلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ» ــ دەڭلار! سېلاھ!
هَلُمَّ ٱنْظُرُوا أَعْمَالَ ٱللهِ. فِعْلَهُ ٱلْمُرْهِبَ نَحْوَ بَنِي آدَمَ! ٥ 5
كېلىڭلار، خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار؛ ئىنسان بالىلىرى ئالدىدا قىلغان كارامەتلىرى قورقۇنچلۇقتۇر.
حَوَّلَ ٱلْبَحْرَ إِلَى يَبَسٍ، وَفِي ٱلنَّهْرِ عَبَرُوا بِٱلرِّجْلِ. هُنَاكَ فَرِحْنَا بِهِ. ٦ 6
ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛ [ئەجدادلىرىمىز] دەريادىنمۇ پىيادە ئۆتتى؛ بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق.
مُتَسَلِّطٌ بِقُوَّتِهِ إِلَى ٱلدَّهْرِ. عَيْنَاهُ تُرَاقِبَانِ ٱلْأُمَمَ. ٱلْمُتَمَرِّدُونَ لَا يَرْفَعُونَ أَنْفُسَهُمْ. سِلَاهْ. ٧ 7
ئۇ قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەللەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ؛ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار مەغرۇرلانمىسۇن! سېلاھ!
بَارِكُوا إِلَهَنَا يَا أَيُّهَا ٱلشُّعُوبُ، وَسَمِّعُوا صَوْتَ تَسْبِيحِهِ. ٨ 8
ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە-ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار!
ٱلْجَاعِلَ أَنْفُسَنَا فِي ٱلْحَيَاةِ، وَلَمْ يُسَلِّمْ أَرْجُلَنَا إِلَى ٱلزَّلَلِ. ٩ 9
ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ.
لِأَنَّكَ جَرَّبْتَنَا يَا ٱللهُ. مَحَصْتَنَا كَمَحْصِ ٱلْفِضَّةِ. ١٠ 10
چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ.
أَدْخَلْتَنَا إِلَى ٱلشَّبَكَةِ. جَعَلْتَ ضَغْطًا عَلَى مُتُونِنَا. ١١ 11
سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۇڭ؛ بېلىمىزگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىدىڭ.
رَكَّبْتَ أُنَاسًا عَلَى رُؤُوسِنَا. دَخَلْنَا فِي ٱلنَّارِ وَٱلْمَاءِ، ثُمَّ أَخْرَجْتَنَا إِلَى ٱلْخِصْبِ. ١٢ 12
خەقلەرنى بېشىمىزغا مىندۈردۈڭ؛ بىز ئوت ۋە كەلكۈننى بېسىپ ئۆتتۇق؛ سەن ئاخىر بىزنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ.
أَدْخُلُ إِلَى بَيْتِكَ بِمُحْرَقَاتٍ، أُوفِيكَ نُذُورِي ١٣ 13
مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛
ٱلَّتِي نَطَقَتْ بِهَا شَفَتَايَ، وَتَكَلَّمَ بِهَا فَمِي فِي ضِيقِي. ١٤ 14
بەرھەق، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە لەۋلىرىم چىقارغان، ئېغىزىم ئېيتقان ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.
أُصْعِدُ لَكَ مُحْرَقَاتٍ سَمِينَةً مَعَ بْخُورِ كِبَاشٍ. أُقَدِّمُ بَقَرًا مَعَ تُيُوسٍ. سِلَاهْ. ١٥ 15
مەن ساڭا بورداق ماللارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن، قوچقارلارنىڭ يېغىنى خۇش پۇرىتىپ كۆيدۈرىمەن؛ ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلەرنى ئەكىلىپ سۇنىمەن. سېلاھ!
هَلُمَّ ٱسْمَعُوا فَأُخْبِرَكُمْ يَا كُلَّ ٱلْخَائِفِينَ ٱللهَ بِمَا صَنَعَ لِنَفْسِي. ١٦ 16
خۇدادىن ئەيمىنگۈچى ھەممىڭلار، كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىنى بايان قىلىمەن؛
صَرَخْتُ إِلَيْهِ بِفَمِي، وَتَبْجِيلٌ عَلَى لِسَانِي. ١٧ 17
ئاغزىم ئېچىپ ئۇنىڭغا پەرياد كۆتۈردۈم، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىغان مەدھىيىلەر تىلىمدا بولدى.
إِنْ رَاعَيْتُ إِثْمًا فِي قَلْبِي لَا يَسْتَمِعُ لِيَ ٱلرَّبُّ. ١٨ 18
كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، رەب [دۇئايىمنى] ئاڭلىمىغان بولاتتى.
لَكِنْ قَدْ سَمِعَ ٱللهُ. أَصْغَى إِلَى صَوْتِ صَلَاتِي. ١٩ 19
بىراق خۇدا ئاڭلىدى؛ ئۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالدى.
مُبَارَكٌ ٱللهُ، ٱلَّذِي لَمْ يُبْعِدْ صَلَاتِي وَلَا رَحْمَتَهُ عَنِّي. ٢٠ 20
خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ياغدۇرۇلسۇن! ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ياندۇرمىدى، ھەم مەندىن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەتمىدى!

< اَلْمَزَامِيرُ 66 >