مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ لَمَّا كَانَ فِي بَرِّيَّةِ يَهُوذَا يَا ٱللهُ، إِلَهِي أَنْتَ. إِلَيْكَ أُبَكِّرُ. عَطِشَتْ إِلَيْكَ نَفْسِي، يَشْتَاقُ إِلَيْكَ جَسَدِي فِي أَرْضٍ نَاشِفَةٍ وَيَابِسَةٍ بِلَا مَاءٍ، | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ |
لِكَيْ أُبْصِرَ قُوَّتَكَ وَمَجْدَكَ. كَمَا قَدْ رَأَيْتُكَ فِي قُدْسِكَ. | ٢ 2 |
مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك، مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم! |
لِأَنَّ رَحْمَتَكَ أَفْضَلُ مِنَ ٱلْحَيَاةِ. شَفَتَايَ تُسَبِّحَانِكَ. | ٣ 3 |
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ |
هَكَذَا أُبَارِكُكَ فِي حَيَاتِي. بِٱسْمِكَ أَرْفَعُ يَدَيَّ. | ٤ 4 |
شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن. |
كَمَا مِنْ شَحْمٍ وَدَسَمٍ تَشْبَعُ نَفْسِي، وَبِشَفَتَيْ ٱلِٱبْتِهَاجِ يُسَبِّحُكَ فَمِي. | ٥ 5 |
جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛ |
إِذَا ذَكَرْتُكَ عَلَى فِرَاشِي، فِي ٱلسُّهْدِ أَلْهَجُ بِكَ، | ٦ 6 |
ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن. |
لِأَنَّكَ كُنْتَ عَوْنًا لِي، وَبِظِلِّ جَنَاحَيْكَ أَبْتَهِجُ. | ٧ 7 |
چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن. |
اِلْتَصَقَتْ نَفْسِي بِكَ. يَمِينُكَ تَعْضُدُنِي. | ٨ 8 |
مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە. |
أَمَّا ٱلَّذِينَ هُمْ لِلتَّهْلُكَةِ يَطْلُبُونَ نَفْسِي، فَيَدْخُلُونَ فِي أَسَافِلِ ٱلْأَرْضِ. | ٩ 9 |
بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. |
يُدْفَعُونَ إِلَى يَدَيِ ٱلسَّيْفِ. يَكُونُونَ نَصِيبًا لِبَنَاتِ آوَى. | ١٠ 10 |
ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ، ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ. |
أَمَّا ٱلْمَلِكُ فَيَفْرَحُ بِٱللهِ. يَفْتَخِرُ كُلُّ مَنْ يَحْلِفُ بِهِ، لِأَنَّ أَفْوَاهَ ٱلْمُتَكَلِّمِينَ بِٱلْكَذِبِ تُسَدُّ. | ١١ 11 |
لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ. |