< اَلْمَزَامِيرُ 62 >

لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى «يَدُوثُونَ». مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ إِنَّمَا لِلهِ ٱنْتَظَرَتْ نَفْسِي. مِنْ قِبَلِهِ خَلَاصِي. ١ 1
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر.
إِنَّمَا هُوَ صَخْرَتِي وَخَلَاصِي، مَلْجَإِي، لَا أَتَزَعْزَعُ كَثِيرًا. ٢ 2
پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
إِلَى مَتَى تَهْجِمُونَ عَلَى ٱلْإِنْسَانِ؟ تَهْدِمُونَهُ كُلُّكُمْ كَحَائِطٍ مُنْقَضٍّ، كَجِدَارٍ وَاقِعٍ! ٣ 3
سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى، ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟
إِنَّمَا يَتَآمَرُونَ لِيَدْفَعُوهُ عَنْ شَرَفِهِ. يَرْضَوْنَ بِٱلْكَذِبِ. بِأَفْوَاهِهِمْ يُبَارِكُونَ وَبِقُلُوبِهِمْ يَلْعَنُونَ. سِلَاهْ. ٤ 4
ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. سېلاھ.
إِنَّمَا لِلهِ ٱنْتَظِرِي يَا نَفْسِي، لِأَنَّ مِنْ قِبَلِهِ رَجَائِي. ٥ 5
ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر.
إِنَّمَا هُوَ صَخْرَتِي وَخَلَاصِي، مَلْجَإِي فَلَا أَتَزَعْزَعُ. ٦ 6
پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
عَلَى ٱللهِ خَلَاصِي وَمَجْدِي، صَخْرَةُ قُوَّتِي مُحْتَمَايَ فِي ٱللهِ. ٧ 7
نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر.
تَوَكَّلُوا عَلَيْهِ فِي كُلِّ حِينٍ يَا قَوْمُ. ٱسْكُبُوا قُدَّامَهُ قُلُوبَكُمْ. ٱللهُ مَلْجَأٌ لَنَا. سِلَاهْ. ٨ 8
ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ.
إِنَّمَا بَاطِلٌ بَنُو آدَمَ. كَذِبٌ بَنُو ٱلْبَشَرِ. فِي ٱلْمَوَازِينِ هُمْ إِلَى فَوْقُ. هُمْ مِنْ بَاطِلٍ أَجْمَعُونَ. ٩ 9
ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق، ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛ تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق، بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
لَا تَتَّكِلُوا عَلَى ٱلظُّلْمِ وَلَا تَصِيرُوا بَاطِلًا فِي ٱلْخَطْفِ. إِنْ زَادَ ٱلْغِنَى فَلَا تَضَعُوا عَلَيْهِ قَلْبًا. ١٠ 10
زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛ بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار، بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛
مَرَّةً وَاحِدَةً تَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ، وَهَاتَيْنِ ٱلِٱثْنَتَيْنِ سَمِعْتُ: أَنَّ ٱلْعِزَّةَ لِلهِ، ١١ 11
خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر».
وَلَكَ يَارَبُّ ٱلرَّحْمَةُ، لِأَنَّكَ أَنْتَ تُجَازِي ٱلْإِنْسَانَ كَعَمَلِهِ. ١٢ 12
ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن.

< اَلْمَزَامِيرُ 62 >